|
|
|
|
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت سۆيۈش مىكىرو ھېكايە يۇزلىرىنى يول-يول قورۇق باسقان،قوللىرى جاپادىن يېرىكلەشكەن،ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان دادا ئوغلىنى مۇھەببەتلىك قەلبى بىلەن پشانىسگە سۆيۈپ ئۇزۇن سەپەرگە ئۇزاتتى. يۇز تېرىلىرى مايلاردىن قانىسزلىشىپ،قوياش نۇرىدىن مەھرۇم ھالدا ئاقارغان،جاپادىن مۇستەسنا قوللىرى پاختىدەك يۇمشاق ئوغۇل ئوغلىنى مۇھەببەتكە تەشنا قەلبى بىلەن پشانسىگە سۆيۈپ ئۇزۇن سەپەرگە ئۇزاتتى. ئوغۇلىنىڭ ئوغلى ئوغلىنى بوسۇغىدىن ئاتلاپلا پشانىسىنى سۈرتۈپ ئۇزۇن سەپەرگە راۋان بولدى. كۆيۈمچان ئانىلار ۋاپادار بالىلارنى تەربىيلەپ چوڭ قىلغانلىقىتىن پەخىرلىنىپ ماختىنشاتتى. دادىلار بالىلىرىنىڭ يولغا تەشنا بولۇپ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرشاتتى... ئېھ!مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا.يالغۇزلۇقتا پەرىزەنىت مۇھەببىتىدە قاغجىرىغان يۈرەكلەر. 2013-يىلى 26-ئىيۇل.قەدىمىي شەھەر يەكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-27 12:43 PM
|
|
|
|
|
|