|
|
|
|
جۈمە (26-ئىيول) ئاسىيا بازىرى ،دوللار قىممىتى 81.715 ئەتراپىغا كەلدى ،تۈنۆگۈن بولسا بىر ھەپتىدىكى ئەڭ چوڭ تەۋرىنىش بولغان بىر كۈن بولدى .ئالتۇن بازار ئېچىلىشى بىلەنلا ئۆسۈپ ھەر ئونسىيەسى 1338 دوللار ئەتراپىغا كەلدى .تۈنۆگۈن ئېلان قىلىنغان ياۋرۇپانىڭ ئۇچۇرلىرى ئوخشاش چىقمىدى ،لېكىن باشتىلا ئۆسىۋاتقان بازار بولغان بولغاچقا يەنە كىلىپ ئامرىكىنىڭ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولغاچقا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى ئۈستىگە قاراپ ئۆستى .تۈنۆگۈن ئېلان قىلغان ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ،ئامرىكىنىڭ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى يۇقىرى ئۆرلىگەن بۇلۇپ 343 مىڭ ئادەم بولغان بۇلۇپ بازار مۆلچەرى ۋە ئالدىنقى قىممىتىدىن يۇقىرى چىققان .ئامرىكىنىڭ 6-ئايلىق چىداملىق مەھسۇلاتلار زاكاس تالونى 4.2 پىرسەنىت يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن بۇلۇپ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى چىققان .ياۋرۇپا تەرەپتىن ئەنگىلىيەنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 0.6 پىرسەنت بولغان .گىرمانىيەنىڭ 7-ئايلىق سودا ئەھۋالى سانلىق كۆرسەتكۈچى 106.2 بولغان بۇلۇپ ،بازار مۆلچەرى 106.1 دىن ۋە ئالدىنقى قىممىتى 105.9 دىن يۇقىرى چىققان .
26-ئىيولدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نوقتىلار
بۈگۈن ياز كىرگەندىن بۇيانقى خەۋەرلەر ئەڭ ئاز بولغان بازار ئىنتايىن تېنىچ بولغان بۇ ھەپتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنلۈك بازىرى .بۇنداق تېنىچ ھالەت كىلەر ھەپتە ئامرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى ۋە ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ يىغىنى ئېچىلغاندا بۇزۇلىدۇ .بۈگۈن دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن ئامرىكا 7-ئايلىق مىچىگان ئۇنىۋېرسىتى ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلىڭ .بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىتالىيە بۇگۈن زايوم تاقىتىدۇ ،يەنە پورتىگالىيە ،ئىسپانىيە ۋە گىرىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىڭ .
(سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ،بۇگۈنكىدەك چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .
كوت كوت 395619400
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com/
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى267 يۈەن
|
|
|
|
|
|