مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 407|ئىنكاس: 3

ئىشەنچ سىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1578216
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12138 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 08:37:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىشەنچ سىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا


ئاپتور:ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت




پەقەت ئاجىز، ئەخمەق ئادەملەرلا ئامەتكە ئىشىنىدۇ. بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى –ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر.
____ ئىمىرسون



قۇياش غەربكە ئولتۇرغاندا، كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتا بىر يىگىت بىر مويسىپىتنى يۆلەپ، مىڭ تەسلىكتە ئالغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. مويسىپىت جۇغراپىيە پروفېسسورى بولۇپ، يىگىت ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. قۇملۇقنىڭ سىرىنى ئېچىش ھەمدە «قۇملۇقنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» نامىق كىتابنى تاماملاش ئۈچۈن پروفېسسور پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن يىگىت بىلەن بىللە بۇ سىرلىق قۇملۇققا كەلگەن ئىدى.

كۈتۈلمىگەندە پروفېسسور قۇملۇقنى تەكشۈرۈپ قايتىش سەپىرىدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالدى. پروفېسسور جان ئۈزۈش ئالدىدا تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن تەكشۈرۈش ماتېرىيالى، بىر خالتا قۇرۇق ئاشلىق ۋە بىر بوتولكا مېنىرال سۇنى ياردەمچىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يېنىدىن بىر پارچە باغاقچىنى ئىلىپ ياردەمچىسىگە تەڭلەپ: «سەن چوقۇم ھايات قايتىپ كەتكىن» دېگىنىچە جان ئۈزدى. يىگىت باغاقچىنى ئىچىۋىدى، ئۇبىر سخېما بولۇپ چىقتى. سخېمىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئۈستىگە يەتتە يۇلتۇز، ئوڭ تەرىپىنىڭ ئاستىغا بىر دەريا سىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىگە مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: قۇتۇپ يۇلتۇزنىڭ قارشى تەرىپىنى بويلاپ ماڭساڭ، ناھايىتى تېزلا سۇ بار يەرنى تاپالايسەن.

يىگىت پروفېسسورنى بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە دەپنە قىلغاندىن كېيىن، يۈك – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، پروفېسسور بەرگەن سخېمىغا ئاساسەن قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ قارشىسىنى بويلاپ ماڭدى.
ئىككىنچى كۈنى كەچتە، يىگىت ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ يەنە يولغا چىقتى. ئۇ مۇشۇ بىر قانچە ئايدىڭ كېچىدە سۇ بار يەرنى تېپىۋىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئاي قاراڭغۇسى بولۇپ كەتسە نىشاندى ئادىشىپ قالاتتى. نىشاندىن ئادىشىپ قالسا، مۇشۇ قۇملۇقتا ھالاك بولاتتى. ئۇنى ئەڭ ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى – مېنىرال سۇنىڭ پەقەت بىر يۇتۇملا قالغىنى ئىدى.

ئۈچىنچى كۈنى سۇس ئايدىڭدا ئۇ ئوتتەك قىزىق قۇمغا دەسسەپ، بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يەنە ئالغا ئىلگىرلىدى. بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، يۈز قەدەم، مىڭ قەدە... ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تىركىشىپ تۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇم بارخانلىرىدىن نەچچە قېتىم موللاق ئېتىپ، دومىلاپ چۈشكىنىنى بىلمەيتتى. ئۇنى ئەڭ قىينىغىنى ئۇسسۇزلۇق ئىدى. ئۇنىڭ گاللىرى قۇرۇپ لېۋىنى گەز باغلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بوتۇلكىنىڭ تېگىدىكى ھېلىقى بىر يۇتۇم سۇنى ئاياپ ئىچمىدى. ئۇ ھەر قېتىم سۇسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشەي دېگەندە، قولىدىكى سخېمىغا قارىسىلا كاللىسىغا «ئالدى تەرىپىمدە سۇ بار» دېگەن خىيال كېلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرىلىپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قوياتتى – دە، ئۆزىنى كۈچلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. ھاياتقا بولغان ئىشەنچىسىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى.

تۆت كۈندىن كېيىن ئۇ ئاخىر قۇملۇقتىن بۆسۈپ چىقتى. بىراق، ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، كۆز ئالدىدا ئەسلا سۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ، پروفېسسور جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۆزىگە بەرگەن سخېمىغا قايتا بىر تەپسىلى قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدى. ئەسلىدە پروفېسسور ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئەتەي شۇنداق قىلغانىكەن ئەمەسمۇ؟ يىگىت شۇلارنى ئويلىغىنىدا، كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلدى ھەم پروفېسسورنى چوڭقۇر ھۆرمەتتە ياد ئەتتى.

بەرھەق! ئىشەنچ كىشىنىڭ غەلبە يولىنى يورۇتۇپ، بەخت يۇلتۇزىنى چاقنىتىدۇ. كىشىگە چەكسىز شان – شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ. ئىشەنچ – مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى. مەلۇم بىر ئادەمنىڭ بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقىدىكى تۈپ سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەملىكىدە. باشقىلارغىلا تايىنۋالىدىغان، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت دەرۋازىسىنى قاقالمايدۇ.
ئەكسچە، ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمەي قالمايدۇ.
تۇرمۇشتا بەزىلەر چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى قولدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان، يارامسىز، ئىقتىدارسىز ھېسابلايدۇ. باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك زەربىسى تۈپەيلى، ئۆزىنىڭ ئىشەنچ يۇلتۇزىنى ۋاقىتسىز يوقىتىپ قويىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھەممە ئىشتا زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە تۇتالمايدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا بىلىپ- بىلمەي تەشۋىش ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويىدۇ. ئەتراپىنى نۇرغۇن توسالغۇلار ئوراپ تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.

كىشى ئۆز – ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەندىلا، تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق قېيىنچىلىقلارنى كۆڭۈلدىكىدەك بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇنداق روھقا ئىگە ئادەملەردە ئىشەنچ تولۇپ – تاشقان بولىدۇ. ئۇلار قۇرۇق خام – خىياللاردىن يىراق تۇرغانلىقى، ئۆزىگە نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، قىلغان ھەر قانداق ئىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ ھەم ئۆكۈنمەيدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە بولغان چەكسىز ئىشەنچىسى ئارقىلىق ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قايىل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

دوستۇم، كىشىلىك ھايات تۈرلۈك ئەگرى – توقايلىقلار بىلەن تولغان. ئەگەر سىز ئۈمىد ۋە خىرىسقا تولغان بۇ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز ، قەلبىڭىزدە ئىشەنچ چىرىغى مەڭگۈ يېنىپ تۇرسۇن! ئىشەنچ سىزدىن يىراقلاپ كەتمىسۇن! چۈنكى، ئىشەنچ – بارلىق غەلبە ۋە سائادەتنىڭ ئاچقۇچى.




شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 100 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:40:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى بىر تال ئالمام بار دىگەن ئەسەرگە مەزمۇن ھەم ئىدىيە جەھەتتىن ئوخشىشىپ قالىدىكەن.سەل سىمىزرەككەن شۇ.
رەھمەت تىما ئىگىسى.كۆپرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 05:30:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشەنچقۇ مەندىن يىراق ئەمەس،بىراق تىرىشىش مەندىن سەل يىراق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79828
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-5-7
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 07:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمگە ئۈمىد  بېغىشلايدىغان تېما ئىكەن..رەھمەت...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش