ھېكمەت
ئاللاھنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ نىمەتلىردىن بىرسى بولسا شۇبىسىز سىزنى ھەمىشە ھەققە چاقىرىپ تۇرىدىغان دوستتۇر،
كىمنىڭكى كىچىسى ئوقۇيدىغان نامىزى كۆپەيسە كۈدىزى يۇزى چىرايلىق بولىدۇ،
ياخشى ئەمەللەر قەلبىگە خوشۇ، يۇزگە نۇر، رىزققا بەركەت، ئادەملەر قەلبىگە مۇھەببەت ئاتاقىلىدۇ.
ئىسلامى پىكىرلىمىزنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رھسۇلىنىڭ سۆزلىرنى دەلىل قىلىمىز، ئەمما نىمە ئۇچۇن ھاياتىمىزنىڭ بەخىتلىك بولشى ئۇچۇن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆرنەك قىلشقا ئادەتلەنمەيمىز
ئادەملەرگە ئۇلار چۇشىنىدىغان بىلەلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىڭ ! نىمە سىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى يالغانغا چىقارماقچىمىۇ سىز؟
---- ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب
يىل - يىلدىن ئەسكىرەپ كېتۋېرىدۇ ،مەن بۇنى نەبىلىرىڭىزدىن ئاڭلىغان مەن
----ئەنەس ئىبنى مالىك
سەن ماڭغا نۇقۇل ئەتراپنى كۆرسەت دەيسەن ، خوپ! سەن ئاۋال تامغا چىقىن .
__ گىئوتى
ئەڭ ياخشى كۈن جۈمە ئەڭ ياخشى ئاي رامىزان ،ئەڭ ياخشى ۋاقىت ۋاقتىدا ئادا ئىتلگەن ناماز ۋاقتى __ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس
ھېكايەت
بىر كۈنى مۆمىنىلەر ئەمىرى ئۆمەر بالىلار ئويناۋاتقان يولدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتتى، بالىلارمۆمىنىلەر ئەمىرىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورۇقۇشقا چۇشتى، شۇنىڭ بىلەن يولدىن چەتكە چىقىپ تۇردى ، لېكىن بىر بالا ئۆز جايىدا قوزغالماي تۇرار ،ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم قالمىدى،مۆمىنىلەر ئەمىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدە تەبەسسۇم قىلىپ :
- نېمە ئۇچۇن سەن قاچمىدىڭ؟ دەپ سورىدى بالا ھەزىرتى ئۆمەرگە قاراپ شۇنداق دېدى :
___ يول تار ئەمەس بوشىتاي دېسەم ، گۇناھكار ئەمەسمەن سىزدىن قورقاي دېسەم!!
بالىنىڭ بۇ شىجائەتىدىن خۇرسەن بولدى ، كېلەچەكتە ئۇلۇغ ئىنسان بولشىغا ئۈمىد باغلىدى ،يىللار ئۆتۇپ ئۇمىد ھەقىقەتكە ئايلاندى، بالا چوڭ بولۇپ شۇ زامانىڭ ئۇلۇغلىردىن ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەي نامى بىلەن سەركەردە بولۇپ يېتىشتى.
_____________________________________________
ھەزىرتى ئۆمەر خۇتبە ئوقۇپ ، خەلىق ئارىسىدا كەڭ مۇنازىر قىلۋېىتلغان مەسلە يەنى مەھرى پۇلىنىڭ كۇنسايىىن ئېشىپ كېتۋاتقانلىقنى تەنقىتلىدى، شۇندا بىر ئايال ئونىدىن تۇرۇپ:
--ئەي ئۆمەر !ئاللاھتائاللاھ قۇرئانى كەرىمدە :
--ئەگەر تاغدەك مەھرە بەرگەن پۇل بەرگەن بولساڭلا دەپ مۇراجەت قىلغان تۇرسا يەنى ئاللاھ رۇخسەت قىلغان تۇرسا سەن نىمە ئۇچۇن ئادەملەرنى مەھرىدىن چەكلەيسەن !؟؟؟ دېدى.
ھەزىرتى ئۆمەر شۇ پەيتە باشقا باشلىقلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا قاتتىق مۇئامىلىدە بولمىدى،ئەكسىچە شۇندا چىرايلىق جاۋاپ بەردىكى :
-- ئۇ ئايال توغرا سۆزلىدى ،ئۆمەر بولسا ناتوغرا سۆزلىدى، ئاللاھتائاللاھنىڭ كەلمىسى ھەتتۇر.
مەرتلىك دېگەندە كىشلەر كۈچ ئىشلىتپ غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇش دەپ چۇشىنىدۇ ،ئۆمەر بولسا مەردلىك ھەرقانداق ۋاقىتتا ئادىل بولماق دەپ كۆرسەتتى
.
** ئەسكەرتىش **
تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇ غۇچى ئۆزۇم
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ تارقاتقاندا يازما ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!
2013-7-26