مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1239|ئىنكاس: 7

فىلىم: ئۇيغۇر نەققاشلىق ( گەج ئويما) دىن ھوزۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71289
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2011-12-21
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:08:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر نەققاشلىق ( گەج ئويما)- ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى .
ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندىن باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىنىڭ شەكلى ھەرخىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئىشلەتكەن ماتېرىياللار ۋە قوللىنىلغان ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ياغاچ ئويما نەقىش، خىش تىزما نەقىش، گۈللۈك خىش كاھىش، رەڭلىك ئويما نەقىش، خىش ئويما نەقىش، گەج ئويما نەقىش، رەڭلىك سىزما نەقىش قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە ياغاچ ئويما نەقىشلىرى ۋە رەڭلىك سىزما نەقىشلىرى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
خىش قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەردە گەج ئويما نەقىش، گۈللۈك خىش، خىش تىزما نەقىش، كاھىش ئاساس قىلىنىدۇ. خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەرنى زىننەتلەشتە ھەر خىل نەقىش، بېزەك، شەكىللىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جانلىق، سىپتا، كۆركەم بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ھەيۋەتلىكلىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نەپىس، گۈزەل سەنئەتلىكلىكى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز جەلپ قىلىپ، بەدىئىي زوق، مەنىۋى ئوزۇق ۋە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى ماكانى ئورمانلىقلار، غار-ئۆڭكۈرلەرنى تاشلاپ بۈگۈنكىدەك باغ-ۋارانلىق، ھويلا-ئاراملىق، پېشايۋان-سوپىلىق، دەھلىزە-قازناقلىق، تۆر پەرگاھلىق، تەكچە مېھرابلىق، ۋاسا جۈپ-ناۋالىق، ئەگىمە ئىشىك-دېرىزىلىك، گۈل مەنزىرىلىك ئۆيلەرگە؛ ئۇزۇن سېپىللىق، گۈمبەز-مۇنارلىق، رەستە-كوچىلىق، تاغ-دەريالىق، يېشىل ئورمانلىق، خۇش ھاۋالىق ئاۋات شەھەرلەرگە كۆچكەنلىكى ھەرگىزمۇ ساپالسىز، نەقىش-بېزەكسىز مەيدانغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ساپالنىڭ رولى ناھايىتى زور بولغان...ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە گۈل نەقىشلىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي، بەدىئىي سەنئىتى نامايان قىلىنغان ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەقىش بېزەكلىرىدە شەكىل بىلەن مەزمۇن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى ئىچىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، ئىشلەش ئاسان ھەم رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان خىش تىزما نەقىشلىرى-ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش تۈرلىرى ئىچىدە خىش تىزما نەقىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. خىش تىزما ئىمارەتلەرنىڭ سۇۋالمايدىغان تام يۈزلىرى، سىرتقى پەردازلىرى، مۇنار يۈزىدىن ئىبارەت كۆزگە چېلىقىدىغان قىسمىغا خىشلارنى ئالاھىدە تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن تىزىش ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا، خىش تىزما نەقىش بىلەن گەج ئويما نەقىش ھۈنەر سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىپ ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ھاسىل قىلىدۇ. خىش تىزما نەقىشنى ئىشلەشتە شەكىللىرى بىر قەدەر ئاددىي بولغان گېئومېتىرىك تۈز سىزىق ئاساسىدىكى نەقىش تۈرلىرىدىن گۈل-چېچەك، چاقماق، كەكلىك قېشى، ساندۇقچە، توقۇناق، پەتنۇس، شەيتان قۇلۇپ قاتارلىقلار بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل نەقىشلەر كۆپىنچە ئىككى تەرەپكە، تۆت تەرەپكە داۋاملاشتۇرۇلغان ھالدا، بەزىلىرى نەقىش ئىشلىنىدىغان ئورۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئاساستا مۇستەقىل بىر ئۆرنەك قىلىپ ئىشلىنىدۇ.
خىش تىزما نەقىشىنى ئىشلەش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: خىشنى ھەرخىل گېئومېتىرىك شەكىل بويىچە ۋە نەقىش تەلىپىگە ئاساسەن تىزىپ تام قوپۇرۇش، تىزىلغان خىشلار ئارىلىقىدىكى بوشلۇقلار زىننەت-بېزەك تەلىپىگە ئاساسەن، ئاق ياكى باشقا رەڭ ئارىلاشتۇرۇلغان ھاك، گەج لاي بىلەن پىلتا تارتىلىدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن نەقىش ئىشلەنگەن تاملار ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، خۇددى سىزىلغان نەقىشتەكلا كۆرۈنىدۇ ھەمدە ناھايىتى پۇختا بولىدۇ.
يەنە بىر خىلى خىشلارنى ئالدىن يونۇش، كېسىش ئارقىلىق رومبا، ئۈچبۇلۇڭ، كۋادرات شەكىللىرىگە كەلتۈرۈۋېلىپ، قۇم قەغەزدە سىلىقلاپ، ئاندىن تاللانغان نەقىش ئۆرنەكلىرىگە ئاساسەن بۇ خىشلارنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ تىزىش، يەككە تىزىش ياكى تىكلەپ تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. مۇنداق ئۇسۇل بويىچە تىزىلغان خىشلاردىن چېچەك، غۇنچە، يېرىم غۇنچە، چاسا غۇنچە، يۇلتۇز، كۆپتۈرمە يۇلتۇز، ساندۇقچە، كەكلىك قېشى، شەيتان قۇلۇپ قاتارلىق نەقىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەمپەي، پېشايۋان سوپىسى، زەگۈندە قاتارلىق ئىمارەتنىڭ ئۇلى بىلەن دېرىزە تەكچىسى ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا، دېرىزە بىلەن دېرىزە، دېرىزە بىلەن ئىشىك ئارىلىقىدىكى بوشلۇققا پىلتا-ناۋا شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن خىشلارنى رامكا قىلىپ، باشقا خىشلارنى يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بويىچە تىزىش ئارقىلىق نەقىش ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلىدۇ.
ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولغان كېسەك، كېسەكتىن ياسالغان سېپىل، مۇنار ۋە ئۆي-ئىمارەت ئىزلىرى بايقالغان. بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىلا ئۆي-ئىمارەت سېلىشتا تام سوقۇشتىن كېسەك بىلەن تام قوپۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى، كېسەك بىلەن سېلىنغان ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ، ئۇنى شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان تەكرار ئىشلىتىش جەريانىدا كېسەكلەرنى ھەر خىل شەكىلدە تىزىش ئارقىلىق تام قوپۇرۇش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
لېكىن ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرى تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئۇرۇش ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، خىش تىزما نەقىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەمۇنە ئۆرنەكلىرى ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن، مەسىلەن، خىشلارنى تىزىش ئارقىلىق ئون نەچچە خىل نەقىش چىقىرىلغان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى، ئاپئاق خوجا مازىرى، خوتەن ۋە كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللىي ئۇسلۇبتىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ دەرۋازا مۇنارلىرىدا خىش تىزما نەقىشنىڭ كۆركەملىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئومۇمەن، خىش تىزما نەقىشلىرى ئۇيغۇر مېمارچىلىق تېخنىكىسى، نەقىش-بېزەك سەنئىتى، ماتېرىيالچىلىق قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشىمىزدا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە.
ئەقلىمگە كېلىپ ئاتا كەسپ ئۇيغۇر نەققاشلىق ( گەج ئويما) بىلەن ئۇچرۇشۇپتىمەن، بوۋام بىر ئۆمۈر شۇغۇللانغان بۇ ھۈنەرنى ئىككى تاغام ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
11.jpg


رەھمەتلىك  بوۋام ( چوڭ دادام) ئابدۇللا ئاخۇن ئۇستام ( كىشىلەر ئابلىراخۇن ئۇستام دېيىشەتتىكەن) نىڭ ھۈنەرلىرىنى قەشقەر شەھرىدىكى قەدىمىي ئۆيلەر، ھېيتگاھ جامەسى ۋە كۆپ قىسىم مەسچىتلەردىن باشقا  چوڭراق ئەمگەكلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى خەلق تىياتىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز خەلق سارىيىدىن ھازىرمۇ كۆرۈش مۇمكىن.
تاغىلىرىمدىن ئابلىز ئابندۇللا ھاجىم، مەرھۇم ئىسمايىل ئابدۇللالار ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ ھازىر ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ بۇ كەسىپكە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2009- يىلىدىن 2012- يىلغىچە مۇناسىۋەتلىك ئەمگەكلەردىن بىر قىسمىنى تاغام ئېزىز (ئابلىز) ئابدۇللا ھاجىم ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىپ ئاددىيلا ئالبۇم قىلىپ قويغان ئىدىم. بۈگۈن بۇنى تورغا يوللاش نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ.
1- ئالبۇم

چىقمىسا http://v.youku.com/v_show/id_XNTg3NjM2Njg4.html
2- ئالبۇم

چىقمىسا http://v.youku.com/v_show/id_XNTg3NjM4MDg4.html
3- ئالبۇم

چىقمىسا http://v.youku.com/v_show/id_XNTg3NjM5Mjk2.html

مەرھەمەت: www.yolyar.com ئۇلىنىش تورى---- www.intil.biz- بىلىم سەيناسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 11:46:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇبەك قىزىقاتتىم مۇشۇكەسىپكە،ئويلىمغان يەردىن ئاشپەزبولۇپ قالدىم دىسە.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 11:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22914
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6465
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 03:48:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرغۇ كەسىپ قىلىدىغانلار ساناقلىقلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 11:07:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئويمىچىلىق ماشىنىسى ئارقىلىق ئالامەت نەقەشلەرنى ئويىۋاتىمىز بىزلە.

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58324
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ مۇشۇ نەققاشلىق دىگەن ئوي بىزەشكە بىر كىشلىك ھۆسۈن قۇشۇدۇ جۇما

ئىككى ئادەم بىلگەن ئىش مەخپىيەتلىك بولمايدۇ..........بۇ ھايات پەقەتلا بىر كۈن ئۇ بولسىمۇ دەل بۈگۈن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94107
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 01:56:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانداق مۇرەككەپ گۈزەل-سەنئەت قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىش ئەمەس، شۇڭا تارىختىن بىزلەرنىڭ قانچىلىك مەدەنىيەتلىك قانچىلىك ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەردىن ئىكەنلىگىمىزنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس.
ئۆزىمىزنىڭ كىملىگىنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالمايلى،ئازادلىقتىن كېيىن سىڭىپ كىرگەن بىر قىسىم ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان خاتا قاراشلارنى چۆرۈپ تاشلايلى .

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11221
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 05:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەكلا قىزىقىمەن،  بۇ كەسىپكە  ھىلىمۇ ھەم ئۆگۈنۈۋاتىمەن ،سېسىمىلىق  ئۆگۈتىدىغان يەر بولسا ئىدى دەرھال  باراتتىم .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yolyar + 10 ئۈلۈشكۈن تاغام بىلەن .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش