ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،بۇگۇن سەل بوش ۋاقتىم چىقىپ قاپتۇ تېما يوللىمىغىلى ئۇزۇن بۇپتىكەن تۇۋەندە سىلەرگە ئۆزۇم ياقتۇرۇپ ساقلاپ قويغان بىر شئېرنى يوللۇدۇم ياقتۇرىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلمەن، ئۇلۇغ رامزان ئېيىمۇ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ ئاينى سىز قانداق ئۆتكۈزدىڭىز؟ يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ، گۇناھلىرىڭىزغا توۋا قىلدىڭىزمۇ ياكى كونا يولىڭىزدا مېڭىۋەردىڭىزمۇ؟ ئىشىنىمىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۇلۇغ ئايدا چوقۇم توغرا يولدا ماڭدى ھەم ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلدى.
تۇختا رامزان ئالدىراپ كەتمە
تۇختا رامزان ئالدىراپ كەتمە، گۇناھكارمەن تەۋبەمنى بىللە ئىلىپ كەت. تىلەكلىرىم بار ئۇنى بېرىپ كەت، ئېزىپ قالدىم مىنى تۇزەپ كەت. ئاللاھنى رازى قىلىشقا پۇرسەت بېرىپ كەت،
تۇختا رامزان ئالدىراپ كەتمە، لەيلۇ قەدىرنى ماڭا بېرىپ كەت. ئەمەللىرىمنى بىردىن تۇزۇپ كەت، مىنى يىڭىدىن ئادەم قىلىپ كەت. ياخشى ئىشلارغا پۇرسەت بېرىپ كەت، يامانلىقلاردىن مىنى ئىلىپ كەت.
تۇختا رامزان ئالدىراپ كەتمە، ئىبادەتلىرىمنى تۇلۇقلاپ كەت. نۇرلىرىڭدىن ماڭا بېرىپ كەت، ئازاپلاردىن يىراققا ئىلىپ كەت. جەننەتلەرنى ۋەدە قىلىپ كەت،
تۇختا رامزان ئالدىراپ كەتمە، ئىنسانلارغا مۇھەببەت بېرىپ كەت. دۇشمەنلىكنى بىزدىن ئىلىپ كەت، مۇسۇلمانلارغا رەھىم قىلىپ كەت. خار- رەزىللىكتىن نىجاتلىق بېرىپ كەت، ئىتپاقلىقنى بىزگە يار قىلىپكەت تۇختا رامزان ئالدىراپ كەتمە....
مەنبە؛دوسلار چەمبىرىكى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-27 08:11 PM
|