مېيتۈەن كوللىكتىپ مال سېتىۋىلىش دېتالى بولسا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى داڭلىق كوللىكتىپ مال سېتىۋىلىش تور بېكىتى بولغان ميېتۈەن (
www.meituan.com) تور بېكىتىنىڭ يانفون ئەپ دېتالى، دۆلىتىمىز ئىچىدە ئىشلىتىدىغان ئادەم ئەڭ كۆپ بولغان كوللىكتىپ مال سېتىۋىلىش تۈرىدىكى ئاندىرويىد دېتاللىرىنىڭ بىرى. بۇ دېتالنى يانفونغا قاچىلىغاندىن كىيىن، يېمەك-ئىچمەك، مىھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش، كىنو بېلىتى قاتارلىق كۆپ خىل ماللارنى كوللىكتىپ ئىتىبار باھادا سېتىۋىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
بۇ دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1.يانفون ئارقىلىق ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا تۇرۇپ، تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى ياكى يىقىن ئەتراپىڭىزدىكى يېمەك-ئىچمەك، مىھمانخانا، كۆڭۈل ئېچىش، كىنو بېلىتى قاتارلىقلارنى كوللىكتىپ ئىتىبار باھادا سېتىۋالالايسىز؛
2.بۇ دېتال ماللارنى ھەرخىل تۈرلەرگە ئايرىپ كۆرسىتىپ بىرىدىغان بولۇپ، سېتىۋالماقچى بولغان مالنىڭ تۈرى، ماركا ياكى قىزغىنلىق دەرىجىسىگە قاراپ ھەرخىل تۈرلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ، ئىزدەش ۋە باشقا مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بىرىش قولايلىق؛
3.يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛
4.ئىتىبار باھالىق بېلەتلەرنىڭ ۋاقتى توشسا ئاپتوماتىك ئەسكەرتىش بىرەلەيدۇ؛
5.يانفون ئارقىلىق تۆلىگەن پۇلنى قايتۇرۋالغىلى بولىدۇ، ئەگەر سېتىۋالغان مال ياكى مۇلازىمەتتىن رازى بولمىسىڭىز، تۆلىگەن پۇلىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ، چىقىمنى مېيتۈەن تورى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەزكۇر ئەپ ھەرقانداق ئاندىرويىد يانفونىدا بىمالال ئىشلەيدۇ، سېغىمى پەقەت 3.3 مىگايابىت بولۇپ، ئېقىم مىقدارىنى تىجەيدۇ.
قېنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ. چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:
1.
بەيدۇ دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
2. ئىككىلىك كود ئارقىلىق يانفونغا چۈشۈرۈش
ئەپنىڭ يانفونغا قاچىلانغاندىكى ھالىتى: