|
|
|
|
* << سېنىڭدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى
خىسلەت بار ؛ ـ سەۋىرچانلىق ۋە كەڭ قۇرساقلىق .
مۇھەممەد ئەلەيھىسالام
ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلاردىن .
* خىيالپەرەسلەر دۇنيانىڭ نىجاتكارى . يۈكسەك خىيال سىزگە يار بولسا
سىزمۇيۈكسەك ئادەم بولىسىز . مېغىز ئۈچكە ئىچىدە خاتىرجەم تۇرىدۇ .
قۇش تۇخۇم ئىچىدە تەشنالىق بىلەن يۇرۇق دۇنيانى كۈتۈپ تۇرىدۇ . غايىنىڭ
يۈكسەك پەللىسىدەپەرىشتىلەر ئاستا ـ ئاستا ئويغىنىدۇ . شۇڭا غايە ـ خىيال
رىئال ئۇرۇقى رىئاللىق مايسىسىدۇر .
يىراقنى كۆرۈش زېرەك مېڭىدە ، غايە پارلاق كۆڭۈلدە بولىدۇ . غايە نامايەن
بولۇپ تۇرىدۇ قەلبىڭىزنىڭ گۈلتاجىسى بولىدۇ ـ بۇلار دەل سىز ياراتماقچى
بولغان تۇرمۇشنىڭ ئەسۋاب ـ قۇرالىدۇر . خىيال سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى
نەتىجىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ .
ئۇتۇقنامىدىن .
* خىيالپەرەس بىلەن ئەمەلىيەتچى ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرىق ھەرىكەتتە .
ئۇتۇقنامىدىن .
* دىن دېگەن نېمە ؟
دىن دېمەك ، ئەخلاقتۇر .
مۇھەممەد ئەلەيھىسالام
ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلاردىن.
* ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق ، ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەت ۋە ھەر بىر
دىلخەستىلىك ئۆزىگە تەڭ ياكى تېخىمۇ كۆپ پايدا ـ مەنپەئەتنى ئۆزىگە
ھامىلە قىلغان بولىدۇ .
بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ دىن
* بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ زىيان ـ بىر قېتىممۇ كۈلمەسلىك .
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچىدىن
* نىشانىڭىز بىلەن پىلانىڭىز بولمىسا ، مەنزىلسىز يۈرۈۋاتقان كېمىگە ئوخشاپ
قالىسىز .
ئۇتۇقنامىدىن
دەخلى يەتكۈزۈش ، ئارقىغا سۆرەش ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ
ئەڭ ئەجەللىك كىسەل بولۇپ ، ئۇ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن بەخىتنىڭ مۇسىبەت
قوڭغۇرىقىنى قاتتىق چالىدۇ .
ئۇتۇقنامىدىن .
* خۇدا ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ .
* نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چۈشكۈنلىششى ۋە مەغلۇپ بولۇشى ، مەغرۇرلۇقتىن
باشلىنىدۇ .
* يۆلەنچۈك تېغىڭ بولسىلا ئوتۇنۇڭ ئۆكسۈمەيدۇ .
* ئۆزۈڭنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ ھەر قانداق جەڭدە يېڭىلمەيسەن .
* جەڭ قىلمايلا دۈشمەننى باش ئەگدۈرەلىگەنلەر دانالارنىڭ داناسىدۇر .
سۈنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرىدىن
* بۇرۇن مەن ۋاقىتنى بىمەنىلەرچە خوراتقان ئىدىم ، ھازىر ۋاقىت مىنىڭ
ھاياتىمنى خوراتماقتا .
ئېمىرسون
* غۇرۇر ــ بارلىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۇل تېشى .
بۈيۈك ئىلھامنامىدىن
* سىز باشقىلارنى تۆۋەن كۆرسىڭىز ئۆزىڭىزنى تۆۋەن كۆرگەن بولىسىز .
ئۇتۇقنامىدىن .
* ئادەم مەغلۇپ بولمايدۇ ، پەقەت تېرىشچانلىقتىن ۋاز كېچىدۇ .
ئۇتۇقنامىدىن .
* ھەر قانداق ئادەم بايلىققا ئىنتىلىشكە ھوقۇقلۇق ، كۆپ ساندىكى
كىشىلەربايلىققائېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . بىراق ، ئېنىق پىلان بىلەن بايلىققا
بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ بايلىق توپلاشنىڭ بىردىنبىر
ئىشەنچىلىك يولى ئىكەنلىكىنى بىلدىغانلارناھايتى ئاز .
بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ.
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بر دانە ئاككومۇلياتورغا ئوخشايدۇ . بىر گۇرۇپپا
ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن توكنىڭ بىر دانە ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن
توكتىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز . ھەر بىر ئاككومۇلياتۇر تەمىنلەيدىغان
توك كۈچىنىڭ ئاشۇ ئاككومۇلياتۇرنىڭ ئىچىدىكى باتارىيەلەرنىڭ سانى ۋە
سىغىمچانلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ھاسىل قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز .
ئادەم مېڭىسىنىڭ رول ئويناش پىرىنسىپىمۇ دەل ئاشۇنىڭغا ئوخشايدۇ .
بۇ ھال بەزى كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن ئەقىللىق بولىدىغانلىقى
چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . چۈنكى بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە سەمىمىي
ھەمكارلاشقان بىر گۇرۇپپا مېڭە ھاسىل قىلغان ئىددىيۋى كۈچ ، بىر دانە
مېڭە يەككە ـ يىگانە ھاسىل قىلغان ئىددىيۋى كۈچتىن چوڭ بولىدۇ . بۇ خۇددى بىر گۇرۇپپا ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن
توكنىڭ ، بىر ئاككومۇلياتۇر تەمىنلىگەن توكتىن كۆپ بولىدىغانلىقىغا
ئوخشايدۇ .
دېمەك بۇ ئوخشىتىشتىن ئاتىللىرىمىزنىڭ ؛ << برلەشكەن ئۇزار >>
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر ، بۈلۈنگەننى بۆرە >> دېگەنلىرىنى كۆرۈۋالغىلى
بولىدۇ .
كۈچ ـ قۇدرەتكە ئېرىشىشنىڭ سىرى ـ ھەمكارلىق ، << ئاقىللار
گۇرۇپپىسى >>پىرىنسىپىنىڭ باشقىلارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئۆزىنىڭ
ئەقىل ـ پاراسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى
بولىدۇ .
بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭدىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-27 01:03 PM
|
|
|
|
|
|