مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3866|ئىنكاس: 41

NASA: «ئىرىس» تېلېسكوپى قۇياش ئاتموسفېراسىنى رەسىمگە تارتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 11:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئىرىس» تېلېسكوپى قۇياش ئاتموسفېراسىنى رەسىمگە تارتتى

2013-يىلى 27-ئىيۇن كۈنى ناسا ئىنگلىزچە «Interface Region Imaging Spectrograph» دەپ ئاتىلىپ، قىسقارتىلىپ «ئىرىسIRIS, » دەپ يېزىلىدىغان بىر كىچىك تىپتىكى ئالەم تېلېسكوپىنى كالىفورنىيەدىكى «Vandenberg» ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن يەر شارى ئوربىتىسىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ تېلېسكوپ 17-ئىيۇل كۈنى ئىشىكىنى ئېچىپ، قۇياشنىڭ تۆۋەنكى ئاتموسفېراسىنى رەسىمگە تارتىپ، يەر شارىغا ماڭدۇرۇپ بېرىشكە باشلىدى.  تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى.
1_IRIS.png


ئىرىس ناھايىتى يۇقىرى ئېنىقلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تارتقان رەسىملەر ئالىملارنىڭ قۇياشنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىشىگە زور دەرىجىدە ياردەم قىلىدۇ.  ئالىملار بىلمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ بىرى، ماگنىتلىق ئېنېرگىيىنىڭ قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئىسسىشىغا قانداق تۆھپە قوشۇدىغانلىقى.  قۇياشنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېراسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر مىليون گرادۇس بولۇپ، قۇياشنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن بىر مىڭ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.  ئىسسىقلىق قۇياش يۈزىدىن ئۇنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېراسىغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم ئۇنىڭ تۆۋەنكى ئاتموسفېراسىدىن ئۆتىشى كېرەك.  

قۇياشنىڭ يۈزى بىلەن ئۇنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچە رايون ئۇلترا بىنەپشە رەڭلىك نۇرنى تارقىتىدىغان بولۇپ، بۇ نۇر يەر شارىغا يېقىن ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر شارىنىڭ كىلىماتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ئۇ رايوندىن ئۆتىدىغان ئېنېرگىيە قۇياش بورىنى (solar wind) نىمۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. قۇياش بورىنى بەزىدە يەر شارىغا يېقىن بولغان رايونلاردا باشقىچە ئالەم بوشلۇقى ھاۋا رايىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ھاۋا رايى سۈنئىي-ھەمرا، ئېلېكتىر تورلىرى ۋە گپس (پۈتۈن يەر شارى ئورۇن كۆرسىتىش سىستېمىسى، Global Positioningn System) قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شۇڭلاشقا قۇياشنىڭ تۆۋەنكى ئاتموسفېراسىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

NASA's IRIS telescope offers first image of Sun's mysterious atmosphere
http://www.nasa.gov/content/goddard/iris-telescope-first-glimpse-of-suns-mysterious-atmosphere/#.UfPmV9K1GeY



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 04:13 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1045 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:34:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇياشنىڭ يۇقىرى ئاتموسفېراسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر مىليون گرادۇس بولۇپ، قۇياشنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن بىر مىڭ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:36:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىكروسكوپنىڭ نۇر ئۈتكۈزۈشچانلىقى ئىلىكتىرونلۇق كەپشەر باش كىيمىنىڭكىدەك ئاپتۇماتىك كونتۇرۇل قىلىنىدىغاندۇ-ھە دوستلار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 12:37 AM  


ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/

ئۈمىد جاسارەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86221
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2012-10-18
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:40:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن سىدىق ئاكىمىزغا تەشەككۈر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 499
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:49:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇياش يادروسىنىڭ تىمپىراتۇرىسى سىرتقى قەۋىتىنىڭكىدىن تۆۋەن بولامدۇ؟

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6098
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:53:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:05:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 12:53 AM
سولدىكى بىرىنجى رەسىمدە ( ئاللا ) دىگەن خەت شەكىللىنىپ  ...

ھەقىقەتەن جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:05:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،بولسا ئۆز كۆزىمىز بىلەن بىر كۈزەتسەك ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:28:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marhaba77 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 12:49 AM
قۇياش يادروسىنىڭ تىمپىراتۇرىسى سىرتقى قەۋىتىنىڭكىدىن ...

قۇياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 15 مىليون سېلسى-گرادۇس كېلىدىكەن.

رۋايەتتكى زەنجىر پالۋان كەلدى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94010
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:32:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلئاي يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 12:53 AM
سولدىكى بىرىنجى رەسىمدە ( ئاللا ) دىگەن خەت شەكىللىنىپ  ...

كۆز ئەينەك  تاقىۋالغان  بىلەن  كۆز  دىگەن  بۈركۈتتەك  ئۆتكۈركەنغۇ .،.

-_-ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى پالۋان دەپ ، چۆكەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى گالۋاڭ دەپ -_-...!!!






















.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش