دېھقانلار 
خەيرۇللا قۇربان : تاڭنۇر 
قايتا تەھىرلەندى 
تاغلاردىكى قارغايدەك ، قىران ياشار دىھقانلار ،
قىزىل گۈلدەك دائىما  ،پۇراق چاچار دىقانلار ،
ھەقىقەتكە ھەر زامان ، ھەقنى قاتار دىقانلار ،
قىيىچىلىق- مۈشكۈلكە ، ئۆزىنى ئاتار دىقانلار ،
تەبىئەتكە ، ھاياتقا ، بەركەت چاچار دېھقانلار .
 
جاپالاردىن پۇت –قولى ، قاداق بولغان يېرىلغان ،
چىدام غەيرەت جاسارەت ، جىسمىدىن تەڭ ئېتىلغان ،
گاھى ئاچچىق كۆز- يېشى ، تارام بۇلۇپ تېمىلغان ،
ھالال، مىھنەت- ئەجىرى ، قۇياش بۇلۇپ چېچىلغان ،
جاپا بەدىلى شەربەتلىك ، رىسىق تاپار دېھقانلار .
 
ئەتىيازدا ئىش باشلاپ ، كۈزدە ھوسۇل يىغىدۇ ،
قۇنالغۇ قىپ ئېتىزنى ،گاھ تۈنلىرى قۇنىدۇ ، 
بۇغداي – قۇناق ئارسىدىن ،ئوت چۆپلەرنى يۇلىدۇ ،  
ھوسۇل بەرسە خامىنى ، خۇشال بۇلۇپ كۈلىدۇ  ،
داق يەردىنمۇ ئەجىرلىك ، شەربەت ئالار دېھقانلار . 
 
كەتمەن تۇتقان قوللىرى ، جاپالاردىن ئاشمايدۇ ،
كەلسىمۇ ھەر قىسمەتلەر ،چىداملىقتۇر، قاچمايدۇ ،
ئائىلەم ۋە بالام دەپ ،چىراق بۇلۇپ چاقنايدۇ ،
تېپىپ يەيدۇ ھالالنى ، زەر ھارامنى قاتمايدۇ ،
زىمىستانغا ، جۇدۇنغا ، مىھىر سۇنار دېھقانلار .
 
ۋۇجۇدىدا جاسارەت ، ئىسىل ئەخلاق چاقنايدۇ ،
بەزەن بىلىپ قەدىرىنى ، ساپ گۆھەردەك ئاسرايدۇ ،
لىكىن بەزەن پەس كۆرۈپ ، ياراتمايدۇ ، قەسلەيدۇ ،
لىكىن ئەمەس مەڭگۈلۈك ، ھامان بىر كۈن ئەسلەيدۇ ،
ھۆرمەت بىلەن ھايادىن ، پاكلىق سۇنار دېھقانلار . 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 10:48 AM