مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 751|ئىنكاس: 10

ئەرتېكىن: تەۋرىنىش (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 05:39:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەۋرىنىش

(ھېكايە)

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن



- ئاجىرشايلى ئەمسە!- دىدى ئايال ئاخىر ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ.

- ئاجىراشساق ئاجىراشتۇق!- دىدى ئەرمۇ تەئەددى بىلەن ھومىيىپ.

ئايالنى بىردىنلا يىغا تۇتتى. ئۇ ئىچ-ئىچىدىن قاپسىلىپ چىقىۋاتقان بىر خىل ئاچچىق ئازاپتىن پاڭڭىدە ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى.

ئەرمۇ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇرۇن كۆمۈرچىكىنىڭ ئەنسىز لىپىلدىشىدىن، تاتارغان چىرايىدىن، ئوتتەك تىنىقلىرىدىن بۇنى ھېس قىلىش مۇمكىن ئىدى. تىتىرەۋاتقان قوللىرى قولاشماي، ئوراۋاتقان موخوركىسىمۇ چېچىلىپ كەتتى.

- تويدۇم بۇنداق ئۆيدىن!- ئەر قولىدىكى موخوركىسى تۆكۈلۈپ كەتكەن تاماكا قەغىزىنى زەردە بىلەن يەرگە ئاتتى. قەغەز خۇددى ئۆزىنى ئەركىلىتىۋاتقاندەك بوشلۇقتا ھەريان تولغىنىپ لەرزان يەرگە چۈشتى.

- مەنمۇ تويدۇم بۇنداق جاندىن!- ئايال كىيىم ئىشكاپىنى زەرىب بىلەن تارتىپ ئېچىپ، كىيىملىرىنى ئۇياق-بۇياق سىلكىپ تارتىشتۇرغىلى تۇردى. ئۇ «بوغجىمىسىنى قولتۇقلاپ» ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ ماڭىدىغاندەك ئىدى.

ئەر ئالدى بىلەن بېرىپ ئىشكنى ئاچتى. كەينىگە قايىتىپ ئاسقۇدىكى چاپىنىنى قولىغا ئالدى.

- نەگە؟ قىلدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ نەگە ماڭاي دىگەن؟!- ئايال تۇقۇمنى بىراقلا قارنىغا ئالدىغاندەك قىلاتتى.

- يوقىلىمەن بۇنداق ئۆيدىن، گۆردىن!- ئەر ئىشىك تەرەپكە مېڭىۋېتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ گۆلەيدى.

ئايال قولىدىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ تېزلىكتە بېرىپ ئىشكنى يېپىپ ئارقىسىچە تىرىۋالدى.

- چىقساڭ خېتىمنى بىرىپ چىق!

- ئەستاغپۇرۇللا! ھېلى جۇمۇ!- ئەر قاتتىق ئۇۋالچىلىق تارتىپ كەتكەندەك ئېڭىكىنى سىيلاپ، چىشىنى غۇچۇرلىتىپ قويدى. ئايالىنى ئۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولى ھاۋا بوشلۇقىدا بىر پەس توختاپ لاسسىدە چۈشۈپ كەتتى.

ئايال تېزلىكتە تۈگۈلۈپ يەنە ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. قارىغاندا سەل بوشاپ قالغاندەك ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئاچچىقىنى بىراقلا چىقىرۋالماقچى بولغاندەك پۇتىدىكى باسنۇشكىسىنىمۇ سالماستىنلا ئۆزىنى زەرىب بىلەن قوش كىشلىك كارىۋات ئۈستىگە تاشلىدى. كارىۋات بۇنداق تاشلىنىشلارغا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەندەك سەل-پەل تەۋرەپ ئاجىزغىنە غىچىلداش بىلەنلا توختاپ قالدى.  ئايالنىڭ سۈزۈك، تولغان پاقالچاقلىرى كارىۋات لېۋىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئېسەدەشتىن تىتىرەۋاتقان يەلكىلىرى بەل ئۇمۇرتقىسىنى بويلاپ يارىشىملىق سۆڭگەچلىرىدە سۇس تەۋرىنىش ھاسىل قىلاتتى.

ئەر ئىشىك تۈۋىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قايتىدىن موخوركا ئوراپ چېكىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولمايتى. ئويلاۋاتقانلىرىمۇ ئېغىز-بۇرنىدىن تۈرۈلۈپ چىقىۋاتقان ئىس تۇمانلىرىدەك يېيىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئايالىغا قاراپ قۇياتتى. قولىدىكى قوپال يۆگەلگەن موخوركىسىنى ئاچچىق بىلەن كۈچەپ شورايتى.

ئەرۋاڭ-سەرۋاڭ تولغىنىۋاتقان كۆكۈش تۈتەكلەرنىڭ ئارىسىدا بىر جۈپ قىز-يىگىت تارتىنىشقان ھالدا ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇلار گاھ يېقىنلىشاتتى، گاھ يىراقلىشاتتى. قىزنىڭ توم ئۆرۈلگەن قاپقارا چاچلىرى يىگىتنىڭ مۈرىلىرىگە، قولاقلىرىغا، يۈزىگە يۇمشاق-يۇمشاق ئۇرۇلاتتى. يىگىت مەغرۇر ھالدا چۆرگىلىگەچ قىزنىڭ كۆزلىرىگە يەپ كېتىدىغاندەك تىكىلەتتى. قىز خىجالەت ئارلاش خۇمار كۆزلىرىنى تېز-تېز ئېلىپ قېچىپ يەرگە باقاتتى... ئۇلار دوستلىرىنىڭ ئەنە شۇ توي ۋىچىركىسىدا تاساددىپىي ئۇچىرشىپ، بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشتى. قىز خېلى موھىم بىر ئىدارىدە كاتىپلىق قىلاتتى. يىگىت دائىم قىزنىڭ ئىشخانىسىغا تېلىفۇن بېرەتتى. تېلىفۇن بەرمەيمۇ تۇرالمايتى. ئۇلار رەستىلەرنى ئايلىنىشاتتى، ئەركىلىشەتتى. باغچىلاردا، خېلۋەت جايلاردا قانماي مۇڭدىشاتتى، سۆيۈشەتتى. ئۆزلىرىنى ئەڭ بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن ھېساپلىشاتتى. توي مۇراسىمى زامانغا لايىق ئۆتكۈزۈلدى. شۇ ئاخشىمى يىگىت چىلىق-چىلىق قارا تەرگە چۆمگەن ھالدا، ھۇزۇر ۋە خىجىللىق ئېلكىدە، تېخى قول تەگمىگەن «قىزىلگۈل» نىڭ غۇنچىسىنى قېنىپ «پۇراش» قا مۇيەسسەر بولدى...

ئايال تېخىچىلا ياتاتتى. توم بىر ئۆرۈم چېچى بوينىغا يۆگىشىپ ئۇچى مەيدىسىگە بېسىلىپ قالغان ئىدى. ئەرنىڭ ئاچچىقى يېنىپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ ھالسىز ھالدا كارىۋاتنىڭ بوش يىرىگە كاسىسىنى قۇيۇپ ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانچە ۋاقىتلار مۇشۇنداق ئولتۇرغىنىنى، يەنە قانچىلىك ئولتۇردىغىنىنى بىلمەيتى. ئۇ ئاستا يىشىندى. كارىۋاتنىڭ تام تەرىپىگە ئاۋايلاپ ئۆتۈپ پەم بىلەن ياتتى. نىمىلا دېگەن بىلەن ئايال ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇلىمۇ موھىم ئىدى. گويا تۇرمۇشتا نان، سۇ كەم بولسا بولمىغىنىدەك...

بۇ خىل سۈركىلىشلەر ھەر قېتىم ئۇرۇنسىز كۈنلەشلەر بىلەن باشلىنىپ، ئىچىگە تىنىش بىلەن ئاخىرلىشاتتى. تۇتامسىز غەزەپ مۇھاببەتكە ئۇرۇن بوشىتاتتى.

ئايال ئۇخلاپ قالغاندەك قىلاتتى. تەكشى ئېلىۋاتقان نەپسى ئۇنىڭ بىر تۇتاملا بېلىنى بىر خىلدا يەڭگىل تەۋرىتىپ، ئۇخلاپ قالغىنىدىن دېرەك بىرىپ تۇراتتى. ئەرنىڭ تۇرۇپلا ئىچى سىيرىلىپ كەتتى. بايىلا غەزەپ بىلەن كۆتۈرۈلگەن قولىنىڭ بارماقلىرىنى ئاغزىغا تىقىپ چۈشىنىكسىزلا چىشلەپ قويدى.

ئايال بۇ پېتىلا ئۇخلاپ قالسا بولمايتى. ئۇ ئايالىنىڭ پاقالچاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، باسنۇشكىسىنى ئاۋايلاپ سالدۇردى. ئاستا ئۆرۈپ چېچىنى ئوڭلاپ قۇيۇۋاتقاچ بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ ئۇزاققىچە ھېدلاپ كەتتى. ئۇ مۇشۇ چاچلارغا خۇمار ئىدى. توي قىلىشقا ۋەدىلەشكەن چاغلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېدلاپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ قەلبى دولقۇنلىنىپ كەتتى. ئايالىنىڭ مەڭزى تۇلىمۇ ئىسسىق ئىدى. ئېقىپ چۈشكەندەك بۇرنى، ئورغاقتەك ئەگىم ئىنىچكە قاشلىرى، سۆسۈن ئۈجمىدەك چۈرۈك، نېپىز لەۋلىرى، شەبىنەمدەك تەر تامچىلىرى تەپچىرەپ تۇرغان ئوماق، قۇشۇقتەك يۈزى ھەر قانداق ئەركەكنىڭ مەيلىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتاتتى.

ئۇ ئايالىنىڭ مەڭزىنى چەكسىز مېھرى بىلەن سىيلىغاچ چىراغنىڭ يىپىنى تارتتى. ئايال ئۇيقۇلۇق ھالەتتە بوشقىنا ئېڭىراپ ئۆرۈلدى-دە، قولىنى ئەرنىڭ مۈرىسىگە سىيلىققىنا تاشلىدى. ئەر ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويدى. ئۇ توختىماي ھاسىرايتى، سىيلايتى، گويا ئەتىۋارلىق سەنئەت بۇيۇمىنى سۈرۈتىۋاتقاندەك ئېھتىيات بىلەن ئايالىنىڭ كىيىملىرىنى بىر-بىرلەپ سالدۇراتتى. ئايال ئېغىر-ئېغىر نەپەسلىنەتتى، ئەرنىڭ مۈرە، بىلەكلىرىگە چوغدەك لەۋلىرىنى يېقىپ، ئۈنچىدەك چىشلىرىنى يەڭگىل پاتۇرۇپ نازلىق ئېڭىرايتى...

قارىماققا ئۇلار تارتىپمۇ ئاجىراتقىلى بولمىغىدەك جىپسىلىشىپ كېتىشكەن ئىدى.


(«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2007-يىلىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 09:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1486
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 10:09:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

u=2237865600,1712072866&fm=11&gp=0.jpg





سىرىقلىقى يامانكەن، بۇنداق ئىشلارنى ھىكايە دەپ يىزىش كىتەمدۇ ئەمدى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 10:13 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 11:26:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت تاتىرىپ كەتكەن مۇناسىۋەت ۋە ئەشۇنداق ۋاقىتلىق گۈزەللىك ئاساسىدىلا قۇرۇلغان مۇھەببەت شۇلار بىلەن تەڭلا يوقىلىدۇ.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37391
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3246
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 12:26:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 11:26 PM
پەقەت تاتىرىپ كەتكەن مۇناسىۋەت ۋە ئەشۇنداق ۋاقىتلىق گ ...

ياخشى ھىكايىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 01:21:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشكەن ئىككى ياشنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن نىكاھنىڭ ئوخشىشىنى كۆرمىدۇق.

     مىشكاتۇل مەسابىھ.ئەلبانى سەھىھ دىگەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95945
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2013-7-15
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 01:57:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوكيان تورىدىكى تىما

نۇرچى بىز ھىدايەتنى  قوللايمىز  قاراڭغۇلۇقتىن تىڭىرقاشتىن يورۇقلنى ۋە يول تىپىشنى تاللايمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 03:18:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 10:09 PM
سىرىقلىقى يامانكەن، بۇنداق ئىشلارنى ھىكايە دەپ يىزى ...

   ئەي ئىنسان ،بىلسەڭ ‹ئانا يۇرت›مۇ مۇشۇ مەزمۇنلاردىن خالىي ئەمەس.كىمنىڭ ئۇ ئەسەرنىي شۇ تىلدا باھالىغىنىنى كۆرگەن؟
   ئۇنىڭ شۇ مەزمۇنلىرىغا ئېسىلۋالغۇچە ئەسەردىكى مەركىزىي ئىدىيەنى بىلىش كۇپايە.ھەممىلا جايدا پۇتاق تېپىش بىھاجەت،ئاممىۋى سورۇندا باشقىلار بىلەن تىللىشىشمۇ ياخشى ئەمەس.بىلىپ تۇرۇپ گۇناھ قىلىش تېخىمۇ ئېغىر.ھەرقانچە پىكىر بولسىمۇ باشقىلارنى سۆكمە،چىرايلىق سۆھبەتتە بول.گەرچە بۇ مەۋھۈم دۇنيا بولسىمۇ،ئەمما ياخشى مەزمۇنلار بولىنىدىغان سورۇن.ئاغزىمغا كەلدى دەپ ئىيتىۋەرمە،چۈنكى بۇ كوچا دوقمۇشى ئەمەس.
   كەچۈر،سېنىڭ ئىنكاس ئارقىلىق سۆكۈشكەنلىرىڭ ياقمىدى.بىلىپ قال،بۇ ئۇلۇغ ئاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96380
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 10:35:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurchi01 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-29 01:57 AM
ئوكيان تورىدىكى تىما

بۇ ھېكايەمنى ئوكيان تورىغا يوللىمىغان ئىدىم . مۇمكىن بولسا شۇ توردىكى تېما ئادىرسىنى ئېنكاس شەكلىدە يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5998
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3404 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 03:11:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ، تۇرمۇش دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ ، لىكىن بولىۋەرسە بولمايدۇ ، بىر دىيىلگەن ئاجرىشىش يەنەدىيىلسە ھەرقىتىم بۇنداق ئاخىرلىشىۋەرمەيدۇ ......   ئېغىزنى بەك چىڭ باشقۇرۇش كېرەك ...دەيمەن دەپلا دەيدىغان گەپ ئەمەس ، خانىم قىزلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ،ئەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىشقا مەجبۇرلىسا ،ئەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىپلا كەتتى ،ئاجراشقان بىلەن باراۋەر ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96242
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 04:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى تۇي كىلېپ كۇممىگەن.بۇساممۇ لىكىن تۇرمۇشتا ئۇنداسۇركۇلۇشلابۇپ تۇردۇ،
سۇخوق قانلىك بىلەن بىر-بىرسىنى ئەپۇقىلىشنى ئۇگنىش كېرەك.
چۇنكى ‹ئەپۇقىلېش بەخىتلىك بۇلشنڭ دورسى ئەمەسمۇ›!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش