|
|
|
|
دۈشەنبە(29-ئىيول) ئاسىيا بازىرى ،دوللار قىممىتى 81.537 ئەتراپىدا بۇلۇپ ،20 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىققا قىستاپ كەلدى.ئالتۇن ئوتتۇرچە سىزىقى ھەر ئونسىيەسى 1326 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ .ئالدىنقى جۈمە كۈنى كىرىس شەكىللىك شام سىزىقى بۇلۇپ بازار يېپىلغانىدى، چۈنكى بازار ئاساسلىق بۇ ھەپتىدىكى چوڭ ئۇچۇرلارنى ساقلاۋاتىدۇ .
29-ئىيولدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نوقتىلار
دۈشەنبە (29-ئىيول) بۇ ھەپتىدىكى ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار بىرقەدەت ئاز .ئىقتىسادى خەۋەرلەرمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان بىر ھەپتە ،پۇتۇن دۇنيادىكى پۇل مۇئامىلە مەبلەق بازىرىدىكى مەبلەقچىلەر ئەڭ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا .مەبلەق سالغۇچىلار سودا قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ياخشى .ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ يغىنى قارارى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ،بازار ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتى پىلانىدىن چىكىنىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ ،شۇڭلاشقا بازار ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىۋاتىدۇ .بۈگۈن كەچ ئېلان قىلىنىدىغان ئامرىكىنىڭ پۈتۈپ بولغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش ئومومى سانىغا دىققەت قىلىڭ ،ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان ئامرىكىنىڭ ئۆي مۈلۈك بازىرى ئۇچۇرلىرى ياخشى چىققان ئىدى .
(سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ،بۇگۈنكىدەك چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com/
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى265 يۈەن
|
|
|
|
|
|