قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان 100 كۈنلۇك ئەدەبىيەت –سەنئەت پائاليىتى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۇرۇلدى . قاراقاش ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلار ، يېزا-بازارلار ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋەتەننى ، سوتسىيالىزمنى ، خەلقنى ، ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەيدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرى 34 مەمۇرى كەنتىدىن ، 50 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇستىن تەركىب تاپقان ، ئۇيغۇرمىللىتىنى ئاساس قىلغان خەنزۇ ، خۇيزۇ قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان چوڭ يېزا-بازارلارنىڭ بىرى بولۇپ ، يىللاردىن بۇيان زاۋا بازىرى « تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتىكىلى بولىدۇ ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتەلەيسىز » كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ جوڭگوچە سوتسىيالىم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۇرۇپ، ئومۇميۇزلۇق ھالقىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش يىڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن توختىماي كۇرەش قىلىپ ، زامانىۋي مەدەنيەتنى يىتەكچى قىلىپ ، پەن –تىخنىكا مائارىپنى تىرەك قىلىپ ، دېھقانچىلىق –چارۋىچىلىقنى زامانلاشتۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۇزۇش، يىڭى تىپىتىكى بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تىزلىتىپ ، ئىلمي تەرەققى قىلىش ، دائىمى تەرتىپنى يىڭلاش ، ئالدىدا مىڭىش ۋە باشلامچىلىق قىلىش ھەقىقي ئۇنۇمنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۇپ ، « بىرگە قارشى تۇرۇش ، ئىككىنى تەشۋىق قىلىش ، ئۈچنى ئىلگىرى سۇرۇش » پائاليىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ ، جەمئىيەتنىڭ سىياسى ئومۇمي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا قەتئي تەۋەرەنمەي، ئىقتىسادي جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ « بەشنى چىڭ تۇتۇش » خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۇرۇپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقي تۈردە كاپالەتلىك قىلىپ كەلدى ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا بەخىت ياراتتى . ئاخىردا گۈللىنىش دەۋىردە يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بازار قۇرۇپ چىقتى . ھەم بازار قۇرۇلغان بۇ بىر يىرىم يىل مابەيىندە زاۋا بازىرى تەرەققىياتىدا ئالەمشۇناس ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىپ ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قولغا كەلتۇرۇپ پارلاق نىشان ياراتتى ھەم مەبلەغ سالغۇچى ، كارخانا ، زاۋۇت قۇرغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ، كۆزىنى چاقنىتىدىغان گۆھەر زىمىنغا ئايلاندى ...
يېزىنى بازارغا ئۆزگەرتىش يوپۇقىنى ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا ئاچتى
قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرى بىر ئايدىن ئارتۇق قاتتىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق 100 كۈنلۇك مەيدان پائاليىتىگە تەييارلىغان سەر خىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى قاراقاش ناھىيە خەلق مەيدانىدا سەھنىگە داغدۇرلۇق ئىلىپ چىقىپ ھەر مىللەت تاماشبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى
زاۋا بازىرىنىڭ شۇجىسى ۋە بازار باشلىقى
سۈرەت سىغىمى ئەسلى چوڭلىقىدىن كۆپ دەرىجىدە كىچىكۋىتىلگەنلىكى ئۈچۈن سۈزۇكلىكە تەسىر كۆرسەتتى ، توغرا چۇشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-28 11:39 PM