مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1994|ئىنكاس: 16

كېچىكىپ قوبۇل قىلىنغان خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14194
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8433
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 1855 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 04:35:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىزنىڭ يىگىتىگە ئېيىتقانلىرى...
مەن ئېچىندىم،خار بولغان مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئېچىندىم.
مەن ئېچىنىۋاتىمەن،يەردە قويغان ۋەدىللىرىڭ ئۈچۈن ئېچىنىۋاتىمەن.
گۈللەر توزىدى،خازاڭلار ئاچچىق،ئىزغىرىن شامالدا ئۇچماقتا،ئەتراپ نىمە دىگەن غېرىپ ھە!
سەن كەتتىڭ،ئايرىلىش ئالدىدا ئارقاڭغا قارىماستىن،ماڭا بىر ئېغىز "خوش" مۇ دىمەستىن جىمجىتلا كەتتىڭ.
ئەمما مەن سەندىن قىلچىمۇ رەنجىمىدىم،چۈنكى سەن ئارقاڭغا قارىغان بولساڭ كىتەلمەي قالاتتىڭ، بىلىمەن سەن ھەرگىز چىدىمايسەن.
مەن ئارقاڭدىن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپلا قالدىم،سىنى چاقىرغان يىغا ئارلاش ئاۋازىم جىمجىت تەبىئەت قوينىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كەتتى... مەن بۇنىڭ ئويغانسىلا ھىچقانداق ئاسارىتى قالمايدىغان قابائەتلىك بىر چۈش بۇلىشىنى نەقەدەر ئۈمۈت قىلاتتىم__ھە!
لىكىن بۇ بىر رىئاللىق،كىشى قەلبىنى چەكسىز لەرزىگە سېلىپ قىينايدىغان رىئاللىق ئىدى...
كېچە،ئەللەر تاتلىق ئۇيقۇدا،پەقەت مەنلا بىر بۇلۇڭدا، قەلبىمنى تۈگىمەس ئازاپقا سېلىۋاتقان شۇ تاتلىق گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدا خامۇش ئولتۇرماقتىمەن.

ئۈستەلدىكى لوڭقىدىكى ئەتتىرگۈللەر بىزنىڭ پاك مۇھەببىتىمىزنىڭ شاھىدى ئىدى،ئۇ گۈللەر تېخى سولاشقىنى يوق.چۈنكى مەن ھەركۈنى ئۇنى كۈز يېشىم بىلەن سۇغۇرۇپ تۇردۇم. بۇ شەھەردە ئىككىمىزنى باغلاپ تۇرغان نۇرغۇن تاتلىق گۈزەل ئەسلىمىلەر بار ئىدى.سىنىڭ بۇلارنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كىتىىشكە كۆڭلۈڭ قانداق ئۇنىغاندۇ ھە؟
چىن ئاشىقلارنىڭ يۈرىگى تۇتاش بولىدۇ.ئۇلار شۇ يول ئارقىلىق بىر-بىرىگە بولغان سۆيگۈ تىۋىشىنىڭ ئەڭ زىل تارىللىرىنى ئاڭلىيالايدۇ،بىر بىرىگە بولغان پاك مۇھەببەتنى ھېس قىلالايدۇ.بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،سەن ئۆزەڭنىڭ مىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرۇپ ئۆزەڭنى ئۆزۈڭ قىيناۋاتىسەن.ئىچىڭدە قان يىغلاپ تۈگىشىپ كىتىپ بارساڭمۇ، قەتئىي تېشىڭغا چىقارمايۋاتىسەن.توۋا،ئوغۇللار بەزىدە قىزلاردىنمۇ ئاجىز بولىدىكەن،بۇلۇپمۇ ھېسىيات جەھەتتە.
يېشىمنى سۈرتىۋەتتىم،مەن ئاخىرى سىنى ئۇنتۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.
ئەمدى مىنىڭ بۇنداق ياشاۋەرگىم يوق،بەخىت قۇشۇمنى قايتا ئىزلىمەكچىمەن.
ئاخىردا ساڭا شۇنىمۇ دەپ قوياي،ئەگەر بىر كۈنلەردە بۇ شەھەرگە قايتىپ كەلسەڭ،مىنى ھەرگىز ئىزدىمىگىن. مەندىن ئاغرىنمىغىن،يۈرۈگىمگە قايتا ئوت ياقىمەن دەپ ئاۋارىمۇ بولمىغىن.كۈيۈپ كۈل بولغان نەرسىگە قانداقمۇ ئوت تۇتاشسۇن؟
خەيىر...

ئارلىقتىن ئېككى يېل ئۆتتى ،تەقدىرنىڭ رەھمىسىز بورانلىرى يېگىتنىڭ قىز ئۈچۈن يازغان خېتىنى ئېككى يىلدىن كىيىن مۇنبەرگە ئېلىپ كەلدى






يېگىتنىڭ قىزغا قايتۇرغان خېتى
     ئېچىنما گۈلۈم ئېچىنما،مېنىڭدىن ھەرگىز ئېچىنما تەقدىر مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز، مانا مۇشۇنداق كۆرەلمەس،مانا مۇشۇنداق ھەسەتخور كېلىدىكەن،بېلىپ تۇرۋاتىپتىمەن مەندىن كۆڭلۈڭ قاتتىق رەنجىدى ،كۆزلىرىڭگەلېق ياش كەلدى،لېكىن مېنىڭ شۇنداق قىلغۇم بارما؟
          بېلەمسەن مەن سېنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق تاشلاپ كېتىمەن،نېمە ئۈچۈن شۇ گۈللەرنىڭ توزىشىغا شۇ غازاڭلارنىڭ قورىلىشىغا سەۋەپچى بولىمەن؟نېمە ئۈچۈن يەنە ئېكىمىزنىڭ بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى شۇ ئىز غىرىن شاماللار بىلەن ئېلىپ كېتىمەن؟مېنىڭ شۇ شېرىن مۇھەببەت ئۈنچىلىرىدىن ئايرۇلغۇم بارما ؟
        ياق ئەزىزەم ياق مېنىڭ قەتتى ئۇنداق قىلغىم يوق.
        شۇ كۈنە ئەنە شۇ كۈنى ئېككىمىز ئايرىلغان ئايدىڭ كېچىدە مەن نېمە ئۈچۈن ساڭا خوش دېمەي كەتتىم،نېمە ئۈچۈن ساڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىر قارىۋالمىدىم؟چۈنكى سېنىڭدىن ئايرىلىپ كەينىمگە ماڭغان تۇنجى قەدىمىمدىن باشلاپ يېغلاشقا باشلىدىم،يۈركۈم يىغلاۋاتاتتى،قاتتىق يىغلاۋاتاتتى،توساتتىن چۈشكەن يامغۇرلار كۆز يېشىم بىلەن ئارلىشىپ بىز دايىم كۆرىشىدىغان ،بىزنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز قالغان شۇ يەرنى باراقلام قاپلىدى،ئاسمان يىغلاۋاتاتى،بېزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى يورتىپ بەرگەن ئاي قەيەرلەردىدۇ ؟قەيەرلەرگە يوشۇرنىۋالغاندۇ مەنمۇ ئېزدەۋاتاتىم....
        چۈش،يەنە شۇ خېيالنىڭ ئەڭ گۈزەل سۈرەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان چۈشلەر مېنى بۇرۇن شۇنداق گۈزەل،سېھىرلىك دۇنيالارغا باشلايتتى،لېكىن شۇ چۈشلەردىكى ئولتۇرغان ئورۇندۇقلار، بىللە ئۇچۇرغان لەگلەكلەر،شۇ مۇھەببەتلەر مەي باغلاپ پىشقان باغلار ھەممىسى يوق بولدى،لەگلەكلەر ئاسماندا كۆرۈنمەيتى،ئورۇندۇقلار دات بېسىلغان شۇ باغلار چۆللەرگە ئايلانغان ئىدى....
         ئەزىزەم سەن شۇ لوڭقۇدىكى گۈلنى تېخى ساقلىدىڭما ؟تېخىچە بارمۇ ؟  بۇ بىزنىڭ يۈرۋاتقىنىمىزنىڭ ئېككى يىللىقىغا ساڭا سوغات قىلغان گۈلۈم ئېدى،سەن ئۈچۈن شۇ گۈلنى بەرگۈچە ھەجەپ قزىقئارلىق ئىشلار بولغان ھە؟تاس قالغان ئىدى ھە شۇ گۇلنى ئېككىمىز مېنىپ يۈرگەن ئات يەۋالغىلى،شۇ چاغدا ھەجەپ ئوماق كۈلگەن ئېدىڭ،ھەجەپ ئوماق....
          ئۇنۇت گۈزەلىم مېنى ئۇنۇت،شۇ ئايدىڭ كېچىلەرنى،شۇ تاتلىق شېرىن چۈشلەرنى،شۇ گۈللەرنى،شۇ بىزلەر ئۈچۈن نېسىپ بولمىغان مۇھەببەتنى ئۇنۇت....
         بۇ بۇ بۇ بۇ    ئازاپ مەن بىلەنلام كەتسۇن،مەنلام قىينىلاي،سېنىڭ ھايات يولۇڭ ئۇزۇن،سېنىڭ تېخى نۇرغۇنلىغان ئۈمۈد ئارزۇلىرىڭ بار،سېنى تېخىمۇ گۈزەل بولغان بۇ ئالەمنىڭ شېرىن ھېس تۇيغۇلىرى ساقلاپ تۇرۇپتۇ،قېنى شۇلاردىن زوقلان،شۇلارغا خۇددى ماڭا قارغان شۇ كۈلگەن ھالىتىڭ بىلەن قارا،سەن شۇ ھېسىياتلارنىڭ ئۇ ھېسىيات ساڭا  تەئەللۇق،لېكىن.....بۇ ھېسىيات مەندىن يىراق،مەن مەڭگۈ ھېس قىلالمايدىغان يەردە بولىشى مۇمكىن...
       مېنى كەچۈر گۈلۈم،ساڭا شۇ ھېس تۇيغۇلارنى بېرەلمىدىم،ئارزۇ ئارمانلىرىڭنىڭ ھەمراسى بولالمىدىم،شۇ ئوماق كۈلكىلىرىڭنىڭ ئېرىشكۈچىسى بولالمىدم....
       مېنىڭ بۇ خەتنى ساڭا يازدىغىنىمغا يەنە قانچىلىك تېنىقىمنىڭ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن،شۇنچىلك ئېغىر تىنىقلار ئارسىدا قەلمىم بەك تەستە تىتىرەۋاتاتتى،يۈرۈكۈمدىن ئېقىۋاتقان قانلار كۆزۈمدىن ئاقماقچى بولۋاتاتتى ياق ياق كۆزۈمدىن قان ئاقماسلىقى سەن ئۈچۈن يازغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە يازغان خېتىم شۇ قانلاربېلەن توشماسلىقى كېرەك،پەقەت پەقەت پەقەت مېنىڭلام يۈرۈكۈمدىن ئاقسۇن،سەن كۈلۈپ ياشا...
         تاتلىغىم خەيىر ،يەنە ئۈچلام تېنىقىم قاپتۇ، شۇ ئۈچ تىنىقىمدا سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىمنى قىلىۋالاي...
         گۈلۈم بۇدۇنيارىم سەن بولغانلىقىم ئۈچۈن مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل.
         ئومىقىم سەن مېنىڭ مەن سېنى سۆيىمەن.
         ئەزىزەم خەيىر شۇ كۈلكەڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بول،مەن يېنىڭدا مەن پەقەت سېنىڭ يېنىڭدا سېنى قوغداپ تۇرىمەن....
         ......


(ئەسكەرتىش:يۇقارقى خەت مەن مۇنبەردىكى شاتئاي بىلەن ماسلىشىپ يازدىم،يۇقىردىكى يېگىتكە يېزىلغان خەت 2011يىلى مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان)
مەنبە: كۆكتىگىن، شاتئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 04:55 PM  


مۇھەببەت نېمىسىگە كۆرەڭلەيتى؟پەقەت بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نەرسىمىز كۆڭەلنىڭ ھۆكىمرانى بولۋالغانلىقى ئۈچۈن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 06:09:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﯖﻼﺭ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ.ﺩﺍﯞﺍملاشتۇرﺍﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 06:09 PM  


باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7511
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 3478 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 06:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق لىرىكىلىك قۇرلارنى كۆرمىگىلى، ھەجەپ ئەمەلىيەتتىكىدەك ماسلىشىپسىلەرغۇ............

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام  بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 06:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ،مۇنبەردىمۇ بۇنداق ئاشىق-مەشۇقلار بار ئىكەن-ھە

ئىملاسىغا دىققەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14194
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8433
تۆھپە نۇمۇرى: 629
توردا: 1855 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 06:38:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elzat1119 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-26 06:37 PM
ۋاھ،مۇنبەردىمۇ بۇنداق ئاشىق-مەشۇقلار بار ئىكەن-ھە
...

ئۆلۈپ تىنىقى قالماي قالغان ئادەمدە ئېملا نېمە قىپتۇ دەپ قويسام ھىھىھى

مۇھەببەت نېمىسىگە كۆرەڭلەيتى؟پەقەت بىزنىڭ ئەڭ ئاجىز نەرسىمىز كۆڭەلنىڭ ھۆكىمرانى بولۋالغانلىقى ئۈچۈن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73477
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 06:44:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچىلىك ياخشى يىزلىپتۇ.قەلىمىڭلار ھىرىپ قالمىسۇن.

يۇزۇڭنى قايىسى تەرەپكە قاراتساڭ ئاللاھ شۇ يەردۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 06:46:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elzat1119 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-26 06:37 PM
ۋاھ،مۇنبەردىمۇ بۇنداق ئاشىق-مەشۇقلار بار ئىكەن-ھە
...

ئۆلمىگەنلەرگە تىنىق لازىم

تەككەپپۇرلۇق ئى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8669
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 1870 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 07:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دەپ تەسۋىرلىشىمنى بىلمەيمەن ھەقىقەتەن بەك ئىسىل چىقىپتۇماسلىشىپ يازغان دەپسىلەر بەك ياخشى ماسلىشىپسىلەر  بۇ چۈقۇم رىيانلىق بولمىسا بۇنداق چىن چىقمايتى  

TOM -AND-JERRY

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13036
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 324 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 07:18:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن كەتتىڭ،ئايرىلىش ئالدىدا ئارقاڭغا قارىماستىن،ماڭا بىر ئېغىز "خوش" مۇ دىمەستىن جىمجىتلا كەتتىڭ.
ئەمما مەن سەندىن قىلچىمۇ رەنجىمىدىم،چۈنكى سەن ئارقاڭغا قارىغان بولساڭ كىتەلمەي قالاتتىڭ، بىلىمەن سەن ھەرگىز چىدىمايسەن.

ئۇ قىزمۇ دەل ماڭا  شۇنداق دىگەنتى،مەن كەتتىم ،خەيرى بەخىتلىك بول ئامرىقىم ،
سنى   مەڭگۇ قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر  قاتلاملىرىدىن سۈيىمەن،
بەك تەسىرلىككەن ،بارىكاللا  ،

بەخىت قانچە تىز كەلسە شۇنچە تىز كىتىدىكەن ،

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2691
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 08:14:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي،سەتئاي دېگەن جىنتەكنى نەگە كەتتى ئەمدى، تېزراق كۆلتىگىننىڭ دەردىگە يېتىڭ دەيمەن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش