مەن مۇشۇ 华为A199
يانفۇنىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىزچىل مۇشۇ يانفۇننى ئەسلىدىكى تېلىگىراف كارتىسىدىلا تورغا چىقىدىغان ھالەتتىن ھەر ئىككىلا كارتىدا ( تېلىگىراف+كۆچمە
خەۋەرلىشىش) تورغا چىقىدىغانغا ئۆزگەرتىۋالغاندىن بېرى كۆپ قېتىم
google play (گوگول
ئەپ بازىرى) نى قاچىلاپ باققان بولساممۇ پەقەتلا كىرەلمىگەن ئىدىم، مانا بۈگۈن ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭمۇ چارىسىنى تېپىپ 华为 A199 يانفۇنىغا google play نى قاچىلاپ نورمال ئىشلىتىۋالدىم، شۇڭا مۇشۇ خىل يانفۇنى بارلار بولۇپ قالسا پايدىلنىپ قالار دېگەن مەقسەتتە ئۆز تەجرىبەمنى قالدۇردۇم، بۇنى مەن پەقەت مۇشۇ 华为A199 يانفۇنىغىلا سىنىدىم، باشقا يانفۇنلارغا بولامدۇ - يوق بىلمەيمەن.
ئەمىسە دەرسلىكىمىزنى باشلاپ كەتتۇق.
1. يانفۇنىڭىزغا ئەڭ ئاۋال
روت ھوقۇقى ئالغان بولۇشىڭىز كېرەك، چۈنكى بۇ جەريان ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى تەلەپ قىلىدۇ.
روت ھوقۇقى ئالمىغان بولسىڭىز مەن يوللاپ قويغان
دېتالدىن پايدىلىنىپ بىر مىنۇتتىلا روتنى ئېلىۋېتىڭ.
华为 A199 غا
root (روت) ئېلىش ۋە ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق كۆرسىتىش
http://www.rohlan.com/thread-23194-1-1.html
2. ئەپ بازىرىنى قاچىلاش بولاقچىسىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ تەييار قىلىڭ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
[]华为A199谷歌服务包刷入程序-破晓-Gmmつ.exe
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=128859227&uk=2265529970[/]
3. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىۋاستە ئىجرا قىلىڭ، بۇ جەريان ROM قاچىلىغانغا ئوخشايدۇ، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدىكى ۋىرۇسخور ئۇنى-بۇنى دەپ جىلە قىلسا تاقىۋېتىپلا قۇتۇلۇپ، ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. (مەندىكى 360 ۋىرۇسخورى غىڭشىپ باقمىدى)
رەسىمدىكىدەك ئېچىلغاندا كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدىن خالىغان كۇنۇپكىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت: داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن يانفۇننى كومپيۇتېرغا چاتىمىز جۇما، چاتقاندىمۇ يانفۇننىڭ USB调试 ھالىتى ئېچىلغانمۇ يوق تەكشۈرۈڭ.
4. بۇ ۋاقىتتا يانفۇنىڭىز ئىكرانىدا تۆۋەندىكىدەك
ئۇچۇر چىقىپ، ئەڭ ئالىي ھوقۇقنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، سىز ئىككىلەنمەي بۇ ھوقۇقنى بېرىسىز. ئەگەر بۇ ئۇچۇر چىقمىسا جىم ئولتۇرۇپ بەرسىڭزلا بولدى.
5. google play مۇلازىمەتلىرىنى قاچىلاشقا باشلايدۇ، بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ جەريانمۇ ئاخىرلىشىپ، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىققاندا كومپيۇتېر تاختىسىدىن خالىغان كۇنۇپكىنى چېكىپلا قويسىڭىز يانفۇن قايتا قوزغىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مانا بۇ جاھىل google play نىمۇ يانفۇنىمىزغا ئورنىتىۋالدۇق، ئەمدى سىز يانفۇن قوزغىلىپ بولغاندا google play نى ئېچىپ، google ھېساباتىڭىز (ئېلخەت ئادرىسىڭىز) بىلەن تىزىملىتپ كىرسىڭىزلا مۇلازىمەتلىرىدىن بەھىرلىنەلەيسىز.