مەن يەنە باھارنى سېغىندىم
(نەسىر)
ئەي باھار، قوينىڭدا گۈللەرنىڭ ھىدىنى ھىدلىيالايتتىم. ئول ھىدتىن دىمىقىمغا مەست خۇش ئەيلىگەن ۋىسال ھىدىنى چىللايتتىم... نە ئاياز كەلدى، گۈل ھىدى تۇرماق، گۈل ھۆسنىدىن مەھرۇم قالدىم. تەشتەكتىكى گۈلدىن ھىد تەلەپ قىلىش، قەپەزدىكى قۇشنىڭ ئەركىنلىكىنى سورىغاندەك ئىش ئىدى. باغرىڭدا سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئاڭلىيالايتتىم، قېنىپ- قېنىپ ئىچىپ، ئۆزۈمنى قۇربانىغا ئايلاندۇراتتىم. نېتەي ،ئاياز كەلدى، سۇلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئەمەس، ئۇرۇلۇپ ،سوقۇلۇپ دېگەندەك بىر-بىرىدىن سېنى قىزغىنىدىغان دىدارىنى - باھارسىز مۇردا بولغان جامالىنى ئاپئاق قارلارنىڭ پەردىسىنى قايرىپ تۇرۇپ، ئاران كۆرەلىدىم... مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!
توپىلىق يوللاردا گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان توپا ھىدىنى قانماي پۇرايتتىم، يۈزۈمنى يېقىپ، ئانام باسقان قەدەملەرنى كېچىپ باقاتتىم... دادام تۇتقان كەتمەننىڭ يۈزىدىن شۇ توپىلارنى قولۇمدا سىيرىپ ئالاتتىم... ئانام كەتتى، كەتمەن يۈتتى! قاچانكىم ئاياز كەلدى، پۇرۇلداپ تۇرغان شۇ توپىلار تۇرماق، تەنگە ھۇزۇر بېرىدىغان ، جانغا جان قاتىدىغان شۇ تونۇش ھىدنى پۇرىيالمىدىم. مېنىڭ كېپەنلىكىم بولغان شۇ توپىلارغا كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا بىر رەت قېنىۋالاي دەيمەن لېكىن، ئايازدا باھاردا قانغاندەك قانغىلى بولمايدىكەن! مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!
ئىللىق قۇياش نۇرىدىن راھەتلىنىپ يايرىغان تەنلەر، دۇنيانىڭ جامالىغا تويماي قاراۋاتقان كۆزلىرىم كۆكتىن ۋىسال ئەختىرىنى ئىزدەيتتى... سامالاردىن ئۇچۇپ كېلىدىغان خىيال كەپتىرىگە ئۆز دىل بايانىنى ئايان قىلماقچى ئىدى. نېتەي، ئاياز كەلدى، كۆكنى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ، قۇياشنىڭ نىمجانغا جان ئاتا قىلىدىغان سېخىي نۇرىنى توسىۋالغان ئىدى. ئون بەش كۈندە بىر كېلىدىغان ھىلال ئەردەنئاينىڭ ئۇز جامالىغا ئۆزىنىڭ قارا نىيەتلىك پەردىسىنى يايماقچى بولاتتى....نىجادلىق نۇرىدىن ئايرىلىغان كۆز ئوچۇق بولسىمۇ، كور ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ھېچ بولمىغاندا، سەن بولساڭ ئەي باھار، ئول كۆزۈم نۇرسىز قالغان تەقدىردىمۇ ئۆز دۇنيارىدىن سېنىڭ جامالىڭنى ئىزدەيتتى ئەمەسمۇ؟! ئەي باھار، سېنىڭسىز ياشىدى دېسە مېنى ئەگەر، مەن ياشىغاندىمەن ئېھتىمال ،ساڭا تەشنا بولۇپ تۇرۇپ، ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم ھالدا! مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!
تېرەكلەرنىڭ ئىغاڭلىشىدىن مەست- ئەلەس يۈرگەن ئۆز ھالىمغا باقاتتىم، مەجنۇنتاللارنىڭ سۇ يۈزىگە لەۋ يېقىشلىرىدىن ساڭا قانچە تەشنا بولغانلار يالغۇز مەنلا ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلاتتىم. يىلتىزىغا جان بولۇپ كېرىپ كەتكەن شەبنەملەردىن تىتىرەپ تۇرغان كۆڭۈل كۆزىمدىكى ئەقىدە شارابىغا نەزەر سالاتتىم... ۋادەرىخ، ئاياز كەلدى، قاغجىرىغان تېرەكلەر ياپراقلىرىغا يۈز كېلەلمەي، مەجنۇنتاللارنىڭ چاچلىرى قەدىرسىز ئوتۇنغا ئايلىنىپ، شىۋىرغاننىڭ ھۇشقۇيىتىشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ھالدا بويۇن قىسىپ، يېتىم قالغان ئىدى. بۇ ئوتۇنلار سېنى سېغىنىش ئوتۇمغا تاشلىنىپ،تامامىي كۆيدۈرگۈ ئىشق ئۈچۈن تۇترۇق بولاتتى... مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!
سىمىلداپ يېغىۋاتقان باھار يامغۇرى چاچلىرىمدىن ئەگىپ ،تېنىمغا ياماشقىنىدا «باھارنىڭ ھۇزۇرى بۇ.» دەپ، كۈنلۈكسىز ماڭغان شۇ دەقىقىدە خۇددىي پايانداز راسلانغاندەك يامغۇرغا چىلانغان پۇتلىرىمنى يامغۇر تامچىسىغا قاندۇرۇپ، كۆكتىن ئۆزىنى ئاشىق كەبى تاشلاۋاتقان مىڭ زار تامچىلارغا ئىنتىلىپ، باھار ئىنئامى بولغان ئۇشبۇ يۇلتۇزلارغا قۇچىقىمنى ئېچىپ دېگۈدەك ئۆزۈمنى ئاتاتتىم... قاچان ئاياز كەلدى؟ باھار يامغۇرى ئاق قارغا ئايلىنىپ، سەن ياسىغان يامغۇرلۇق پاياندازنى قارلار ياسىماق بولىدى. بىراق، سېنىڭ ياسىغانلىرىڭغا يېتەمدۇ؟! يا ئۇ بوينىمدىن كىرىپ، تاپىنىمدىن سېنىڭ تۇرقىڭدا چىقالمىغان، چىققاندەك قىلسىمۇ ساڭا ئوخشاش ھۇزۇر ئاتا قىلالايتتىمۇ؟! مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!
مەيىن شامالدىن كەلگەن يار ھىدىنى ھىدلىغان دەملەردە شاماللارنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ، «يارنى ئېلىپ كەل...» دەپ، چاچلىرىمنى سىيلاپ ئۆتكەن شاماللار قوللىرىغا ئېسىلىپ، كەلمىش يار دىدارىغا تەشنالىق بىلەن باقتىم... يارسىز بىردانە ئەردىن مىڭ دانە ھالغا يېتىپ، بىر مىڭ ئالتە يۈز دەررە يېيىشكىمۇ رازى بولغان ھالدا باغرىمنى كۆيەك ئوتىغا يېقىپ ياتتىم... نىھايەت، ئاياز كەلدى،مەن ئېسىلغان شاماللارنىڭ قولى تۇرماق، ئۆزىنىڭ ھېچ دېرىكى يوق ئىدى. كىملەر شامالدىن بىزار، كىملەر شامالغا زار؟! بىر دانىلىقىم باھارغا زارلانغان نالەشلىرىم بىرلە مىڭ دانە بولماقتا ئىدى... پارچە-پارچە بولۇپ كەتسەممۇ، بۇ باھارنىڭ ئىشقى ئۈچۈن ۋىسال تاپسام نە ئارمان قالاتتى؟! مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!
جېنىمغا جان قاتقان، قېنىمغا قان قاتقان، تۈنلىرى ئۇخلاتمىغان، ئىشىقلىرى قىينىغان، ۋىسالىنى نىسىپ قىلمىغان ئاشۇ باھارنى يەنە سېغىندىم... يۈرىكىمنى سېغىنىش ئوتىدا پۇچلاپ تۇرۇپ، مەن يەنە باھارنى سېغىندىم!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا blackrose تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-29 03:27 AM
|