بۇلارغا نىمە دىگۈلۈك...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇھتىرەم قىرىنداشلار، مەن مىسرانىم مۇنبىرىغا يىڭىدىن تىزىملىتىپ كىرگەن يىڭى ئەزا، يوللىماقچى بولغان بۇ تىمام مۇنبەرگە يوللىغان تۇنجى تىمامدۇر، بۇ تۇنجىسى بولغانكەن خاتالىقلار كوپ بولىدۇ ئەلۋەتتە، مەن يىزىقچىلىقنىمۇ ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيمەن، بەدىئى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، شۇڭا بەزى سۆز جۈملەلىرىم باغلاشمىغان، تىمامدىكى ۋەقەلىكنىڭ باش ئاخىرى ماسلاشمىغان جايلىرى بولسا ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىڭلارنى، مازاق قىلماي سەمىمى تەكلىپ پىكىر بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن بىكار بولۇپ قالساملا پىيادە شەھەر ئايلىنىشنى ياقتۇراتتىم، قايسى كۈنى ئايلىنىپ يۇرۇپ كوڭۇلنى غەش قىلىدىغا ن مۇنداق بىر ئىشقا يۇلۇقتۇم. بۇ ئىشنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشاش مەقسىتىدە مۇنبەرگە يوللىدىم .
ئىتتىپاق مەيدانىدىكى يۈدۇ مىھمانخانىسىنىڭ ئادىدا ئاكام بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتۇق، بىزدىن 6-7 مىتىرچە نىرىدا بىر ئوغۇل ئىككى قىز ئۈچەيلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىكەن، ئوغۇل بالا بولسا چىچىنى چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش ئوتتۇرسىنى خورازنىڭ تاجىسىدەك ئىگىزقىلىپ دىڭگايتىپ ئىككى يان تەرپىنى پەس قويىۋالغان، چىچىنىڭ دىڭگىيىپ تۇرغان يەرلىرىنى قىزىل، سىرىق، كۆك، يىشىل قاتارلىق رەڭلەر بىلەن بويىۋالغان، بىر قاراپ ئۇنى باشقا مىللەت دەپ ئويلىغان ئىدىم بىراق گىپىنى ئاڭلاپ ئۇيغۇركەن دىدىم، قاراشتىنلا ئۇنىڭ دىسكوخانا،ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانا، تورخانا قاتارلىقلاردىن چىقمايدىغان ئويۇن قىپى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، قىزلارنىڭ بىرى سەل سىمىزرەك يۈزلىرى يۇمىلاق سىرىق چىراي، يەنە بىرى ئورۇق زىلۋا چىرايلىق ئوماق قىز بولۇپ ھەرئىككىلىسى رەتلىك كىيىنگەن ياغلىق چىگىۋالغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئىدى، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ياش قورامىدىن قارىغاندا 15-16 ياشلار چامىسىدا بولۇپ بەك بولسا تۇلۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللقىدا ئوقويدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ چىقاتتى (ئوقوغۇچى بولىشىمۇ مومكىن).
ئۇلارنىڭ دەسلەپ نىمە دىيىشكەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى بارا-بارا ئۈنلەشكە باشلىدى.
ـ ھوي جالاپ سەن نىمە دەپ بۇنى ئۇ سۇرۇنغا چاقىرىسەن؟ ئاڭلىسام يەنە باشقا ئوغۇللارنىمۇ چاقىرىپ سەنغۇ؟
-كىم شۇنداق دەيدۇ؟ ھە گەپ قىلە ساڭا كىم شۇنداق دەيدۇ؟
ـ توختاپ تۇر كىمنىڭ دىگەنلىكىنى ئاۋۇ مۇھاببىتىڭ دىگەن ھىجىقىز كەنسۇن ما يەرگە ئاندىن بىلىسەن جۇما پاسكىنا قانجىق ؟!
ـ ھە ھىجىقىز دەيسەنغۇ ؟ ئاخشام قوينىدا مەن ياتسام ئەجەپ سەن ھىجىقىز دەيسىنا؟ سەنمۇ بىللە ياتتىڭمۇ يا؟ ھۇ رەسۋا... ئۇ دىگەن جىڭ ئەكەك جۇما ...؟
ـ مەن ساڭا ئوخشىمايمەن كىم كەلسە بىللە ياتىدىغان.
شۇنداق دىيىشكەچ ئىككى قىز تۇتۇشۇپ قالدى ، بىر بىرىنىڭ چىچىنى تۇتۇشقىنىچە يەردە دومىلاشقا باشلىدى، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ھىلىقى ئوغۇل ئۇلارنى ئايرىماقتا يوق يۇگۇرگەن پىتى يەر ئاسىتىدىكى ئىلىكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقخانىغا كىرىپ كەتتى دە ئۆزىىنى چەتكە ئالدى. بىردەمنىڭ ئىچىدە قىزلاردىكى بايامقى نوچىلىق كورۇنمەي قالدى، ئۇلار ھە دەپ بىرى بىرىنىڭ چاچلىرىنى يۇلاتتى، مۇشلايتتى، دومىلىشىپ قايسى ئۈستىگە چىقىۋالسا ئاستىدىكىنى دەسسەيتتى،ئۇلارنىڭ چاچلىرى پاخپىيىپ ساراڭ خوتۇننىڭ چىچىغا ئوخشاپ قالدى، كىيىملىرىمۇ توپىغا مىلىنىپ كەتتى، قوللىرىدىكى چىرايلىق سومكىلىرى يۇلقۇنۇپ چىقىپ يەرگە چۇشۇشتى، سومكىنىڭ ئىچىدىكى ھەرخىل گىرىم بۇيۇملار،ئەينەك،تاغاقلار،يانفۇنلار تەرەپ تەرەپكە چاچراپ كەتتى. قىزلار بوغۇشۇپ، چاچلىرىنى يۇلۇشۇپ پومىداقلاشماقتائىدى. بىردەمنىڭ ئىچىدە ئەتراپتىكىلەر يىغىلدى، توپ ئارىسىدىن كىچىكرەك كەلگەن بىر قىز ئۇلارنى ئايرىدى، ئۇلارمۇ ئۇرۇشۇپ چارچىغان چىغى ئاسانلا ئايرىلدى، قارىغاندا ئورۇق زىلۋاراق كەلگەن قىز بەكرەك يەپكەتكەن بولسا كىرەك ئۇ قوپۇپلا تىلىفۇننى ئىزدەپ يەردىن تىلىفۇن بىلەن مىيىنى تىرىپ ئىلىپ قوراشتۇرۇپ تىلىفۇن ئۇردى، يەنە بىرسى بولسا چەتىنى كىرىپ ئىككى قولىنى بىلىگە تىرەپ تۇرۇپ ،
ـ ھە چاقىرىدىغان ئادىمىڭ بولسا چاقىرە ! مەن تەييار مانا ـ دەپ ھىلىقىنى يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا قاراپ تۇراتتى،ئورۇق قىز گەپ سۆز قىلماي تىلىفۇن ئۇراتتى،لىكىن تىلىفۇنى ئۇلانمايۋاتاتتى، تىلىفۇن ئۇلانمىغاندىن كىيىن ئۇلار گەپ سۆزسىز بىربىرىگە مىختەك قادىلىپ تۇراتتى.
جىدەل بىسىققاندىن كىيىن ھىلىقى ئوغۇل قاياقتىندۇر پەيدا بولۇپ قىزلارنى ئاستا چاقىرىپ بىر نىمىلەرنى دىدى دە يەنە ئۈچى بىللە كىتىپ قالدى.
ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئەتراپتىكىلەردە ئوخشىمىغان ئىنكاسلار بولدى. مەن ئويلاپ قالدىم بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىز كىچىك قىزلارنى ئازدۇرىۋاتسا، قىزلىرىمىز بولسا كىچىككىنە تۇرۇپ ئوغۇللارنى تالىشىپ ئىتتىپاق مەيدانىدا (گۇاڭچاڭدا) ھەقسىز ئويۇن قويىۋاتسا، ئۇلارنىڭ دىيىشكەن گەپلىرىچۇ تىخى، خىلى يىتىشكەن پاھىشلەرمۇ ئىغىزىدىن چىقىرالمايدىغا (خىجىل بولۇپ) گەپلەرنى قىلىۋاتسا،.....؟؟؟ بۇقىزلارمۇ ئۇزۇنغا بارمايلا ياتلىق بولا،كىيىن تەگكەن ئىرىغا يۈز كىلەلەمۇ؟ ئۇلارمۇ ئانا بولا، بۇنداق ئانىلارنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان بالىلىرىمىز كىيىنچە قانداقمۇ مىللەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بىرەلە؟مىنىڭچە بۇنداق ئانىلار بالا ئەمەس بالا (بالايى ئاپەت) تەربىيەلەپ، جەمىيەتكە بىر ئۇچۇم داشقال يىتىشتۈرۈپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئۇرنىغا بولغان بىسىمنى ئاشۇرۇشقا توھپە قوشوشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەسلىكى مومكىن. ھەي...!؟!؟... مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسىدىكى ئانىلىرى !!!!....
مەنبە : ئويلىغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-30 03:21 AM