مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 6

خىزمەتتە ياخشى كەيپىيات بولۇش كېرەك ناملىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1863
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 932 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىزمەتتە ياخشى كەيپىيات بولىشى كېرەك               
(شۇناملىق كىتاپتىن تەرجىمە)
شۇنى ئېھتىراپ قىلماي بولمايدۇكى،پوزىتسىيە مەسىلىسى بىر ئادەمنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ۋە  تۇرمۇش سۇپىتىنىڭ مۇھىم ئامىلى. سەمىمى،ئاكتىپ بولغان كەيپىيات بولسا ئادەمنى ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا يېتەكلەپ ،ئىشلىرىمىزنى مۇۋاپىقىيەتكە يېتەكلەيدۇ،ئەكسىچە پاسسىپ كەيپىيات بولسا ئادەمنىڭ ئالغا ئىنتىلىشىگە تەسىر كۆرسۇتۇپ ،ئىشەنچ ۋە جاسارەتنى تۆۋەنلىتىپ قويىدۇ، ھەتتا لايغەزەل ،ھورۇن ھالەتكە كەلتۇرۇپ قويۇپ ،كىشىلىك ھاياتنىڭ مەغلۇبىيىتنىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
شۇڭلاشقا كەيپىياتنى ياخشى كونتۇرۇل قىلىش ۋە توغرىلاش بىر ئادەمنىڭ مۇنەۋەر بولىشى،ئادەتتىكى بولىشى ياكى مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ،مەغلۇپ بولىشىنىڭ مۇھىم ئامىلىدۇر.
ھەممە ئادەم خىزمەت ئىشلەشكە مۇھتاج،چۇنكى خىزمەت بولسا بىر ئادەمنىڭ ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ ،كشىلىك ھايات سەھنىسىدە ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە. پوزىتسىيە بولسا كەيپىيات ۋە كۆز قاراشقا تەسىر قىلىدۇ،كۆز قاراش خىزمەت ھالىتى ۋە سۇپىتى بەلگۇلەيدۇ. سىز قانداق كەيپىياتنى تاللىغان بولسىڭىز ،كۆپىنچە سىز شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىشنى بەلگۇلىگەن بولىسىز.ئۇنداقتا  سىز كەسپىي ھاياتىڭىزنىڭ 1-قەدىمىڭىزدە ئۆز كەسپىڭىزگە بولغان كەيپىياتڭىىزنى توغرا تاللىۋېلىڭ.
ئەمىلىيەت جەريانىدا نۇرغۇنلىغان مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئەمىلىيىتىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،ئۇلانىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگىدىن بىرى بولسا ئۇلارنىڭ كەيپىيات جەھەتتە باشقىلاردىن بىر دەرىجە ئۇستۇن تۇرغانلغىدا.
ئاكتىپ كەيپىياتتىكى ئشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلرىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى توغرا چۇشۇنۇپ ،باشتىن -.ئاخىر خىزمەتكە سەمىمى مۇئامىلە قىلىپ،خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدۇ،ئۇلار خىزمەتكە مەڭگۇلۇك ئشتىياق باغلاپ ،ھەر ۋاقىت پۇتۇن كۇچى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ ” مەن تىرىشىپ ئىلىشىم كېرەك،مەن خىزمەتنى ئەڭ ياخىشى ئىشلىشىم كېرەك “ دىگەن كەيپىيات بىلەن ئىشلەپ ،خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە خوشاللىق تېپىپ ،كىشىلىك ھاياتتىكى قىممىتىنى يارىتىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقى بېرىلىپ ئشلەيدىغان،ئاكتىپلىق بىلەن كىرىشىپ ،ئۆزىنى باشقۇرۇپ ،ئەستاھيىدىل مەسئۇل بولۇپ ،قەلبى مىننەتدارلىققا تولغان ئاساستا ئىتپاقلىشىش ،ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئاكتىپ كەيپىيات ۋە پوزىتسىيە بىلەن خىزمەت قىلىشتىكى خىسلىتىدۇر.
ئۇلار كوللىكتىپ ئۇچۇن قىممەت ۋە بايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە  ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك كەسپىي ھاياتىنى ئۇزلىكسىز ھالدا مۇكەممەلەشتۇرىدۇ ۋە بېيىتىدۇ.ھەرقانداق بىر كارخانا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىتا مانا مۇشۇنداق مۇنەۋەر ئشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.چۇنكى شۇلاردەك مۇنەۋەرلەر بولغاچقىلا كارخانا ۋە كوللىكتىپنىڭ مۇنەۋەرلىگى بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.دەل مۇشۇنداق مۇنەۋەر ئشچى-خىزمەتچىلەر ھەر بىر كارخانا ۋە خوجايىنلارنىڭ تىرىشىپ ئىزدەيدىغان ئختىزاس ئىگىلىرىدۇر،ئۇلار دەل بارلىق تەشكىلاتلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ھەم ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان تايانچ كۇچلەردۇر.
ئەكسىچە، خىزمەت كەيپىياتى ياخشى بولمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن
ئېيىتقاندا ،خىزمەت ئۇلار ئۇچۇن بىر خىل يۇك،خىزمەت بىر خىل ئادىلسىزلىق.خىزمەتتە بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا ،بىر خىل قىزغىنلىق كەمچىل،ئۇلاردا بىر كۇن ئۆتۇپ كەتسە بولدىغۇ دەيدىغان بىر خىل قاراش بار،ھەتتە بەزىلىرى ھېلىگەرلىك بىلەن ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا پۇتتۇرىدۇ،پۇرسەتپەرەز،باشقۇرۇشقا بويسۇنمايدۇ،بانا-سەۋەپ تېپىشقا ئامراق بولۇشتەك پاسسىپ كەيپىياتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالغان،بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ خىمەت ئوبرازىغا ،كەسپىي نەتىجىسىگە ،كەپىي ئىستىقبالىغا داغ كەلتۇرۇپلا قالماستىن ھەتتا خوجايىن ۋە كارخانىغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
توۋەندىكى ھىكايە بەلكىم بۇ نوختىنى ئسپاتلاپ بېرەلىشى مۇمكىن:
مەلۇم بىر داڭلىق بىناكارلىق شىركىتىنىڭ بىر پىشقەدەم ياغاچچى ئۇستىسى خىزمەت ئورنىدا نەچچە يىللاپ جاپالىق ئىشلەپ نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى ياساپ پۇتكۇزۇپتۇ،ئاخىرى بىر كۇن ئۆزىنىڭ كۇچ-ماغدۇرىدىن قالغانلىغىنى ئويلاپ ،پىنسىيەگە چىقماقچى بولۇپ ،خوجايىنىغا پىسىيەگە چىقىش ئىلتىماسىنى سۇنۇپتۇ،ھەم يۇرتىغا  قايتىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۇزمەكچى بولۇپتۇ.
چۇنكى بۇ ياغاچچى ئۇستام ئۇزۇندىن بېرى خىزمەتتە ناھيىتى ئەستاھىدىل ياخشى ئىشلەپ بۇ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور توھپە قوشقان ئىكەن.ھەتتا ئۇنىڭ ھۈنىرى شۇنچە سىلىق بولۇپ شىركەتتە 2-بىر كىشىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىتۇرغىلى بولمايدىكەن،شۇڭلاشقا خوجايىننىڭمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدىكەن. خوجايىننىڭ ئۇنى شۇنچە ئېلىپ قالغۇسى بولسىمۇ ،بۇ ئۇستام قارارىنى بېكىتىپ بولغاچقا ،ئاخىرى خوجايىن ئۇنىڭغا بىر تەلەپ قويۇپ ئۇنىڭ يەنە بىر ئۆي سېلىپ بېرىپ ئاندىن غەلبىلىك ھالدا پىنسىيەگە چىقىشنى ئۆتۇنۇپتۇ.
ياغاچچى ئۇستام كۆڭلىدە: مەن شىركەتنىڭ تۆھپىكارى تۇرسام،خوجايىنمۇ بەك زىغىرلاپ كەتتى،پىسىيەگە چىقماچى بولىۋاتسام يەنە مېنىڭ ئەمگىگىمنى ئېكىسپالاتتاتسىيە قىلماقچى بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ناھايىتى خاپا بوپتۇ،بىراق يۇز خاتىرە يۇزسىدىن ئۆزى خالىمىغان ئاساستا ماقۇل بوپتۇ.خوجيىن ئامباردىكى ئەڭ ياخشى ماترىياللارنى ۋە ئۇسكۇنىلەرنى ئىش ئورنىغا يەتكۇزۇپ بېرىپتۇ، ياغاچچى ئۇستاممۇ ئەڭ تېز سۇرئەتتە ئىش باشلاپتۇ،بىراق باشقىلارنىڭ بايقىشىچە بۇ ئۇستامنىڭ كۆڭلى باشقىچە،ئىشلىگەندە بىر نەرسە كەمدەك،قېتقىنىپ ئىشلىمەيدىغان،دىققىتىنى خىزمەتكە يىغالمايدىغان ھالەتتە ئىكەنلىگىنى بايقاپتۇ،ياسىغان ياغاچلار مايماق،سىرلىغان سىرلارمۇ بۇرۇنقىدەك پاقىراق ئەمەسكەن....
شۇنداق قىلىپ بۇ ئۆيمۇ دىگەن مۇددەتتە پۇتۇپتۇ،خوجايىن بۇ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ياغاچچى ئۇستامغا تۇۇتقۇزۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: بۇ ئۆينىڭ ئۇنىڭ بىرقانچە يىللاردىن بېرى شىركەت ئۇچۇن قوشقان توھپىسى ئۇچۇن ئۆزىگە سوۋغات قىلىپ بەرگەنلىگىنى ئېيتىپتۇ.ياغاچچى ئۇستام ئۆزىگە ئىشىنەلمەي قاپتۇ،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمرىدە سانسىزلىغان مەزمۇت چىرايلىق ئۆيلەرنى ياساپ ،ئاخىرىى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىدا مەسىلە كۆرۇلۇپ بۇرۇنقىدەك مەسئۇلىيەتچانلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرالماي،ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلىيالماي ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز قولى بىلەن ياسىغان قوپال ،سۇپەتسىز بولغان ئۆيگە ئىگە بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ھىس قىپتۇ.
بۇ بىر ھىكايە بولسىمۇ،ئەمىليەتتە ئەتراپىمىزدا يۇز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەمىشە بىز ئويلىغاندەك بولىۋەرمەيدىغانلىغىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ.خۇددى ياغاچچى ئۇستام ئاخىرقى ئۆمرىدو خۇرسۇنۇپ قالغاندەك ،نۇرغۇن ياشلار جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن باشلاپلا ئاكتىپلىق بىلەن ئشلەش كەيپىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق كەمچىل بولۇپ ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە خىزمەت قىلىش باشقىلار ئۇچۇندەك ئۇقۇم شەكىللىنىپ قېلىپ ،تەبىئى ھالدا پۇتۇن قىزغىنلىقى ۋە ئەقلى بىلەن خىزمەتكە كىرىشەلمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ.
ئوخشاش شارائىت ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان كەيپيات ، ئوخشاش بولمىغان خىزمەت نەتىجىسىنى كەلتۇپ چىقىرىدۇ.روھى ھالەت خىزمەت ھالىتىنى بەلگۇلەيدۇ،
خىزمەت ھالىتى خىزمەت نەتجىسىنى بەلگۇلەيدۇ،ئەگەر كەيپيات ئۆزگەرسە پوزىتسىيەمۇ ئۆزگىرىدۇ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىزمەت ئادىتى ۋە ئۇسۇلىدىمۇ ئۆزگىرىش شەكىللىنىپ ،ئاجىرىدا خىزمەت ھالىتى ۋە خىزمەت نەتىجسىدە زور ئوخشىماسلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.شۇڭلاشقا ئاكتىپ بولغان كەيپىياتقا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن كىشىلىك ھاياتىمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ،بىز ھازىردىن باشلاپ  ئاكتىپ بولغان كەيپىياتنى يېتىلدۇرۇپ قانات ياسايلى!

مەنبە: ﹜خىزمەتتە ياخشى كەيپىيات بولۇش كېرەك ناملىق﹛كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95849
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 09:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ھازىردىن باشلاپ  ئاكتىپ بولغان كەيپىياتنى يېتىلدۇرۇپ قانات ياسايلى!

راسدەيدۇ،  خىزمەتكە  خۇشال-خۇرام  چىقىپ  خۇشال-خۇرام  قايتىشىمىز  كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95849
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 09:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تېمىكەن

anatil001 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 10:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6739
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 11:58:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ھەممە نەرسە مەنىسىز تۇيىلىدۇ، خىزمەتمۇ ھەم شۇنداق.جىمجىتلىقنى خالايمەن

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 02:00:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇشمۇ ھەم شۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94020
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 847
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 04:08:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كەيپىيات كۆڭۈل ئازادىلىگى بولغاندىلا يارىتىلىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش