مەن قەلىب تۆرىمدىكى ھايات ئۇستاز ___ زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن بېرىلىپ ئۇقۇيمەن، ‹‹ئىزدىنىش››، ‹‹ئابرال شاماللىرى››، ‹‹ئانا يۇرت›› ناملىق ئۆلمەس، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىچىلىقىنىڭ بۈيۈك چوقىلىرىدىن ئۇرۇن ئالغان بۇ كىتابلارنى قانچە رەت ئۇقۇساممۇ يەنە ئۇقۇغۇم كېلىپلا تۇرىدۇ. مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ سىياھ بىلەن ئەمەس، تەر-مېھنىتى بىلەن يېزىلغان ‹‹قەرزدار›› ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى، ‹‹گۈلەمخان›› ماۋزۇسىدىكى پوۋېسىتلار توپلىمىنى يېزىق ئۈستىلىمدە كۆرگىنىمدە، قەلىب تۆرىمدىكى ھايات ئۇستاز ___ زوردۇن سابىرنىڭ تالماس قوللىرىغا ئاپرېن ئوقۇيمەن. ئۇنىڭغا مەنلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىز ئاپرېن ئوقۇشقا تېگىشلىك.
مەن يېزىق ئۈستىلىمدە ئۇنىڭ كىشىگە ئېستىتىك زوق بېرەلەيدىغان، كىشىنى چوڭقۇر مۇلاھىزىگە سالالايدىغان ھەر بىر ئەسەرلىرىنى تەتقىق ئوبىيكتى قىلىمەن ۋە ئۆزۈم يازماقچى بولغان ئەسەرلىرىمگە ئۈلگە قىلىمەن.
مەن قەلىب تۆرىمدىكى ھايات ئۇستاز ___ زوردۇن سابىرنىڭ ئاتىسىغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلىقىغا ھەقىقەتەن قايىلمەن، توغرا، ھەر قانداق ئادەم ئاتىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلىب تۆرىمدىكى ھايات ئۇستاز ___ زوردۇن سابىر ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتچىلىقىدىكى بوشلۇق __ ‹‹ئاتا›› توغرىسىدىكى پروزىچىلىقنى تولدۇردى ۋە گۈللەندۈردى. بىز ئۇنىڭ ‹‹ئاتا›› ناملىق رومانىدىن ، يەنە ئۇنىڭ ‹‹ئىزدىنىش›› ناملىق رومانىدىكى ‹‹ئەلا›› نىڭ بالىلىق سەرگۈزەشتىسىدىن بۇنى كۆرىۋالالايمىز.
قەلىب تۆرىمدىكى ھايات ئۇستاز ___ زوردۇن سابىر مەڭگۈ ھايات!
دوستلار،‹‹ قەلىب تۆرىمدىكى ھايات ئۇستاز ___ زوردۇن سابىر›› تېمىسىدا ھەممىمىز ئۆز پىكىرلىرىمىزنى ئوتتىرىغا قويساق ، دېگەن ئۈمىدىم بار .
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-24 15:16):
‹‹كەچ كۈز›› ناملىق پوۋېسىتنى يوللاپ قويدۇم، پايدىلانغايسىلەر!
Kechkuz(Zordun_Sabir).pdf