مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 9

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578224
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12141 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 09:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا


ئوسمانجان ساۋۇت



بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا .
بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا .
سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا .
ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا !
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !


سايىدەك خىياللار قوزغىغان ھەۋەس،
بىر قىيا قاراتسا گەر مېنى ياتقا .
بىقارار جاپالار سەۋرىمنى يىڭىپ،
قىستىسا ئوكۇنۇش ، نالە - پەرياتقا ؛
گۇزەردە قارىسام تەئەجقۇپ ئىچرە،
زەر لىباس ئەجنەبى ياكى سەيياھقا .
قۇيۇلغاي كۆزلىرىم بولۇپ گۇناكار،
ئىنسانلىق سۈپىتىم چىقسۇن بەرباتقا!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !



چىگرىسىز ئۆيۈمنىڭ چېگرىسى پولات،
غەيرىي ئۆي ئۇرۇلسا بولۇر ئۇ تالقان .
ئېزىتقۇ جىلۋىلەر ئۈزگەن ئوقلارغا،
سەن بەرگەن مۇھەببەت بولىدۇ قالقان .
بەلگىسىز يۇتكۈچى ئۆمرۈمگە بەلگە،
سىنىڭدە ئاققان تەر،قاپار غان ئالىقان .
سەندىكى ھەر تاڭغا پۈتۈلگەن بەختىم،
ھاياتى نۇرلارنى ۋەسلىگە تاڭغان !
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !



تاج - تىللا گۈل قىلىپ ئىگەلمەس مېنى،
ئۆمرۈمنىڭ ۋەزنى ھەم جىلاسى سەندە .
قۇللۇقنى سۆكسەممۇ قاغاپ، قارىلاپ،
قۇلۇڭمەن ئەبەدىي، بىرساڭا بەندە .
تەبەسسۇم تارىتاي يۈلتۇزلارغا مەن،
يالاڭ گۈل كەبىمەن قىلىمەن خەندە .
نەپىسىم ئايرىلماس ئىپار ھاۋاڭدىن،
دىمەككى تاغدەك زور قۇدرەت بار مەندە .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !



بەختىچۈن مىزان بار ھەركىمدە تەھقىق،
بۇچىگىش، مىڭ پۇتاق، تالاي خىل بىراق .
ئىشرەتتە ئۆلچەيدۇ بەزىلەر ئۇنى،
بەختتىن قىقىلىپ ئاسمانچە يىراق .
بەزىلەر دەيدۇكى، بەخت دېگەن شۇ،
ئاينىمۇ لەت قىلغان ئاي تەن، ئاي سىياق .
ئالەمنىڭ ھىكمىتى ئالەمنى ئېمىش،
ئۆزگىسى تاڭلايغا تاشلايدۇ قىياق .
مەن دەيمەن بەخت دەپ سىنىڭ ۋەسلىڭنى ،
ئىشقىمنى تاۋلايدۇ سەن سالغان پىراق .
بەختتۇر كىچىلەر باسقاندا سىنى،
جىسمىمنى پىلىك قىپ ياندۇرسام چىراغ .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !



مەڭگۈلۈك رىزقى بار سەندە ئەۋلادنىڭ،
ھاۋا، سۇ باغرىڭدا ياتقان، پاك پەۋەس .
مېشىمدە كۆمۈر ئەمەس يانار يۈرىكىم،
ھەتتاكى ئاۋايلاپ ئالىمەن نەپەس .
بىھۇدە تۆككەنلەر تامچە سۈيۈئۇڭنى،
بىلىمەن، ۋاپادار پەرزەنتىڭ ئەمەس .
كۆرەلمەس سەندىكى چىن گۈزەللىكنى،
نەپسىنىڭ كويىدا يۈرگەن مەست - ئەلەس .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !



ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئامانلىغىڭچۈن
بەرمىنى قازاغا، بەرگىن خەيرىگە .
ئوغلۈڭمەن تۇغۇلغان بەختىڭچۈن جەڭگە،
خېرىدار ئەمەسمەن بەزمە، سەيلىگە .
ئاق يوللۇق قەسەمبۇ ئاق نىيەت تۇغقان،
ئوخشايدۇ قاردىكى ئاپپاق لەيلىگە .
ئازارلار يىسەممۇ پەي مىجەزلەردىن،
پۈكمەسمەن قەددىمنى باقماي مەيلىگە .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !



ئېرىمەس قەھرىمنى ئالار پەقەتلا
يات ئىقلىم ئىشقىدا ئۆرتەنگەن ساياق .
ئۆلگىنى ھەركىمنىڭ ياقا يەرلەرگە
سىنىڭدىن قول ئۈزۈپ تاشلىسا ئاياق .
كەلگىندى ئاتىلىپ كەلگىندىلىكتە،
تاپقان زەر، جەزمەنكى، باشقا دەرد - تاياق .
مىڭ ئەلا توزىدىن خەقنىڭ، سەندىكى
قۇشقاچلار شاخلارغا تاشلىغان ماياق .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا !



شۇ مىنىڭ ئەقىدەم، ئۆتەر ئىلكىدە،
ئۆمرۈمنىڭ ھەر بەرگى - دەقىقەم ، سوتكام .
مىڭ جەننەت راھىتىدىن بېرىدۇ ماڭا،
لاي سۇۋاق ئۆيۈم ۋە قىيشايغان بوتكام .
بايلىقىم - دىلدىكى ساڭا مۇھەببەت،
ۋە سادىق ھەمرايىم قەلەم، چىش چوتكام .
خەقلەرنىڭ مىننەتلىك ئېشىدىن ئەلا،
ئۆزۈمنىڭ قازىنى بەرگەن ئاش، بوتقام .
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا



مەنبە:ئاپتورنىڭ  ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ ناملىق توپلىمى


دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2891 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:05:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ
كارامەت شېئىر يازىدىغان ئادەم جۇما بۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 12:12 AM  


ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:22:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

كۈلەلمىسەڭ ھىجايما

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 3909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29890
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 1992 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 03:24:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيۇ مەن كىمنى كۆردۈم ھىي....................كۆزۈمنى ئۇلىۋىتىپ بى قايلاي،،،،،شەت دوستەك،
مۇشۇنداق يىقىشلىق تېلارنى ئاجايىپلا يوللايتىڭىزھە.سېغىنغانتۇق،بىرخىلى خۇغ بولۇم.

زەھـــەردىـــن شـــىـــپــا كــــــۈتــمــــە،تــىـــگــى پـــەســـتىــن ۋاپـــــا...

ئوقۇغۇچى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92976
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 226
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 02:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل چىقىپتۇ...

ھاياتىم ئاناتىل بىلەن گۈزەل...

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578224
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12141 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 04:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاتئاي يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 03:24 AM
ئۇيۇ مەن كىمنى كۆردۈم ھىي....................كۆزۈمنى ئۇلىۋىتىپ  ...

كىمنى كۆرگەندەك تۇرىسىز
سېغىندۇق بىزمۇ...

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 05:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز  . قوللىرىڭىز ھارمىغاي .كىملەرگە ئاتاپ يىزىلغاندۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   326ayixa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-28 05:05 PM  


قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1863
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13292
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 07:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ شېئىرلىرى ئاجايىپ ياقىدۇ ماڭا

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1860
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 08:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شىئىركەن ، ئاپتۇرنىڭ شىئىرلىرىنى بىزگە سۇنغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6305
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1269 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 10:07:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ دەملەردە يۇرىتقا كەتسەم....

قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسىرى دانالىشىدۇ،جىسمىنى يوشۇرغانسىرى گۈزەللىشىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش