ھېكمەت
ئەگەر ئېتقاد قىلۋاتقىننىڭىزدەك ياشىيالمىسىڭىز ، بىلىڭكى ياشاۋاتقىنىڭىزدەك ئېتقادتا سىز !
ــــــ ھەزىرتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
دۇنيا ئارقىدا قالماقتا،ئاخىرەت بولسا قارشىڭىزدا تۇرماقتا،سىزلەر دۇنيا پەرزەنتى ئەمەس ئاخىرەت پەرزەنتى بولۇڭ! بۇگۈن ھىساپ بېرىش يوق ،ئەمەل بار؛ئەتە بولسا ئەمەل بولمايدۇ ،ھىساپ بار .
ــــــــ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
ئاللاھتائاللاھ بالالىرىغا سەۋىر قىلسەن ياكى ھالەك بولىسەن.
ــــــ ھەسەن بەسىرى
ئىلىم- كۆپ گەپ قىلىش ئەمەس،ئىلىم -ئاللاھتىن قورقۇش دىمەكتۇر.
ــــــ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد
سىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىشىڭىز ياخشىلىق دىيلمەيدۇ،ياخشىلىق سىزگە يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلشىڭىزدۇر.
ـــــ ئەيسا ئىبىنى مەريەم
كىچىك ئۆيگە ئەيلە قانائەت ، كاتتىسىنى قۇرۇشقا يەتمەيدۇ پۇرسەت!
ـــــ گىئوتى
كىشلەر شۇ دەرىجىگە باردىكى بىر دەرھەمنى بارماقلىرىدا ئايلاندۇرۇپ يۇرۇشۇپ ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشىدۇ، ئەمما توغرا ناماز ئوقۇشنى بىلمەيدۇ.
ـــــــ ھەسەن بەسىرى
دۇنيا ئاي- كۈنى توشقان ھامىلدار ئايالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى يۇرشىنى ھەر دەقىقە كۇتىسەن، دۇنيانىڭ ئاخىرى ئاخىرەتمۇ ھەم شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.
ھىكايەت
مۇسۇلمانلار ئەمىرى ھەزىرتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى خۇتبا ئوقوپ تۇراتتى، جامائەتلەر ئىغۋا كۆتۇرۇشكە باشلىدى ، ھەزىرتى ئۆمەر سەزدىكى كىشلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىسى يوق ،شۇندا خۇتبىنى توختىتىپ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش نىيىتىدە : ــــــ مۇدىئايلىرىڭ نىمە؟!
جامائەت نامىدىن بىر كىشى تۇرۇپ :ــــ ئەي ئۆمەر! دېدى :ـــ بىز سېنى ئادىل ئېنسان دەپ بىلىمىز ئەمما كېچە بەيتۇل مالدىن ھەممىگە بىر خىل گەزلىمە( رەخىت ) تارقىتلغان ئىدى، بىز كۆردۇككى ئۇ گەزمەلدە ئوتتورا بويلۇق كىشىغا كىيىم چىقىشى مۇمكىن ئىدى ،بىراق بۇگۈن ئاشۇ رەخىتتە ئۆزۈڭگە لايىق كېلىدىغان كىيىمنى كىيىپ چىقتىڭ ، دېمەك سەن بەيتۇل مالدىن ئارتۇق ئالغان ئىكەنسەندە!؟
ھەزىرتى ئۆمەر توغرىسىدا رىۋايەتلەر كەلگەندە ئۇ زات ئاتقا مىنسە پۇتى يەرگە تېگىپ قالدىغانلىقىنى كەلتۇرگەن، تەخمىنەن 2مېتىردىن تارقىتلغان گەزلىمە ئەمىرۇل مۆمىنىنغا يەتمەسلىكىنى ياش بالا ھەم بىلەر ئىدى .
شۇندا ھەزىرتى ئۆمەر: ـــ ئوغلۇم سەن گەپ قىل !؟
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇندا ئورنىدىن تۇرۇپ جامائەتكە قارتا شۇنداق دېدى :
ـــــ مەن ئۆزۇمگە تېگىشلىك گەزمالنى ئاتامغا بەرگەن ئىدىم! شۇندىن باشلاپلا جامائەت ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇتبەسىگە قولاق سېلىپ ئاڭلاشقا باشلىدى ..
ئەي نەپسى ! بۇ ھېكايەتكە بىر نەزەر سال! ئونىڭدىن كىچىكنە بولسىمۇ ئىبرەت ئالغان بولساڭ ، مەنفەت ئالغان بولساڭ ياشاشقا ھەقىڭ بار، ئەكسىچە بولسا قەلبى ئۆلۈك جەسەتتۇر سەن !
** ئەسكەرتىش **
تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇ غۇچى ئۆزۇم
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ تارقاتقاندا يازما ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!
2013-7-26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھۆكۈما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-26 06:55 PM