مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 181|ئىنكاس: 3

ئەرتېكىن: تۇرمۇشتا... (شېئىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:56:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇرمۇشتا...
(شېئىر)

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
qay345.gif


تۇرمۇشتا بەكمۇ كۆپ كۈلكىلىك ئىشلار،
كېملەردۇر ئۆتىدۇ كېملەرنى تىللاپ.
بىراۋلار يىغلىسا ئاچچىق ياش تۆكۈپ،
بىراۋلار كۈتىدۇ كېمنىدۇر چىللاپ.

كېملەردۇر ياراتماي باشقىلارنى ھېچ،
يېلىنار كېمگىدۇر يۈزىنى سىيلاپ.
توقلۇقتىن كېكىرىپ تۇرسا بۇ جاھان،
ئاچلىقتىن ياتىدۇ بىر بايقۇش يىغلاپ.

بەدىنى كۈن كۆرمەي ئۆتكەن كېملەركىن،
دېھقانچۇ؟! يۈرۈيدۇ ئېتىزنى قىغلاپ.
بەزىلەر ھاياتقا قانماي كېتىدۇ،
بەزىلەر يۈرمەكتە كوچىنى چىڭداپ.

بىر ئەركەك ئۆيىدە بالا باقىدۇ،
مەھبۇبى سورۇندا يۈرەر شىپىلداپ.
مەستلىكتە قەي قىلىپ ياتماقتا بىرسى،
تولغىنار بىر ئايال تەرلەپ چىپلداپ.

كېمدۇر ئۇ پايپىتەك قازان بېشىدا،
كېمدۇر ئۇ جۆيلۈگەن تاتلىق پىچىرلاپ.
كېمدۇر ئۇ قار ياغقان قاپاق ئالدىدا،
گۇناھكار سانىلىپ تۇرغان مىشىلداپ.

يۈگۈرۈپ-يۈگۈرۈپ يۈرسە ھەر ئادەم،
ماڭماقتا دەلتىدەك بىرسى مىسلداپ.
تەر تۆكۈپ بىراۋلار تاپسا بەش يارماق،
بىر يېگىت كەلمەكتە يانچۇق تىمسىقلاپ.

سىر ئەمەس ھەر كىمگە ئىپارخان، نۇزگۇم،
يىل، دىللار ئۆتىمىز سۆيۈپ ئىششىقلاپ.
ۋەلېكىن خېلۋەتتە تالاي جانانلار،
ھەر قېلىن لەۋلەرنى شۈمەر غىلجىڭلاپ.

تاتلىققا ئۆچمىكىن؟ تۇرار بىر مەزلۇم -
زەھەرنى كاللەكلەپ نەگىدۇر چىڭداپ.
بىر ئاتا ئوغلىنى ئۇزاتتى بالدۇر،
ئۆلمىگەچ بەزىلەر كەتتى يىرىڭداپ.

تەبىئەت نېمىشقا مەينەت يۈردىكىن؟
ياغدۇردى ھېلىلا تۇپا چىپلداپ.
كېملەردۇر كاكىراپ قىلماقتا نەغمە،
بوۋامنىڭ ئۈنلىرى چىقار كىسىلداپ...

(«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 2013-يىل 20-مايدىكى «جەنۇب شامىلى» ئەدەبىي بېتىدە ئېلان قىلىنغان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-29 05:37 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5314
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 09:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى شېئىرلار ئىكەن. رەھىمەت سىزگە . مانا مۇشۇنداق ياخشى شىېئىرلارنى دائىىم كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1860
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 09:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتا بەكمۇ كۆپ كۈلكىلىك ئىشلار،
كېملەردۇر ئۆتىدۇ كېملەرنى تىللاپ.
بىراۋلار يىغلىسا ئاچچىق ياش تۆكۈپ،
بىراۋلار كۈتىدۇ كېمنىدۇر چىللاپ.


بۇ مىسرانى ياقتۇردۇم ، شىئىرىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە بارىكاللا .

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95690
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 09:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرىڭزىنى ياقتۇردۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش