مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2078|ئىنكاس: 13

قاغىلىق تارىخىدىكى شەخىسلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 09:14:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            قاغىلىق تارىخىدىكى شەخىسلەر

                                                        ياقۇپ ئامبال

   ياقۇپ ئامبال ( ياقۇپ بەگ ) 1884 - يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ  بازار ئىچىدىكى تۇگمەنئىرىق بويى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، خەنزۇچە ئىسمى يۇۋىيخۇ ئىدى . ئاتىسى يۇنۇس ھاجى ھەجگە بىرىپ ، ھەرەمدە ئولۇپ كەتكەن ئىدى .
   ياقۇپ ئامبال يەتتە يىشىدىن باشلاپ بىر مەھەل دىننىي مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىق بولغاندىن كىيىن ، شۇ چاغلاردا مەنچىڭ ھوكۇمىتى تەسىس قىلغان خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇپ ، ئىمتىھاندىن ياخشى ئوتكەنلىكى ئۇچۇن ، شىيۇسەي ( تالىپ ) دىگەن ئونۋانغا ئىرىشىدۇ . شۇندىن كىيىن ، شىنجاڭنىڭ ئولكە مەركىزىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ ئوتىدۇ ۋە ئۇچ يىل ئوقۇپ ، خەنزۇچە بىلىمنى چۇڭقۇر ئوزلەشتۇرۇدۇ . ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان چاغدا ئولكە ئىمتىھانىدىن ئەلا دەرىجىدە ئوتكەنلىكى ئۇچۇن ، « جۇيرىن » ( چىڭ سۇلاسى دەۋرىدە ئولكە ئىمتىھانىدىن ئوتكەنلەرنى شۇنداق ئاتايىتتى ) دىگەن ئىلمىي ئونۋانغا ئىگە بولىدۇ . ئوقۇش پۇتتۇرگەندە ئولكىلىك ھوكۇمەتكە تەقسىم قىلىنىپ ، بولۇم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ .شۇ چاغدىكى ئولكە باشلىقى ياڭ  زىڭشىن بىر كۇنى ياقۇپ ئامبالنى ئەگەشتۇرۇپ ، شىمالىي دەرۋازىدىكى سىپىل ئۇستىگە چىقىپ ، تاماشا قىلىپ ماڭىدۇ . دەل شۇ چاغدا بىر ئۇيغۇر يىتىمچى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئوتۇۋىتىپ ، « تاھىر - زوھرە » غەزىلىدىن مۇنۇ ئىككى مىسرانى ئوقۇپ ماڭىدۇ : « تەپسەم ساندۇق ئاچىلۇر ، گۇل باشىمغا ساچىلۇر ... » . بۇ غەزەلنى ئاڭلىغان ياڭ جاڭجۇن : « يۇۋىيخۇ ، ئاۋۇ لاۋچەنتۇ نىمە دەۋاتىدۇ ؟ » دەپ سورايدۇ . ياقۇپ ئامبال ھىچ ئىككىلەنمەسىن : « تىشاڭ شىياڭ زا كەيلى ، تۇشاڭدىخۇار سەنكەيلى ... » دەۋاتىدۇ ، دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان ياڭ زىڭشىن قاقاقلاپ كۇلۇپ كىتىپ : « بارىكاللا ، ئىلمىي سەنئەت جەھەتتە كامالەتكە يىتىپسەن ، ئەمدى بىرەر ناھىيىگە ئامبال بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بوپسەن ... » دەپ ئامباللىققا تەيىنلەپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ، ئۇ ، كەلپىن قاغىلىق قاتارلىق بىر قانچە ناھىيىلەردە ئامبال بولۇپ ئىشلەيدۇ . خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا پارا ، خىيانەتنى ھارام دەپ بىلىپ ، ئادالەتلىك ، پاكلىق بىلەن يۇرىت سورايدۇ . 1932 - يىلى چەشمە تامدا يىغىلىق بولغاندا ، ئۇ ، قاغىلىققا قايتىپ كىلىپ ، ئاكىسى سىدىق بەگنىڭ قورۇسىدا تۇرۇدۇ . 1933 - يىل ، يىل بىشىدا ، خوتەندە زور كولەملىك قوزغىلاڭ بولىدۇ . شۇ چاغدىكى قاغىلىقنىڭ ئامبىلى لىيۇشاۋلى يۇقۇرىنىڭ پەرمانىغا بىنائەن ، قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۇچۇن ماڭغان ئەسكەرلەرگە قۇماندان ھەم سوھبەت ۋەكىلى بولغانىدى . ئۇ يولغا چىققاندا ياقۇپ ئامبالنىمۇ سوھبەت ۋەكىلى سۇپىتىدە بىللە ئىلىپ ماڭىدۇ . ئۇلار گۇما بىلەن قارىقاش ئارىلىقىدىكى قۇماتپاشاھىم ، زاۋا دىگەن جايلاردا قوزغىلاڭچىلار  بىلەن ئۇچرۇشىدۇ . ياقۇپ ئامبال  بۇ ۋاقىتتا خەلىق ئاممىسى تەرەپتە تۇرۇپ مۇھىم رول ئوينىغانلىقتىن ، كوپلىگەن پۇقرالارنىڭ ھاياتى ئامان قالىدۇ . 1933 - يىلى 3 - ئايدا ، يەنە قاغىلىق بىلەن گۇما ناھىيىسىدە بىر كۇندىلا قوزغىلاڭ كوتۇرۇلىدۇ . بۇ چاغدا سوقۇش ۋە سوھبەتتىن نەتىجە چىقىرالماي مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگەن لىيۇشاۋلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 1000 دىن ئارتۇق جىن شۇرىن ئەسكەرلىرى ، قوزغىلاڭ ئۇستىگىلا ئۇلگۇرۇپ كىلىپ قالىدۇ . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش باھانىسىدا 300 دىن ئارتۇق پۇقرانى قىرغىن قىلىدۇ . بۇ پاجىئەلىك ئەھۋالنى كورگەن ياقۇپ ئامبال چىداپ تۇرالمايدۇ ۋە دەرھال ئەسكەر باشلىقىنى تىپىپ ، ئۇنىڭغا : « بۇ قوزغىلاڭغا باشلىق بولغۇچىلار بىر ياكى ئىككى ئادەم بولۇشى مومكىن ، مۇنچىۋالا نۇرغۇن پۇقرانى ئولتۇرۇۋەتسەك ، كىيىن بىزگە پۇقرا لازىم بولمامدۇ ؟ يەرنى كىم تىرىيدۇ ؟ تىجارەتنى كىم قىلىدۇ ؟ شۇڭا قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش لازىم ! » دەپ تەكلىپ بىرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئەسكەر باشلىقى بۇ تەكلىپنى ماقۇل كورۇپ ،  كاناي چىلىشقا بۇيرۇق بىرىدۇ ھەم ئەسكەرلىرىنى يىغىپ  قىرغىنچىلىقنى توختىتىدۇ .  نەتىجىدە ، نەچچە مىڭ ئادەمنى قىرىلىپ كىتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ . بۇ ۋەقەدىن كىيىن قاغىلىقتا يەنە ئەبەيدۇللا ئەلەم ، ئىشان ئاتاۋۇللاخان خوجا ، ۋە ساۋۇرخان خوجىلار باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كوتۇرۇلۇپ ، ئىككى سائەتچە جىددى ئىلىشىش نەتىجىسىدە ،  بىر قانچە خەنزۇ ، ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئولتۇرۇلىشى بىلەن ئاخىرلىىپ ،  قوزغىلاڭچىلار غەلىبە قىلىدۇ . بۇ خەۋەرنى لىيۇشاۋلى ئامبالغا يەتكۇزۇش ئۇچۇن خوتەنگە ماڭغان روزى يايى گۇما بازىرىدىن قاغىلىققا قاراپ يولغا چىققان قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭغان ياقۇپ ئامبالغا ئۇچرايدۇ . ياقۇپ ئامبال ئۇنىڭدىن نىمە ئۇچۇن كەلگەنلىكىنى سورايدۇ . روزى يايى قاغىلىقتا قوزغىلاڭ بولۇپ ، بىر نەچچە خەنزۇ ئەمەلدار بىلەن توت - بەش نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئوليۇرۇلگەنلىكىنى ، ئامبال - دارىنلارنىڭ خوتۇن - بالىلىرى ئەسىرگە ئىلىنغانلىقىنى سوزلەپ بىرىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان ياقۇپ ئامبال روزى يايىغا : « سىنى لىيۇ ئامبالغا توغرىلايمەن ، سەن ئۇنىڭغا قاغىلىق خەلقى قوزغىلىپ خەنزۇلارنى ئولتۇردى دىمەي ، قاغىلىققا خوجىنىياز ھاجىنىڭ قىسىملىرى باستۇرۇپ كىرىپ  ، شەھەرنى تارتىۋالدى ، دىگىن ، لىيۇ ئامبال سىنىڭدىن قانچىلىك ئەسكەر ئىكەن ، قانداق قۇرالى بار ئىكەن ، دەپ سورىسا ، ئەسكەرلەرنىڭ سانى كوپ ، مىلتىقلىرى مىشەكلىك ئوق يەيدىغان مىلتىق ئىكەن ، دەپ جاۋاپ بەر ، ئۇنداق دىمىسەڭ ، لىيۇ ئامبال قاغىلىققا باستۇرۇپ كىرىپ ، ئىت، مۇشۇكلەرگىچە قويماي قىرىپ تاشلايدۇ ... » دەيدۇ . شۇنداق قىلىپ روزى يايىمۇ ياقۇپ ئامبالنىڭ دىگىنى بويىچە لىيۇ ئامبالغا ۋەقەنى مەلۇم قىلىدۇ . لىيۇ ئامبال خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ چۇچۇپ كىتىپ ، ياقۇپ ئامبالدىن مەسلىھەت سورايدۇ . ياقۇپ ئامبال : « ئۇنداق بولسا بىز قاغىلىق بازىرىغا كىرمەي ، تاغ يولى بىلەن يەكەن تەۋەسىگە ئوتۇپ ، يەكەننىڭ يىڭىشەھىرىگە كىرىپ كىتەيلى ... » دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن لىيۇ ئامبال ياقۇپ ئامبالنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش كورىدۇ . نەتىجىدە قاغىلىقتا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ قىنى توكۇلۇشتەك پاجىئەلىك ئەھۋالنىڭ يۇز بىرىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ماخۇسەننىڭ 36 - دىۋىزىيىسى كىلىپ قاغىلىق بىلەن خوتەن تەرەپتە ئورۇنلىشىش ئارىلىقىدا ، ئىككى قىتىم ھاكىمىيەتسىز ھالەت يۇز بىرىپ ، قىرغىنچىلىق ۋەقەسى پەيدا بولۇشى كورۇنۇپ تۇرغان بىر پەيىتتە ، ياقۇپ ئامبال يامۇل دەرۋازىسىنى ئىچىپ كىرىپ ،  ئوزىنى ئامبال دەپ جاكارلايدۇ ھەم ھاكىمىيەتنى قايتىدىن تىكلەپ ، ناھىيىلىك ھوكۇمەتنى تەسىس قىلىدۇ . نەتىجىدە ، ھوكۇمەت خىزمىتىنى ئوزى قول سىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق جەمىيەت ئامانلىقىنى ساقلاپ ،  پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ۋە نۇرمال ئىشلەپچىقىرىش ئىلىپ  بىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . ئارىدىن ئۇزۇن ئوتمەي ، ماخۇسەننىڭ 36 - دىۋىزىيىسى كەلگەندىن كىيىن ، ياقۇپ ئامبالنى خوتەنگە ئىلىپ كىتىپ ، دىۋىزىيە شىتابىدا مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىگە قويىدۇ . 1937 - يىلى شىڭ شىسەي 36 - دىۋىزىيىنى يوقۇتۇپ ، ئوز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەندە ، شىڭ شىسەينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ياقۇپ ئامبالنى قولغا ئالىدۇ ۋە 1942 يىلى 4 - ئايدا ئۇنى ئادەم قىلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيىن - قىستاققا ئىلىپ ئولتۇرىدۇ . خەلىقپەرۋەر ياقۇپ ئامبالنىڭ خەلقىم ، مىللىتىم دەپ بىر ئومۇر كورەش قىلغان قىسقىغىنە ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ .

   ( جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشى ش  ئۇ  ئا  ر  كومىتىتى تارىخ ماتىرياللىرى تەتقىقات ھەيئىتى تۇزگەن « شىنجاڭ تارىخ  ماتىرياللىرى » ناملىق كىتاپنىڭ 24 - قىسمىدىن ئىلىندى )

                                                  2013 - يىل 25 - ئىيۇل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 05:29:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقۇپ بەگ ھەققىدە قايتا تونۇش ھاسىل قىلدىم،بۇرۇن مەن ئەسكىمىكىن دەپتىمەن. رەھمەت،ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بولدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 06:44:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elzat1119 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 05:29 PM
ياقۇپ بەگ ھەققىدە قايتا تونۇش ھاسىل قىلدىم،بۇرۇن مەن ئ ...

ياقۇپبەگ 1884-يىلىدىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ تىمىدىكىسى 1884-يىلى تۇغۇلۇپتىكەن يەنى شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلغان ۋاقىت .
تىما ئىگىسى يىلنامە خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ ياكى ئىككىسى باشقا باشقا ئادەممۇ شۇنى ئەسكەرتىۋەتسە بولغۇدەك .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 07:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي بۇرادەرلەر،تېما كۆرمەي ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراپ كەتمىڭىزلار،تېما ئىگىسى قاغىلىقتىكى مەشھۇر زەخسلەر ھەققىدە يازسا،سىلەر ئەنجانلىق ياقۇپبەگ(بەدۆلەت)نىڭ گېپىنى قىلىسىلەرغۇ؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 07:51:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 06:44 PM
ياقۇپبەگ 1884-يىلىدىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ تىمىدىكىسى ...

   
   تورداشلارنىڭ تىما ماۋزۇسىغا دىققەت قىلىشىنى سورايمەن. بۇ ، بەدولەت ياقۇپ بەگ ئەمەس ، قەشقەر - قاغىلىقلىق ياقۇپ بەگ .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 08:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 09:25:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 06:44 PM
ياقۇپبەگ 1884-يىلىدىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ تىمىدىكىسى ...

  
  تىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ ، ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ . بولمىسا « كاللا دىسە پاچاق » دىگەندەك بولۇپ قالىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 09:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yagaqqi يوللىغان ۋاقتى  2013-7-27 09:25 PM
تىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىپ ، ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ .  ...

مەن ئۈستىدىكى تورداشنىڭ خاتالىشىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتىم . خاپا بولمىسىلا بىر قېتىم نەقىل ئېلىۋالغاندىكىن بولا . ئا يىلنامىغا قاراپلا ئاستىدىكى ئىنكاس يازغان تورداشنىڭ ئازغىشىپ قالغىننى بىلگەنتىم .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 11:41:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بىز دەۋىرنىڭ  ج

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 499
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 851
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 12:22:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يوللىنامدا

بىر مەزگىل تېڭىرقىغان خەلق ھامان ئۆزىگە قايتىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش