|
|
|
|
ھېكمەت
كىم يەر يۇزىدە مەئىشەتكە قول ئۇرسا ، يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىدۇ،چۈنكى يەر ھەم ئاسمان ھەم تائەت-ئىبادەت بىلەن ياخشىلىنىدۇ .
ـــــــ ئەبۇ ئالىيە
ئەلۋەتتە خەلقلەر ئەرەپلەردەك رەھىمدىل ۋە باغرى كەڭ كىشلەرنى ،دىنلىردەك سائادەتلىك ۋە ئەركىن دىنى كۆرمىگەن ھەم كۆرمەيدۇ.
ـــــ فىرانسىيلىك تەنقىچى ،سىياسى ئەرباب گوسستاپ لوبون
كىشى ئىنساپ بىلەن دۇنيا دىنىلىرىنى تەھلىل قىلسا ،ئەلۋەتتە ئىسلام دىنىغا كىرىپ كېتىدۇ.
ـــــــ گىرمانىيلىك شائىر گىئوتى
كىتاب- ئاچچىقىڭ كەپ قالغاندا ئۆزى سۆز باشلىمايدىغان، ئىش ۋاقتىدا سېنى چاقىرمايدىغان سۆھبەتداشتۇر، ئۇنغا چىرايلىق كۆرۈنىشىڭنىڭ لازىمى يوق، كىتاپ سەنگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدىغانساۋاقداش ،سېنى ئالدىمايدىغان دوست، مالال كەلمەيدىغان يولداش ۋە تەنقىدلىمەيدىغان نەسىھەتچىدۇر.
ـــــ ئەخمەت ئىبنى ئىسمائىل
شەرىقتە يەتتە بۇيۈك شائىر بار ، ئۇنىڭ ئەڭ ئىقتىدارسىزمۇ مېنى بېسىپ چۇشىدۇ.
ــــــــ شائىر گىئوتى
ساھابىلار شام يەرلىرىنى فاتىھ قىلغاندا ،ئۇلارنى كۆرگەن ناسارالار شۇنداق دېگەن ئىكەن:ـــ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ ئادەملەر بىز ئوقۇغان بىلگەن ھاۋارۇيىنلاردىن ھەم ياخشىدۇر.
ـــــ ئىمامى مالىك
ۋاقىتنىڭ نىمىلكى توغرىسدا پەيلاسوفلار دە-تاش قلىۋەرىپ ،ئۆزى قىممەتلىك ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قېلىشتى.
ــــــــــ
مۇسۇلمان ئادەمگە پەقەت ئاخىرەتنىڭلا لىباسى ئەمەس، بۇ دۇنيانىڭ لىباسى ھەم يارشىۋەرىدۇ.كافىر بولسا دۇنيا لىباسى ھەم ئەسلا ياراشماس.
ـــــــــــــــــ
مۇساپىرلار كۆپراق پايدا ئالمىزمىكى دەپ ئۇزۇن يولارنى ھەم باستۇق ،لېكىن ئاخىرى ئەڭ كاتتا پايدىنى ئۆيگە قايتىشتا ئالدۇق.
ــــ مۇساپىر خاتىرىسى
ھىكايەت
ھەزىرتى ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلفىلىك دەۋىرلەردە ،ھەزىرتى ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزئادىتى بويىچە ھەر كۇنى مەدىنە كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كىشلەردىن ھال - ئەھۋال سورار ۋە ھالدىن خەۋەر ئارار ئىدى، بىر كۇنى كەچتە يەنە شۇ ئادىتى بويىچە ئايلىنىپ يۇرسە بىر كوچىدىن بىر ئايالنىڭ چىقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، شۇنىڭ بىلەن خەلفە نىمىش بولغاندۇ دەپ ئۇ كوچىغا كىردى ، بۇ ئاۋازنىڭ بىر ئۆيدىن چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى ۋە ئىشىك ئالدىدا بىر ئەرنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى؛
ھەزىرتى ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىگە سالام بەردى ۋە ئۇ كىشىنىڭ كىمىلىكىنى سورىدى،
ئۇ كىشى بۇ يەرلىك ئەمەسلىكىنى ،ئەمىرول مۆمىنىنىڭ ساخاۋىتىدىن بەھرىلىنىش ئۇچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى،
ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ:- ئۆيدىنىن ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز كىمىنىڭكى ؟دەپ سورىدى
ھېلىقى ئادەم ، ئۇ كىشى ئەمىرۇل مۆمىنىننىڭ كىملىكىنى بىلمەي:
ـــ ئاللاھ مەرھەمەت قىلسۇن ! كەت ! ئۆز ئىشىنى قىل ! دېدى
ھەزىرتى ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىشىنىڭ تېگىگە يېتىش ئۇچۈن قايتا- قايتا سوراۋەردى، ئاخىرى ئۇ كىشى :ـــ بۇ يەردە توغۈتى يېقىنلاشقان بىر ئايال بار، ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىم يوق، -دەپ جاۋاپ بەردى
ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆيگە قايتتى ، ئايالىغا:ــــ ئەي ئۇممە كۈلسۇم ! ئاللاھ تائاللاھ ساڭغا ئەجىرـ ساۋاپ بەرمەكچى ئۇنى قۇبۇل قىلمامسەن ؟
خوتونى ئۇممە كۈلسۇم :ــ ئۇ نىمە ؟ دەپ سورىدى
ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىگە ۋەقەنى چۇشەندۇرۇپ بەردى ۋە ئۆزى بىلەن بىللە بوۋاققا كېرەكلىك كىيىملەردىن، خوتۇن كىشگە كېرەكلىك نەرسىلەردىن ۋە قازان يەنى ئۇنىڭ ئىچىگە بوغداي ۋە ياغ ئېلىۋېلىشىنى بۇيرىدى، خوتۇنى ئېيتقان نەرسىنى ھازىر قىلدى، ئۇ كىشى قازاننى كۆتۇرۇپ يولغا چىقىتى خوتونى بولسا ئاقىسىدىن ئەگەشتى . ھېلىقى ئۆيگە يىتىپ كەلگەچ :
ــــ سەن ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا كىر! دېدى ۋە ئۆزى سىرتتا ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بىلەن قالدى،
ئوت يېقىپ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى پىشۇردى، ئۇ ئادەم بولسا ئۆمەرنىڭ كىملىكىنى بىلمەي ئولتۇرار ئىدى.
خوتوننىڭ كۆزى يۇرىدى،ئۇممە كۈلسۇم ئۆي ئىچىدىن :ــــ ئەي ئەمىرۇلمۆمىنىن ! ساھبىڭىزگە ئوغۇل دەپ خۇش ـ خەۋەر بېرېڭ،- دېدى
ئەرابى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىنىڭ ئەمىرۇلمۆمىنىن ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە گويا ئۇ ناھايىتى ئوسال ئەھۋالدا قالغاندەك ئارقىسىغا داجاشقا باشلىدى .
ئۆمەر رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا:ــ جايىڭدىن قوزغالما ! -دېدى
ئارقىدىن قازاننى كۆتۇرۇپ خوتونىغا قولدىن قازاننى ئېلىپ ئايالنى غىزالاندۇرۇشىنى بۇيرىدى ،
خوتونى غىزالىنىپ بولغاچ ئۇ قازانىنى ئۇ كىشىگە سۇندى ۋە: ــــ يېگىن قورسىقىڭنى تويغۇز ! چۇنكى
كېچىنىڭ ھەممىسىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزدىڭ،-دېدى ئارقىدىن خوتونى چىقتى ۋە كېتەر بولار چاغدا ئۇ ئادەمگە: ـــ ئەتىگە بىزنىڭ ئالدىمىزغا بار ، ساڭغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى بىرىشنى ئەمىر قىلمىز .-دېدى
ئەتىسىگە ئۇ ئادەم كەلدى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتىگە نەفىقە ئاجىرتىپ بېرىلدى.....
** ئەسكەرتىش **
تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇ غۇچى ئۆزۇم
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ تارقاتقاندا يازما ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!
2013-7-26
|
|
|
|
|
|