مەن خالايمەنكى ...
مەن ھايات چاغدا بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ كۆپرەك ھەمراھ بولۇشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن مەن ئۈچۈن كېچىچە قايغۇرۇپ چىقىشىڭىنى خالىمايمەن .
مەن ھايات چاغدا مۇلايىملىق بىلەن قولۇمنى تۇتۇپ قويۇشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن جەسىدىمنى قۇچاقلاپ ئازابلىنىشىڭنى خالىمايمەن .
مەن ھايات چاغدا ھىچ بولمىغاندا بىر قېتىم بولسىمۇ تېلېفون ئۇرۇپ قۇيۇشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن ھەر دائىم قەبرەمنى يوقلاپ تۇرۇشىڭنى خالىمايمەن .
مەن ھايات چاغدا بىر تال بولسىمۇ گۈل سوۋغا قىلىشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن چىرايلىق بىر دەستە گۈل بىلەن ھەسرىتىڭىنى ئىپادىلىشىڭنى خالىمايمەن .
مەن ھايات چاغدا ماڭا دۇئا قىلىشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن قەبرە تېشىمغا شېئىرغا ئوخشاش دەبدەبىلىك نەرسىلەرنى ئويۇپ قويۇشىڭنى خالىمايمەن .
مەن ھايات چاغدا ماڭا سەمىمىي سىرداش بولۇشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تەزىيەنامە ئوقۇشىڭنى خالىمايمەن .
مەن ھايات چاغدا سېنىڭ تارتىنغان ھالدا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن ئەينى چاغدا ئېغىز ئاچالمىغانلىقىڭدىن ئۆكۈنىشىڭنى خالىمايمەن .
مەن ھايات چاغدا ئىنتىزارلىق تولغان كۆزلىرىڭ بىلەن بېقىشىڭنى خالايمەنكى ، ئۆلگەندىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇپ ، كۈرەش قىلىدىغان پۇرسەتلەرنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ ، ئازابلىنىشىڭنى خالىمايمەن .
بۈگۈننى قەدىرلەيلى ! بىز ھەم ئەتراپىمىزدىكى كىشىلىرىمىز ھىچ بولمىغاندا بۈگۈن يەنە بىز بىلەن بىللە !!
مەنبە : خەنزۇچە << ئوقۇرمەن >> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .