ئادەتتىكى ئەزا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار. توردىشىمىز bugaltir مۇراجەتنامە دىگەن تىمىنى يوللىغاندىن كىيىن تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ئىنكاسى كۈشلۈك بولدى. مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم بىرقىسىم تورداشلار بىلەن بىرگە كىرىپ بىمارنى يوقلاپ چىقتۇق. بۇ تىما يوللانغاندىن بۇيان بۇ پەرزەنتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۈلىۋاتقان قېرىنداشلارغا پەرزەنتىمىزنىڭ 2013.07.27 كۈنىدىكى ئەۋالىنى قىسقىچە چۈشەنچۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن. (ئەسلى بۇرۇنقى تىما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدىلا يوللاپ قۇياي دىگەن ئىدىم. بۇرۇنقى تىمىغا ئىنكاس يازغىلى بولمىدى)
2013.07.27 كۈنى ئۈزۈلمەس رىشتى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش توپى، جۇلا سەنئەت تورى ۋە جەمىيەتتىكى بىرقىسىم ئاق كۆڭۈل كىشىللىرىمى نامىدا پەرزەنتىمىز مەدىنەدىن ھال سۇراپ باردۇق. پەرزەتنىتىمىزنىڭ شۇ كۈنكى ھالىتى تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
رەسىملەرنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ پەرزەنتىمىزنىڭ ياخشى بوپ كەتكەنلىكىنى بىلۋالدىڭىزغۇ دەيمەن. ھازىر قۇساق قىسىمدا ئالقاندەك يارا قالغان بۇلۇپ شۇ يارا چۈشۈپ تىرىڭدىغان ئۇرۇنلار ئەسلىگە كەلسە 1- قېتىملىق ئوپىراسىيە قىلىنىدىكەن. پەرزەنتىمىزنىڭ ئاتا - ئانىسى تورداشلارغا سالام يوللاش بىلەن يېقىندىن ياردەمدە بولغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سالىمىنى يەتكۈزۈشۈمنى تاپىلىدى. مەن ئۈزۈممۇ شۇ ساخاۋەتلىك قوللارغا، ساخاۋەتلىك كىشىللىرىمىزگە سالانەتلىك، ئائىلىسىگە بەركەت، بەخىت، كامىل ئىمان تىلەيمەن. پەرزەنتىمىزنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق تۈردە يوللاپ تۇرىلىدۇ.
پاش قىلىش
يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى
ئالىي ئەزا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئاللاھ ساخاۋەتلىك قوللارغا بەرىكەتلەر بەرسۇن ... دۇنيا يەنە مېھر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. تاما-تاما كۆل بولار دەپتىكەن .....ئېللىقلىق يەتكۈزۈش توپىنىڭ تېخىمۇ زورىيشىغا جەمئىيتىمىزدىكى ياردەمگە مۇھتاج كىشلەرنىڭ بۇ ئىللىقلىقتىن بەھىرىمەن بولۇپ ئەڭ قېيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۇۋىلپ خاتىرجەم كۈنلىرىنى باشلىۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ... ئاللاھ خالسا مەنمۇ بۇ توپقا قېتىلىمەن .
مەدىنە سېڭلىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقىنىدىن خوش بولدۇم ،ئاللاھ شىپاتلىق بىرىپ كىسەل كارۋىتىدىن تېزرەك تۇرۇپ كەتكەي!
بۇ سېڭلىمىزنىڭ كېسەل ئازابىدىن تېزرەك قۇتۇلۇپ كېتىشى ئۈچۈن ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنغان قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .. تەشەككۈر
رەسىمنى بولسا بىر تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن قېرىندىشىم
سۆز چەكلەندى
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ