ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
مەنزىل گۇرۇپپىسى تور بېكىتىمىز بىر مەزگىللىك icp بىجىرىش ئىشلىرىدىن كېيىن رەسمىي تۈردە تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى. تۆۋەندە مەنزىل گۇرۇپپىسى ھەققىدە ئازراق چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتەي.
مەنزىل گۇرۇپپىسى ھەققىدە:
گۇرۇپپىمىز 2012-يىلى تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھازىرغا كەلگىچە مەنزىل مىكرو-خەت گۇرۇپپىسى، تور تېخنىكا گۇرۇپپىسى ۋە مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى قاتارلىق ئەمگەك مېۋىلىرىنى كەڭ تورداشلارغا تەقدىم ئېتىپ كەلدى. گۇرۇپپىمىز خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەد قىلغان، ئورتاق نىيەتلىك ، ئوتيۈرەك ياشلاردىن تەشكىللەنگەن.
گۇرۇپپىمىزنىڭ يىراق مەزگىللىك پىلانىدا تورداشلارغا يەنە سەرخىل ، مۇكەممەل بولغان تور مۇھىتى ھازىرلاشنى مەقسەد قىلدۇق. ئاللا خالىسا يېقىن مەزگىلدىلا يەنە ئېسىل نەتىجىلىرىمىز تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. گەرچە تورداشلارغا ئەڭ ياخشى ، ئەڭ مۇكەممەل تور بىلىم مۇھىتى ھازىرلاپ بېرەمىسەكمۇ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قولىمىزدىن كېلىشىچە خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىدە بولالىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆز ئەمگىكىمىزدىن مىننەتدارمىز. بىزنىڭ ئەمگەك مىۋىمىز سىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئازغىنە تەشنالىقىنى قاندۇرالىسىلا، مانا بۇ بىزنىڭ غەلبىمىزدۇر.
گۇرۇپپىمىز يەنە ھەرساھەدىكى قېرىنداشلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ھەمكارلىشىش نىيىتى بار گۇرۇپپا ياكى شەخسلەرنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى :
بىلىمخۇمار خەلقىمىزگە مول ھەم مۇكەممەل بولغان ئېلكىتاب مەنبەسى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقتۇق. تورداشلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ۋە ئۆزىدە بار بولغان ئېلكىتابلارنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
بېكەت ئىقتىدارلىرى:
1 . ئېلكىتاب كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش
بېكىتىمىز ئېلكىتابلىرى بەيدۇ تور بوشلۇقىغا يوللانغان بولۇپ ، چۈشۈرۈش سۈرئېتى تېز ۋە قولايلىق
2 . ئېلكىتابلارنى باھالاش
تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى باھالىيالايدۇ.
3 . تور بەتكە ئەزا بولۇش
4 . ئەزالار كىتاب يوللاش
ئەزا بولغان تورداشلار ئۆزىدە بار بولغان ماتىريالنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.
5 . ئەزالار كىتاب ساقلاش
ئەزالار ياقتۇرغان كىتابلارنى ساقلىۋالالايدۇ. كېيىن بىۋاستە ساقلانما كىتابلار ئىچىدىن تاپالايسىز.
ئېلكىتاب گۇرۇپپىمىز ھەرقايسى مۇنبەرلەر بىلەن ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىدۇ. گۇرۇپپىمىز مۇنبەرلەر ئۈچۈن ئايلىق ژورنال ياساپ بېرىمىز ۋە تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىمىز.(ۋاقتىنچە 4 مۇنبەر بىلەن چەكلىنىدۇ).
مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى تور بەت ئادرىسى: http://book.menzil.biz
مەنزىل گۇرۇپپىسى باش بەت ئادرىسى: http://www.menzil.biz
كامالىي ئېھتىرام بىلەن : مەنزىل گۇرۇپپىسى