قىز (شېئىر) ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
قىز پىشانەڭگە بېسىلغان مۆھۈر. سەن تۇغۇلغان ئاشۇ چاغدىلا، بەلكىم (تۇغۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا) سەن تەڭرىنىڭ بىر تال زىنىقى، ئەرىشتىن پەرىشكە ئېۋەتىۋەتكەن ئۇنتۇمىسۇن كۈلۈشنىمۇ دەپ، ھايا بىلەن ئۆلۈشنىمۇ دەپ. قىز قىسمىتىڭگە پۈتۈلگىنى كۆپ. سەن تەڭرىنىڭ تاجىدىكى گۈل، ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن شۇڭا سەندىن گۇناھ ئۆتۈلگىنى كۆپ، سۆيگۈ، ۋاپا كۈتۈلگىنى كۆپ. قىز ھەر بىر قەدىمىڭ تارىخقا گۇۋاھ. سالغنىڭ قەسىر - كۆڭۈلگە ئۇۋا. سەن تەڭرىنىڭ پۈتۈك دەپتىرى، ھەر قەلىبتىكى بىر ئاق كەپتىرى. ئوڭ مۆرەمدىكى سول مۆرەمدىكى... («ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2013-يىل 27-فېۋىرالدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-29 05:33 PM
|