سۆيۈملۈك ئايال
بۇ تىمىنى شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن كۆرۈپ چوڭقۇر تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولدۇم،شۇڭا بەزى ئاياللارغا ئاز -تۇلا ياردىمى تىگىپ قالار دىگەن مەقسەتتە يازدىم.
تۇرمۇشتا ھەرقانداق قىز-ئايال ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنىشىنى،ئەڭ مۇھىمى ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتى تەرىپىدىن سۆيۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئۇنداقتا زادى قانداق ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر بۇلالايدۇ؟
1.بەلگىلىك نەزىرىيىۋى بىلىم سەۋىيەسىگە ئىگە ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر.
بىلىم-ئىنسانىيەت تارىخى تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە يىغىنچاقلىشى.بىلىم جەھەتتىكى پەرق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا،كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە ،بۇلۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە سۆيۈملۈك ئاياللىق تۇيغۇسى بىرىش-بىرەلمەسلىكىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ،شۇڭا ،ئاياللار ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بىلىمنى تۇلۇقلىشى ،بىلىمنى ئۆز نۆۋىتىدە بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇش ۋە سۆيۈملۈك ئايال بۇلۇش يولىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى ۋە جارى قىلدۇرۇشى كىرەك.
2.قابىلىيەتلىك ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر.
قابىلىيەت-كاتىگورىيە دائىرىسىدىن پىسخولوگىيەگە تەئۇللۇق بولغان مەزمۇندۇر.بەزى ئاياللار ئۆز كەسپىدە ياكى مەلۇم بىر ساھەدە ،مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇدەك قابىلىيىتى تۇرۇقلۇقمۇ،ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى دىيىشىدىن ياكى باشقىچە تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قۇيۇشىدىن ئەنسىرەپ ئۆز قابىلىيىتىنى ئاشكارىلىمايدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئۇلار ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قولىدىن ئىش كىلىدىغان قابىلىيەتلىك ئاياللاردىن بۇلۇشىنى بىلمەيدۇ.
3.ئۆزىنى قۇربان بىرىش روھىغا ئىگە ئاياللار،سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئۆزىنى قۇربان قىلىش» ھەرگىز يولدىشى نىمە دىسە«لەببەي» دەپ قۇل باغلاپ تۇرۇش ئەمەس بەلكى يولدىشىنىڭ كۈلكىسىگە كۈلكە،يىغىسىغا يىغا ئاتا قىلالايدىغان ،ۋاقتى كەلگەندە كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان ئايالللار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق ئاياللار يولدىشىنىڭ ،ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياخشى ھىمايىچى،ياخشى مەسلەھەتچى بۇلالايدۇ.
4.خۇشخۇي،خۇشچاقچاق ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر.
چىھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرۇش روھى-ھالاتتىكى ئۈستۈنلۈكنىڭ ئىپادىسىدۇر.كۈلكە-چاقچاق غەم-.ەندىشىنى يۇقىتىدۇ.قايسى ئائىلىدە چاقچاق ۋە كۈلكە ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلىسە ،شۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى كۈچىيىدۇ،ئىشلىرى بەركەت تاپىدۇ.بىراق بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ۋاقتىنى يوقىلاڭ تەشۋىشلىنىش،غەم-ئەندىشە بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.قارىماققا ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ پاسسىپ روھى-ھالىتى يولدىشىنىڭ نەزىرىدىكى«سۆيۈملۈك» ئوبرازىنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
5.سەۋەنلىكنى دەرھال ئىتراپ قىلالايدىغان ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردۇر.
بۇنداق ئاياللار ئاقكۆڭۈل بۇلۇپ،يولدىشىدا سۆيۈنۈش تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ئۆزىنىڭ روھى جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى بىلەن يولدىشىنىڭ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشى ۋە سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بۇلالايدۇ.
6.ئۇنداقتا ئاياللار سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بۇلۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كىرەك؟
1.ئاياللار گۈزەللىكنى توغرا چۈشىنىش كىرەك.
گۈزەللىكنى سۆيۈش كىشىلەردىكى بىر خىل ئورتاقلىق.بۇ يەردىكى گۈزەللىك ھەرگىزمۇ كىيىم-كىچەك،قاتار چاي،زىبىۇ-زىننەت،گىرىم بۇيۇملىرى جەھەتتىكى گۈزەللىك ئەمەس بەلكى قەلىپ گۈزەللىكى،شۇڭا ئاياللار تاشقى گۈزەللىككىمۇ مۇۋاپىق ئەھمىيەت بىرىشى،ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى قەلىپ گۈزەللىكىگە يۈكسەك
دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
2.ئاياللار يولدىشى ۋە يولدىشىنىڭ كەسپىنى قوللىشى كىرەك.
بەزى ئاياللار يولدىشىنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى،ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىنى يولدىشىنىڭ ئۆزىگە بولغان كۈيۈنىشى دەپ قارىماستىن قانداقتۇر يولدىشىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالغانلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.ئائىلە ئىشلىرىنى يولىدا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ۋە ئۆز -ئارا قوللاشماسلىق سەۋەبىدىن كەسىپتە نەتىجە قازىنالمايلا قالماستىن،بەلكى تۇرمۇشى ۋەيران بۇلىدۇ.شۇڭا ئاياللار يولدىشىنى توغرا چۈشىنى ،قوللىشى،يولدىشى ئۈچۈن قۇربان بىرىشكە تەييار تۇرۇشى كىرەك.چۈنكى غەلىبە قازانغان بىر ئەرنىڭ كەينىدە چۇقۇم بىر ئايال بار.
3.ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىدىكى سەككىز مىنىۇتقا سەل قارىماسلىقى كىرەك.
بەزى نىكاھ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە تۇرمۇشىدا ،ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنۇت بىلەن ئىشتىن قايتىپ كەلگەندىكى تۆت مىنىۇتنى ئىنتايىن مۇھىم،بۇ سەككىز مىنىۇتتىكى ئەھۋالنى ئائىلە ئىناقلىقى ۋە نىكاھ مۇۋەپپىقىيتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى دەپ قارىغان.شۇڭا بۇ سەككىز مىنىۇتقا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
چۈنكى بۇ سەككىز مىنىۇتتىكى ئىشلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا جورىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەتىگندە ئورنىدىن تۇرغاندىكى تۆت مىنىۇت ھەممىدىن مۇھىم،بۇ تۆت مىنىۇت ئىچىدە ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇئامىلىسى،شۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە كەيپىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەرلەر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە،ھاۋارايىنىڭ ئوساللىقى،قاتناشىنىڭقىستاڭچىلىقى،خىزمەتتىكى ئۇششاق ئىشلار سەۋەبىدىن كەيپىياتى ياخشى بولمىغان ھالەتتە ئۆيگە قايتقىنىدا،ئايالىنىڭ تۆت مىنىۇت ۋاقىت چىقىرىپ،؟كزىنى قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا تەشنا بۇلىدۇ.
بىر كۈن ئىچىدىكى بۇ سەككىز مىنىۇت ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر ئەينەك.شۇڭا ئاياللار قارشى تەرەپ دۇچ كەلگەن تۈرلۈك بېسىملارنى يىڭىشتە،ئۆر-ئارا ئىناقلىقنى ساقلاپ ،بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بۇ ۋاقىتنىڭ رولىغا سەل قارىماي،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،ھەقىقى سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بۇلۇشى كىرەك.
(شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارزۇ0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-27 11:51 AM