ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
ئاقكۆڭۈل چاشقان ۋە قارانىيەت چاشقان
مەسەل
بىر كاماردا ئىككى چاشقان ھېچ نەرسىدىن غېمى يوق بىللە ياشايدىكەن.ئۇلار شۇنچە ئۇزۇن يىل بىللە ياشىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ خۇي پەيلى بىر-بىرگە ئوخشمايدىكەن.بۇلاردىن بىرى ناھايتى ئاقكۆڭۈل،ساپدىل ئىكەن.بىرى بولسا قارانىيەت، ئالا كۆڭۈل ئىكەن.
بىر كۈنى ئاقكۆڭۈل چاشقان ئېھتىياتىسزلىقىتىن پۇتنى قايرۋاپتۇ-دە،ئورۇندىن تۇرالماي يېتىپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاقكۆڭۈل چاشقاننىڭ ھالدىن خەۋەر ئېلىش قارانىيەت چاشقاننىڭ زىممىسىگە چۈشپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي ئورۇندىن تۇرالمىغان ئاقكۆڭۈل چاشقاننىڭ قورسقى بەك ئېچىپ كېتىپتۇ.ئۇ ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قارانىيەت چاشقانغا:
-قورسقۇم بەك ئېچىپ كەتتى.ئازىراق يەيدىغان نەرسە تېىپىپ يېسەك بولاتتى ،-دەپتۇ.
قارانىيەت چاشقانىڭمۇ قورسقى ئېچىپ بولالماي قالغانىكەن.بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ-دە:
-ئۇنداق بولسا نان يەيلى،مەن ئاشخانىغا كىرىپ ئازىراق نان ئوغرلاپ كېلەي،-دەپتۇ. ئاقكۆڭۈل چاشقان دوستۇنىڭ گېپنى ئاڭلاپ:
-بۇنداق قىلساق ياخشى بولماسىمكىن،باشقچە بىر ئامال تاپايلى؟-دەپتۇ ئۆتۈنگەن ھالدا.
-ھېچ ۋەقەسى يوق دوستۇم،قانداقلا قىلمايلى بىزگە ھېچكىم بىر نەرسە بەرمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئىنسانلار بىزنى نەدە كۆرسە قوغلاپ-سۈرۈپ ئۇرىدۇ.ھەم بىزنى دائىم ئوغرى دەيدۇ.شۇڭا،ئازىراق بۇغداي ئوغرلاپ كېلەي،-دەپتۇ قارانىيەت چاشقان چۈشەندۇرۇپ.ئاقكۆڭۈل چاشقان دوستىنىڭمۇ قورسىقى ئېچىپ كوركىراپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ ئارتۇق ئويلانمايلا ‹‹ماقۇل›› دەپتۇ.قارانىيەت چاشقان دوستۇنىڭ قوشۇلغانلىقنى بىلىپ دەرھال ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ.
قارانىيەت چاشقان ئاشخانىدىن ئازىراق نان ئوغرىلغاندىن كېيىن ‹‹بۇنى ئاقكۆڭۈل چاشقانغا ئاپرىپ بەرگەندىن كۆرە ئۆزۈم يەۋىتەي،ئۇنىڭغا ناننىڭ ئۇۋاقلىرىدىن ئاپرىپ بېرەي››دەپ ئويلاپتۇ ۋە شۇنداق قىپتۇ.
ئاقكۆڭۈل چاشقان قارانىيەت چاشقاننىڭ ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى كۆرۈپ:
-نان قېنى؟-دەپ سوراپتۇ.
-تاختا بېشىدا بىر تالمۇ نان قالماپتۇ.ناننىڭ ئۇۋاقلىرى قاپتىكەن،شۇنى ئەكەلدىم،-دەپتۇ قارانىيەت چاشقان.
ئاقكۆڭۈل چاشقان ئىلاجىسز نان ئۇۋاقلىرىنى يەپتۇ.قورسقى تويماپتۇ.قارانىيەت چاشقان ئۇنىڭغا قاراپ مىيقىدا كۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ.
ئەتسى كەچتە ئاقكۆڭۈل چاشقان قارانىيەت چاشقانغا:
-ئەمدى نېمە يەيمىز؟-دەپتۇ.
-تۇخۇم يەيلى،-دەپتۇ قارانىيەت چاشقاننىڭ تۇخۇم يېگۈسى كېلىپ.
-تۇخۇمنى قەيەردىن تاپىمىز؟-دەپتۇ ئاقكۆڭۈل چاشقان قارانىيەت چاشقاننىڭ گېپنى ئاڭلاپ.
-بۇنىڭ ئامالىنى مەن قىلمەن،-دەپتۇ قارانىيەت چاشقان.
قارانىيەت چاشقان يەنە ئاشخانىغا كىرىپ يوغان بىر تۇخۇمنى ئوغرلاپتۇ.تۇخۇمنىڭ ئىچىدىكى ئېقى بىلەن سېرىقنى ئۆزى ئېچۋىلىپ،شاكلىنى ئاقكۆڭۈل چاشقانغا ئاپرىپ بېرىپتۇ.
-مانا،تۇخۇمى ئەكەلدىم،-دەپتۇ قارانىيەت چاشقان.
ئاقكۆڭۈل چاشقان شاكاللنى كۆرۈپ:
-بۇ شاكالكەنغۇ!-دەپتۇ.
-ئاشخاننىڭ ھەممە يېرىگە قارىدىم،تۇخۇم يوقىكەن.پەقەت مۇشۇ شاكاللا قاپتىكەن ئېلىپ كەلدىم،-دەپتۇ قارانىيەت چاشقان.
قارانىيەت چاشقاننىڭ گېپنى ئاڭلغان ئاقكۆڭۈل چاشقان:
-ھە،مەيلى،بۇنىڭغا نېمە ئامال بولسۇن،-دەپتۇ ۋە نائىلاج تۇخۇم شاكلىنى غاجىلاشقا باشلاپتۇ.بۇ كۈنمۇ ئاقكۆڭۈل چاشقاننىڭ قورسقى تويماپتۇ.
شۇنىڭىدىن باشلاپ ئاقكۆڭۈل چاشقان قارانىيەت چاشقانغا بىرەر نەرسە ئەكلىپ يېشىنى دېسە،قارانىيەت چاشقان ھەممسىنى ئۆزى يەپ ئاقكۆڭۈل چاشقانغا ئاشقان-تاشقانلىرىنى ئەكېلىپ بېرىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئاقكۆڭۈل چاشقان:
-قورسقۇم بەك ئېچىپ كەتتى،قانداق قىلساق بولار؟-دەپتۇ قارانىيەت چاشقانغا قاراپ.
-ئۇنداق بولسا مەن بۇغداي تېىپىپ كېلەي،-دەپتۇ-دە،ئوۋغا ئاتلىنىپتۇ.
قارانىيەت چاشقان ئاشلىق ئامبىرىغا كىرىپ قارىغانىكەن،قەغەز ئۈستدە بۇغدايلارنىڭ چېچلىپ تۇرغانلىقنى كۆرۈپتۇ.قارانىيەت چاشقان بۇ ئولجىدىن ناھايتى مەمنۇن بولۇپ،بۇغداينى بىر قورساق يەۋېتىپتۇ.قەغەز ئۈستدە پەقەت ئۈچ-تۆت تال بۇغداي ئۇرۇقلىرى قاپتۇ. قارانىيەت چاشقان ئاقكۆڭۈل چاشقاننىڭ ئالدىغا ئشىپ قالغان ئۈچ-تۆت تال بۇغداي ئۇرۇقنى ئېلىپ بېرىپتۇ.ئاقكۆڭۈل چاشقانغا:
-مەن ساڭا بۇغداي ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئاشلىق ئامبىرىغا بارغاندىم.پەقەت مۇشۇنىلا تاپالىدىم،يەپ باققىن،-دەپتۇ.
ئاقكۆڭۈل چاشقان بۇغداي ئۇرۇقلىرىنىڭ سەل غەلتە تۇرغانلىقنى كۆرۈپ، پۇراپ بېقىپ،چىرايلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپتۇ ۋە:
-ئاداش،بۇ بۇغداي ئۇرۇقلىرىنى قەتئى يېمەسلىك كېرەك،-دەپتۇ.
ئاقكۆڭۈل چاشقاننىڭ قىلىقلىرى قارانىيەت چاشقانغا غەلىتە تۇيۇلۇپتۇ.ئۇ ئاقكۆڭۈل چاشقاندىن بۇنىڭ سەۋەبنى سورىماقچى بولۇپ ئەمدىلا ئاغزىنى ئاچقانىكەن،بىردىنلا بېشى ئايلىنىپ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ كېتپتۇ ۋە يەردە بىر-ئىككى قېتىم دومىلاپلا ئۆلۈپ قاپتۇ.
ئەسلىدە بۇغداي ئۇرۇقلىرىغا چاشقان ئۆلتۈرىدىغان دورا قوشۇلغانىكەن.شۇنداق قىلىپ قارانىيەت چاشقان دوستىغا قىلغان خىيانىتىگە يارشا جازالىنىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-27 01:09 PM