مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4500|ئىنكاس: 82

كىرپىكتە قاتقان ياش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 09:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1باب

-مۇشۇنداقلا مەكتەپتىن چىقىپ كىتەمسەن؟ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىغا پەقەت بىر يىللا قالغان تۇرسا؟
-مەن بىرقارارغاكىلىپ بولدۇم،ئەمدى مىنى توسىمەن دەپ ئاۋارە بولما.
-شۇنداقتىمۇ بىر يىل تەخىر قىلساڭ بولمامدۇ؟
-ئوقۇغۇنۇمنىڭمۇ نىم پايدىسى ھازىر؟شۇڭا ئۆزلۇكۇمدىن مەكتەپتىن چىكىنگىنىم ياخشىدەك قىلىدۇ.
-بوپتۇ سىنىڭمۇ ئويلۇغۇنۇڭ باردۇ،لىكىن نەگە بارىسەن؟نىمىش قىلسەن؟ ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
-نەگە بېرىپ نىمىش قىلشىمنى ئۆزۇممۇ ئۇخمايمەن
-ئۇنداقتا...
-مىنى ئەسلەپ تۇراسەن!
  سۆزى تۇگىمەستىلا كىتىپ قالغان فەرۇققا قاراپ مەدىنەنىڭ كۆڭلى   يېرىم بولدى.شۇنداق ئېسىل،شۇنداق ئەقىللىق بالا ئىدى، مۇشۇنداقلا ئىستىقبالى ۋەيران بوپ كەتتى-دە،شۇلارنى ئويلاۋاتقىنىدا،ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا فەرۇق بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئىشلىرى كەلدى.

  فەرۇق بىلەن مەدىنە باشلانغۇچ مەكتەپكە تەڭ كىرگەن بولۇپ،بىر پارتىدا ئولتۇراتتى،ئۇلارنىڭ ئۆگۇنۇش نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقرى بولۇپ، سىنىپنىڭ گۈللىرى ئىدى.ئۇلار بىر-بىردىن ئېشىپ كىتىش ئۇچۇن بەسلىشىپ ئۆگىنەتتى. فەرۇق سىنىپ باشلىقى،مەدىنە ئۆگۇنۇش باشلىقى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بەكلائېغىرئىدى،شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆگۇنۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقرى ئىكەنلىكىگە باشقا ساۋاقداشلىرى ھەۋەس قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىمۇ يەنە بىرسىنىپتا بىرپارتىدا ئولتۇردى،ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى ئۇلار بۇ سىنىپتىمۇ بىرى سىنىپ باشلىقى يەنە بىرى ئۆگۇنۇش باشلىقى بولغانىدى.ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن بىرگە ئوقۇغان يېقىن دوستلار بولغانلىقى ئۇچۇنمۇ ياكى باشقا بىر سەۋەپلەر بارمۇ، ئىشقىلىپ بىر-بىرىگە بولغان مېھرى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى.بىرسى بىر كۇن مەكتەپكە كەلمەي قالسا يەنە بىرسى ئەنسىرەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باراتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يېقىن دوستلاردىن بولغاچقا بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە خۇددى ئۆز ئۆيىگە كىرگەندەكلا بىمالال كىرىپ چىقالايتتى.بىر قېتىم فەرۇق ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ۋاقىتتىمۇ مەدىنە ھەر كۈنى كەچتە دوختۇرخانىغا دەرس تەكرار قىلىپ بەرگىلى باردى.
يەنە بىر قېتىم مەدىنەنىڭ ئۆيىدىكىلرى ‹‹تۇققان يوقلايمىز›› دەپ  يىراق بىر شەھەرگە ماڭغان ۋاقىتتا مەدىنە، فەرۇققا دەپ قويۇشقا ئۈلگۈرمەيلا كىتىپ قالغاچقا فەرۇق نىمىش بولغىنىنى بىلمەي تاكى مەدىنە كىلىپ بولغىچە قويغان-تۇتقىننى بىلمەي روھسىز يۇردى.مەدىنەنىڭ ئەھۋالىمۇ فەرۇقتىن قېلىشمايتتى،تۇققانلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ پەقەتلا چىرايىنى ئاچمىدى،سورىغان سوئاللىرىغا‹‹ھەئە››ياكى‹‹ياق›› دەپلا جاۋاپ بەردى، ئۇنىڭدىن باشقا گەپمۇ قىلمىدى، ئويناپ كۇلۇپ يۇرىدىغان شوخ قىزىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى ئەنسىرەپ قىلمىغىنى قالمىدى،ئۇلارنىڭ سورىغان سوئالىغا‹‹مىجەزىم يوق››دەپ قويدى، قىسقىسى، بۇ ئەھۋال مەدىنە قايتىپ كىلىپ فەرۇق بىلەن كۆرۈشكەنگە قەدەر داۋاملاشتى. داۋاملىق ئۇخلاپ قېلىپ مەكتەپكە ئارانلا ئۈلگۈردىغان قىزىنىڭ بۇگۇن تاڭ سەھەردىلا مەكتەپكە كەتكىنىنى بىلگەن ئاتا-ئانىسى ھەيران قالغانىدى. مەدىنە سىنىپقا كىرىپلا فەرۇقنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئىككىسىنىڭ قانچىلىك خۇش بولۇپ كەتكىنىنى سىز تەسەۋۇر قىلالمايسىز. فەرۇقنىڭ شۇ كۈنلۈك دەرىستىكى ئىپادىسى بەكلا ياخشى بولدى، بۇنچە تېز ئۆزگۈرۈشنى كۆرگەن ساۋاقداشلىرى ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىپ باقتى،ئاخىرى ھەممىسى فەرۇق بىلەن مەدىنەنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۇشەنگەندەك قىلدى.راست،مەدىنە بىلەن فەرۇق بىر-بىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرۇپ قالغانىدى، بۇنى ھەر ئىككىسى بىلىپ تۇرسىمۇ،لىكىن،ھېچقايسىسى ئېغىز ئاچمىدى،ئۇلار مۇشۇنداق كاككۇك بىلەن زەينەپتەك يۇرۇپ تولۇقسىزنىمۇ پۇتتۇردى.لىكىن،تولۇق ئوتتۇرغا چىققان ۋاقىتتا ئەھۋال ئۆزگۈرۈپ ئىككىسى باشقا-باشقا سىنىپقا بۆلۇنۇپ قالدى.شۇنداق بولسىمۇ،ئۇلار ھەر سائەتلىك دەم ئېلىشتا كۆرشۈپ پاراڭلىشىپ يۇردى.بۇ مەكتەپ ،يېپىق ھەربىي تۇزۇمدىكى مەكتەپ بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردەك ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشى تەلەپ قىلىناتتى.شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرە ئالدىدا  ۋە كەچلىك مۇزاكىردىن كىيىن مەكتەپ باغچىسىدا پاراڭلىشىپ ئايلىنىپ يۇردى.
بىركۈنى فەرۇق كەچلىك مۇزاكىردىن كىيىن مەدىنەنىڭ سىنىپى ئالدىغا باردى،مەدىنە چىققاندىن كىيىن ئىككىسى  مەكتەپ باغچىسى تەرەپكە يول ئالدى.
  مەكتەپ باغچىسى مەكتەپنىڭ ئاساسلىق كۆكەرتىش نىشانى بولغاچقا بۇ يەردە دەل-دەرەخلەر بەكمۇ قويۇق ئىدى،ھەركۈنى كەچلىك مۇزاكىردىن كىيىن بۇ يەر ئاۋاتلىشىپ كىتەتتى.جۈپ-جۈپ   بولۇپ كەلگەن قارا گەۋدىلەر دەرەخلەرنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كىتەتتى.مەدىنە بىلەن فەرۇق بىر ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرۇپ بولغۇچە،يول بويىدا ئولتۇرغان بىرنەچچە جۈپ گەۋدىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى،ئۇلار ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرشى،يېقىنلا يەردىن چىققان سۆيۇشكەن ئاۋازنى ئاڭلاپ ئككىلىسىنىڭ يۇزى قىززىرىپ كەتتى،بىردەملىك    جىمجىتلىقتىن كىيىن فەرۇق ئېغىز ئاچتى:
-مەدىنە بىز تۇنۇشقىلىمۇ 10يىلچە بوپ قاپتۇ،سەنمۇ بىلسەن مەن گەپ ئەگىتىپ يۈرۈشنى ئۇخمايمەن،شۇڭا ئۇدۇللا دەۋىرەي،مەن سېنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرەتتىم،شۇڭا سەن بىلەن يۇرگۇم بار.
-...
-گەپ قىلمايسەنغۇ قوشۇلمامسەن؟
مەنمۇ سېنى بۇرۇندىن تارتىپلا ياخشى كۆرەتتىم،لىكىن فەرۇق،   بىز ھازىر يۇرسەك بولمايدۇ،تولۇق ئوتتۇرا ھاياتى دىگەن بىلىم ئالىدىغان،كەلگۇسى ھاياتىغا ئۇل سالىدىغان دەۋىر،مەن ۋاقتىمنى بىكار ئۆتكۈزۈپ مۇھەببەت قۇربانى بولۇشنى خالىمايمەن،شۇڭا  ‹‹ماقۇل›› دىگەن جاۋاپنى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىدىن كىيىن بىرەلەيمەن، سەن ساقلىيالامسەن؟
-...
-سەن ئەقىللىق يىگىت،مىنىڭ كۆڭلۇمنىمۇ چۇشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن،مەن ئۆزۈمنىڭ ئىستىقبالىمنى ياراتمىسام،ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلىمىسام بولمايدۇ.
-بوپتۇ مەدىنە سەن دىگەندەك ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىدىن كىيىن يۈرەيلى،مەن ساقلىيالايمەن.
  شۇ كۈنى كەچتىكى قىسقىغىنا سۆھبەتتىن كىيىن ئككىسى دىيشىۋالغاندەكلا،ئۆگۈنۈشتە تېخىمۇ تىرىشچان بوپ كەتتى،بىر-بىرى  بىلەن بەكمۇ ئاز كۆرۈشتى ،ھەتتا نەچچە كۈنلەپ كۆرۈشمىگەن  كۈنلەرمۇ بولدى ساۋاقداشلار ۋە دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ ئىشتىن بەكمۇ ھەيران قالغانىدى،ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق تىرشىپ ئۆگەنگىنىگە بىر تەرەپتىن خۇش بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىريتتى.
  كۈنلەر شۇنداق ئۆتۇپ تولۇق بىرىنجى يىللىقنىڭ مەۋسۇملۇق ئىنتاھان كۇنلىرى يىتىپ كەلگەندە ئىنتاھىن قورقۇنۇشلۇق،رەھىمسىز قارا بوران فەرۇقنىڭ بېشىغا كەلدى،دادىسى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتتى.فەرۇق مەۋسۇملۇق ئىنتاھاننى قانداق بەرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. تولۇق2-يىللىققا چىققاندا فەرۇقتىكى زور ئۆزگۈرۈشنى كۆرگەن ساۋاقداشلىرى ھەيران قالغىنىدىن ئاغزىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپلا قالدى،ئەزەلدىن ئۆگۈنۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدىغان فەرۇق دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان ،ئەگەر ئۇخلىمىسا بىر چىكىتكە قاراپ ھاڭۋاققىنىچە كۇن ئۆتكۇزىدىغان بوپ قالغانىدى،قىسقىسى،ھازىر ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۆگۈنۈش،ئىنتاھان،ئالىي مەكتەپ دىگەنلەر كىرىپ چىقمايتتى.ئەگەر ئۇنىڭ ھەر سائەت دەرستىن كىيىن مەدىنەنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىغا باردىغانلىقىنى دىمىسە جانسىز مۇردىدەكلا بوپ قالدى،ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغان،خۇددى فەرۇق ئېسىملىك ئۇ بالا ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەستەكلا ھالەت شەكىللەندى.فەرۇققا تولا سۆزلەپ ھېرىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنى مەيلىگە قويىۋەتتى،پەقەت مەدىنەلا ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ ھەركىتىنى چەكلەپلا تۇراتتى.شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ تۇيۇقسىزلا ئۆلۇپ كەتتى،كەينى-كەينىدىن كەلگەن بۇ پاجىئەلەر ئۇنى تۇگەشتۇرۋەتتى،ئۇ ئەمدى ھاراق ئېچىدىغان،تاماكا چېكىدىغان قىلىقنى چىقىرۋالدى،تېخى كەچتە مەكتەپ رىشاتكىسىدىن سەكرەپ سىرتقا چىقىپ كىتىپ ئەتىسى سىنىپقا كىرىپلا ئۇخلايتتى،ئۆزى ئويغانمىسا باشقىلا ئۇنى ئويغىتالمايتتى ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئامال قىلالمايتتى،بىركۈنى،بىر پارتىدا ئولتۇردىغان ساۋاقدېشى ئۇنى ئويغۇتىۋەتكەندە،ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن ئۇرشۇپ باقمغان فەرۇق ئۇنى بەكلا قاتتىق ئۇرىۋەتتى.ئىشقىلىپ مۇشۇ كۈنلەردە ھەر قانداق ئەسكى ئىشنى فەرۇقتىن تاپقىلى بۇلاتتى.مەكتەپتىن ئۇنىڭغا بەرمىگەن شۇ مەكتەپتىن چىكىندۇرۇش جازاسىلا قالغانىدى .نەتىجىسىمۇ تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەۋاتاتتى ،ئۇنىڭغا مەدىنەدىن باشقا ئادەم گەپ يىگۇزەلمەيتتى،ئەگەر مەدىنە چەكلەپ تۇرمىسا، مەكتەپتىمۇ ئوقۇغۇسى يوق ئىدى.شۇنداق قىلىپ تولۇق2-يىللىقنىڭ مەۋسۇملۇق ئىنتاھانىدا ئۇنىڭ نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى،تولۇق3-يىللىققا چىقىپلا بىر ھەپتىدىن كىيىن يەنى بۈگۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ كەتتى.
  مەدىنە بىر كۈن غەمكىن يۈردى،نىمىشقىلىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى،ئۇنىڭ فەرۇقنى قايتا ئىزدەپ بېرىپ،ئۇنىڭ بىلەن قايتا پاراڭلاشقۇسى،ئۇنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كەلگۇسى بار ئىدى،لىكىن سىنىپ مۇدىرى رۇخسەت بەرمىگەچكە،3كۈندىن كىينكى دەم ئېلىشتا ئۇنى ئىزدىمەكچى بولدى،لىكىن 3كۈندىن كىين ئۇنى ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىغان مەدىنە ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى ئازاپلاندى،شۇ كۈنى كىچىسى مەدىنەنى پەقەتلا ئۇيقۇسى كەلمىدى،تاكى تاڭ ئاتقۇچە يىغلاپلا چىقتى،چۇنكى فەرۇق شىنجاڭدا تۇرغان بولسا نىمىش قىلسۇن ئىشقىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىگە كىرگەندىن ياخشىتى‹‹خۇدايىم ئۇنىڭغا ‹ئاق›دىگەن نىجىسنى يېقىن يوللاتمىسۇن›› شۇ خىياللارنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىنى سەزمىگەن مەدىنە ئەتىسى بىرىنجى سائەتلىك دەرىسكە كېچىكىپ قالدى ئۇنىڭ قىززىرىپ كەتكەن كۆزىدىن نىمىش بولغىنىنىسەزگەن ئوقۇتقۇچىسى گەپقىلمايلا ئولتۇرغۇزۋەتتى،ئۇ دەرىس ۋاقتىدا روھى چىقىپ كەتكەندەكلا ئولتۇردى،ئۇ فەرۇق بىلەن ئۆتكەن كۇنلەرنى ئەسلاۋاتقاندەك قىلاتتى،ئۇنىڭ بۇنداق ئولتۇرشىنى كۆرگەن  ئوقۇتقۇچىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى فەرۇقنى كۆرگەندەكلا بولدى.
  ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېنىدىن ھازىرلا چىققان مەدىنە ئايلىق ئىنتاھان نەتىجىسىگە قاراپ يىغلىۋەتتى،چۇنكى ئۇنىڭ نەتىجىسى خېلىلا چۇشۇپ كەتكەنىدى،ئۇ مەكتەپ باغچىسىدىكى ئەينى ۋاقىتتا فەرۇق بىلەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بايا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دىگەنلىرىنى ئويلىدى‹‹ئۇكام،سىزگە زادى نىمە بولدى؟دەرىس ۋاقتىدا روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئولتۇرسىز،بۇرۇنقى تىرىشچانلىقىڭىز نەگە كەتتى؟ بىلىمەن،فەرۇق مەكتەپتىن چىكىنىپ ئىچكىرى ئۆلكىگە كىرىپ كەتكەندىن بۇيان سىز مۇشۇنداق بوپ قالدىڭىز،ئەجىبا،سىزمۇ فەرۇققا ئوخشاش ئىستىقبالىڭىزنى نابۇت قىلماقچىمۇ؟›› شۇ خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپ مەدىنە ‹‹ياق››دەۋەتتى،شۇنداق دەپ بولۇپلا يېنىدا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرغان ساۋاقداشلىرىنى كۆرۇپ خىجىل بولغىنىچە ياتىقىغا قاراپ يۈرۈپ  كەتتى‹‹مەن ئىستىقبالىمنى نابۇت قىلمايمەن فەرۇق ، چۇنكى بۇ يىل ئەڭ ئاخىرقى يىلىم.سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى،گۇزەل ئەسلىمىلەرنى ئەمدى ئويلىمايمەن،ئۇنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا كۆمىۋەتتىم،ئەگەر ھاياتلا بولساق كىيىن ئۇچۇرشۇپ قالارمىز››   ئۇ خىيال ئېكىرانىدىكى فەرۇققا شۇ گەپلەرنى دىگەندىن كىيىن    رازىمەنلىك بىلەن ئۇخلاپ قالدى. ئەتىسى ئۇنىڭ بۇرۇنقى تىرىشچان ھالىتىگە قايتقانلىقىنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچىلىرى بەكلا خۇش بولدى.

داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   5:20AM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 09:26 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzdil.com + 97 ماختاشقا تېگىشلىك، دا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

شەيتان ئۆلمەس،ئويۇن تۇگىمەس!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 05:27:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ پەيزى ھىكايە ئىكەن،ئاخىرىغا تەقەززا....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 06:09:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تاتلىق باشلىنىپتىكەن.سەل چۈچۈمەل داۋاملىشىۋاتىدۇ.مىۋىسىنىڭ ھالال ۋىسال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ھىجران بولسىمىغۇ مەندە ئامال يوق ئاخىر!

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 285
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4233 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 06:53:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ ؟ شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۋاتتاتىم ..يەنە ساقلايىمىز

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 09:57:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇنى ياخشى تاللاپسىز، بۇ بىر پوۋېسىت ياكى رومان بۇلۇپ كىتىدىغان تېمىدەك تۇرىدۇ. داۋامىنىمۇ ياخشى چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 966
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1267 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 10:02:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فەرۇق سەلبىي ئوبراز بولۇپ قالمىسلا بولاتتىغۇ....

قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسىرى دانالىشىدۇ،جىسمىنى يوشۇرغانسىرى گۈزەللىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:32:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1487
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5765
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:57:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاخىرى بار؟؟؟؟؟؟؟

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84233
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 12:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96385
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 01:59:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش