مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2906|ئىنكاس: 13

مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن (3-) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79054
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-4-19
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 07:48:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ  ئىنىم  دوكتۇر   ئابدۇرېھىم  تۇرسۇن  



           نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)




  ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  پەلسەپە تەتقىقات ئەسەرلىرى


ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رۇس تىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق  ئەسىرى « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى»    ماۋزۇلۇق ئىلمىي مونوگراپىيىسىدۇر. ئۇ، بۇ كىتابىنى ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلاشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى تېخى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا ئۈلگىرەلمىگەن ئىدى.

مەزكۇر مونوگرافىيە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ  « ئىلىم» نەشرىياتى تەرىپىدىن  2002-يىلى، رۇس تىلىدا  نەشىر قىلىنغان  بولۇپ، مەيلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى كېيىنكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى دەۋرى بولسۇن،  ئەشۇ ۋاقىتقىچە مەخسۇس دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ياقىلىنىپ باقمىغان ھەمدە مەخسۇس مونوگرافىيە نەشىر قىلىنمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئەسەر مەزكۇر ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى.   پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى ،  تېخى 2000-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا  جۇڭگودىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى پىكىرلىرى مەسىلىلىرى بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ياقىلىنىپ، مۇنداق تېمىدىكى  مەخسۇس مونوگرافىيە نەشىر قىلىنمىغان .
شۇ سەۋەبتىن ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تەتقىقات تېمىسى  رۇس، تۈرك، قىرغىز، قازاق ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپلا قالماستىن بەلكى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى.  ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەزىز نارىنبايېف،  كوممۇنار تالىپوف، ئابلەت كامالوف،  ئىسلامجان شىرىپ، غەيرەتجان ئوسمان ، پەرھات تۇرسۇن  ۋە باشقىلار ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ تېمىسى ۋە نەتىجىلىرىنىڭ  نەقەدەر مۇھىملىقىنى  ئىزچىل مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلگەن ئىدى.  تۈركىيە -قىرغىزىستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  تۈركىيىدىن كەلگەن بىر قىسىم پروفېسسورلىرىمۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا بېسىپ تارقاتقان ھەتتا ئۇنى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئىدى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى»   ماۋزۇلۇق مەزكۇر مونوگراپىيىسىنى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  پەلسەپە ۋە  قانۇن ئىنستىتۇتى نەشىر قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان بولۇپ،  قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي ئاكادېمىكى، پروفېسسور، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ، ئۇيغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايېف  ئەسەرنىڭ   جاۋابكار تەھرىرلىكىنى زىممىسىگە ئالغان ھەمدە ئەسەرگە كىرىش سۆز يازغان.
قىرغىز  ئالىملىرىدىن ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  پەلسەپە ۋە قانۇن ئىستىتۇتىتىنىڭ دىرېكتورى ، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور  ئوسمان  توگۇساكوف بىلەن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ  ئىلمىي خادىمى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى  س. مۇقاسوف نەشىر قىلىشنى باھالىغۇچى بولغان.
كىتابقا باھا سۆزى يازغۇچى مەزكۇر ئىككى  قىرغىز ئالىمى  مۇنداق  باھا بەرگەن:
« بۇ  مونوگرافىيىدە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدىكى  ئىجتىمائىي-مەدەنىي ھەل قىلغۇچ ئامىللار ھەم ئۇنىڭ پەيدا بولۇش ئىدىيىۋى مەنبەلىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. كۇماراجىۋا، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، پرىتىيا ياشرى، ئاتسان، چۇسىيا تۇتۇڭ، كالىم كايشى ۋە باشقا  شائىر-مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئېتىكىلىق ۋە ئېستېتىك  قاراشلىرى ئانالىز قىلىنىدۇ.
مەزكۇر كىتاب پەيلاسوپلار،تارىخچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىستۇدېنتلار، ئاسپىرانتلار ۋە بارلىق  شەرق خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىگە قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىنى نىشان قىلغان.»
ئاكادېمىك  ئەزىز نارىنبايېف  كىتاب ھەققىدىكى  كىرىش سۆزىدە ئەسەرگە مۇنداق باھا بەرگەن:
« مەزكۇر كىتابتا  بۇددىزم پەلسەپە ماتېرىياللىرى ۋە مەنبەلىرى ئاساسىدا تۇنجى قېتىم دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي -پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان ۋە   بۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ھەم  راۋاجلىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ  ئىجتىمائىي-مەدەنىي ئامىللار،  ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەلەر  ئېنىقلاپ چىقىلغان  شۇنىڭدەك يەنە  مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىر قاتار دۇنيا قاراش پرىنسىپلىرى ، ئەخلاقىي -ئېتىكىلىق ۋە بەدىئىي نۇقتىئىنەزەرلىرى ۋە گۇمانىزملىق ئىدىيىلىرى ھەم ئىدېياللىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن،  دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى بۇددىزم ئۇيغۇرلىرىنىڭ  ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى  پىكىرلىرىنىڭ تولۇق كارتىنىسى تۇرغۇزۇپ چىقىلغان. بۇ  ئەسەر ياشلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى مىراسلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئومۇمىي مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭ پەخىرلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. »
بەلكى،  قىرغىزىستان ئاكادېمىك ۋە  پروفېسسورلىرىنىڭ  يۇقىرىدىكى باھا سۆزلىرى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ھەم ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەڭ ئىشەنچىلىك پاكىت بولۇپ، مۇنداق باھالار ھەرگىزمۇ لايىق كەلمىگەن، ئۆلچەمگە توشمىغان ۋە يېڭىلىق قىممىتى بولمىغان ئەسەرلەرگە   بېرىلمەيدۇ.  پەقەت  ھەقىقىي ئىلمىي ئەسەرلەرگە بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2002-يىلى،قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادەمىيىسى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى   «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ  كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى»  ماۋزۇسى ئاستىدا نەشىر قىلىپ تارقاتتى. دىسسېرتاتسىيە بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان كىشىلەر مەزكۇر قىسقارتىلما ئەسەر بىلەن تونۇشۇش مۇمكىن.


  ئۇنىڭ ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈتۇپخانىلاردا  ساقلانماقتا

ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى»   ماۋزۇلۇق مەزكۇر مونوگراپىيىسى  ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى كۈتۈبخابىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ،   مەزكۇر كۈتۇپخانىنىڭ رۇس تىلىدىكى كىتابلار كاتولىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇتەخخەسىسلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويۇلغان.  ئۇيغۇر مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ چەت تىللىرىدا يېزىپ نەشىر قىلىنغان ئىلمىي كىتابلىرىدا ئىچىدە ئامېرىكا  دۆلەت مەجلىسى كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەر ناھايىتى ئاز ساندىدۇر. ئادەتتە ئىلمىي ساپاسى ۋە ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى بولمىغان ئەسەرلەر مەزكۇر كۈتۈپخانىغا قويۇلمايدۇ.
مەزكۇر كىتاب يەنە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى   دۇكې ئۇنىۋېرسىتېتى،   ئىللىنوي ئۇنىۋېرسىتېتى  ۋە  ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ كۈتۇپخانىلىرىغا قويۇلغان.
نۆۋەتتە، ئۇنىڭ ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسى ۋە دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ قىسقارتلمىسى شۇنىڭدەك  مەزكۇر مونوگرافىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەسىرى قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخىپىدا،  قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەركىزىي كۈتۈپخانە، قىرغىزىستان  دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى  كۇتۇبخانىسى، قىرغىزىستان ئالىي ئۇنۋان باھالاش ۋە بېرىش كومىتېتىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى بېسىلغان ژۇرناللارمۇ ھەر خىل كۈتۇپخانىلاردا ساقلانماقتا.
ئۇنىڭ مونوگراپىسىيى  ۋە  « ئۇيغۇر پوئېزىيىسى»   رۇسىيە، جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە  غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كۇتۇبخانىلاردا  شۇنىڭدەك مۇتەخەسىس ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ  قولىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ دىسسېرتاتسىيىسى ۋە مونوگرافىيىسى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئۇيغۇر ئوتتۇرا ئەسىرلەر پەلسەپىۋى پىكىرلەر  ۋە ئىدىيىلەرنى تەتقىق قىلىش ساھەسى ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىق رولىنى ئويناۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ساھە بويىچە دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ۋە ياكى ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن  ئابدۇرېھىمنىڭ مونوگرافىيىسى ۋە ماقالىلىرىنى  مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى  قاتارىغا كىرگۈزۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.


ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  بىر قىسىم  رۇسچە ئېلان قىلغان ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكى


كىتابلار :

1.     دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى . بىشكەك. ئىلىم نەشىرىياتى.  2002-يىلى. (رۇسچە)

2.       ئۇيغۇر پوئېزىيىسى . بىشكەك، قىرغىزىستان نەشرىياتى، 2001-يىلى، ( رۇسچە)

3.      دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى  ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيە، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)

4.     دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر  پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ئېۋالىئۇتسىيىسى  ( بۇددىزم پەلسەپىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا) . دىسسېرتاتسىيىنىڭ قىسقارتىلما نۇسخىسى، 2002-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)



   رۇس تىلىدا ئېلان قىلغان بىر قىسىم ئاساسلىق ئىلمىي ماقالىلىرى


1.    دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىۋى تەپەككۇرلىرى .  «زامانىۋىلىق ۋە پەلسەپە ۋە قانۇن مەسىلىلىرى . قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى»  .1998-يىلى، بىشكەك ، ( قىرغىزچە)

2.  بۇددىزم پەلسەپىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى .   « ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» . بىشكەك. 1999-يىلى، ( رۇسچە)

3.  ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىشلەر .  « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  . بىشكەك، 2000-يىلى، ( رۇسچە)

4.    ئۇيغۇر بۇددىزم مۇتەپپۇككۇرلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  .بىشكەك، 2000-يىلى.

( رۇسچە).

5.    ئۇيغۇر مۇتەپككۇرلىرىنىڭ  ئىدېئولوگىيىلىك  پرىنسىپلىرى . « ياش تەتقىقاتچىلار ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى»  . بىشكەك، 2001-يىلى، ( رۇسچە)

6.     تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىكى ئېتىكىلىق    كۆز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىش. « قىرغىزىستان-تۈركىيە  ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى» ، بىشكەك ، 2003-يىلى  ( رۇسچە)

7.    ئۇيغۇر مۇتەپپەكۇرلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى كوز قاراشلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر .  «ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» ، 2001-يىلى، بىشكەك، ( رۇسچە)

8.    چۇيسا تۇتۇڭ  ۋە كالىما كايشىنىڭ ئېتىكىلىق كۆز قاراشلىرى .  « قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماتېرىياللىرى توپلىمى» . 2002-يىلى، بىشكەك.( رۇسچە).

9.  تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى دەۋرىدىكى  ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئېتىكىلىق قاراشلىرى. «  قىرغىزىستان  -تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» ، 2001-يىلى، 2-سان، بىشكەك ( رۇسچە).

10.     ئۇيغۇر بۇددىست مۇتەپپەككۇرى  پرىتىئا ياشرىنىڭ  ئەخلاق قاراشلىرى .  « مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ  مەنىۋى مىراسلىرىدىكى بۇددىزم ۋە خىرستىيانىزم»   ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ  ماقالىلار توپلىمى، بىشكەك  2002-يىلى.( رۇسچە).

11. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ  راۋاجلىنىشىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەلەر  ھەققىدە. مۇھاكىمە يىغىن دوكلاتى (رۇسچە)



  نەشىر قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان  ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب ۋە ئەسەرلىرى


1.    قەدىمكى  يۇرت ئۇچتۇرپان.  ئىجتىمائىي -مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىيات مۇساپىلىرى

2.     ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى ) رۇسچە كىتابى ئاساسىدا (

3.     19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي پىكىرلەر  توقۇنۇشى

4.     ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈش مەسىلىسى

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن يەنە « تۇرپانشۇناسلىق» ، «  مۇنبەر» ، «  شىنجاڭ تارىخ-مەدەنىيىتى»  ۋە «  شىنجاڭ ياشلىرى»  قاتارلىق ژۇرناللاردا بىر قىسىم ماقالىلارنى يېزىپ نەشىر قىلدى.


     ئابدۇرېھىم  ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىش ھېكايىلىرى


ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۈكسەك بىر ئارزۇ-ئۈمىد ھەم تىلەك تۇيغۇلىرىنى مەنبە قىلغان  ئىسىملارنى قويىدۇ. ئىنىم ئابدۇرېھىمنىڭ  ئىسمىمۇ ئەنە شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى  ئاتاقلىق قەھرىمانلارنىڭ، باتۇرلارنىڭ ، ئارتىستلارنىڭ  ۋە ياكى ئاتاقلىق دانىشمەنلەرنىڭ ئىسمى ئەمەس، بەلكى  ئۆزىمىزنىڭ  بوۋىمىزنىڭ ئىسمى ئىدى، يەنى ئۆز غورۇرى ۋە ئىمانىغا سادىق بولۇپ ئۆتكەن بىر ئاددىي  ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئىدى.  ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بوۋىمىز  71 ياش ياشىدى، ئەمما ئىنىم  ياش جەھەتتە ئۆز بوۋىسىنىڭ  يېنىغىمۇ كېلەلمىدى !
بىز ئائىلىدە تۆت پەرزەنت ئىدۇق،  ئىككى ئوغۇل ،ئىككى قىز.  ئابدۇرېھىم بالىنىڭ ئۈچىنچىسى ئىدى.  بىزنى گۈزەل  ، ساپ ھاۋالىق يۇرت ئۇچتۇرپان ئۆستۈردى. ئاتا-ئانىمىز  كونا زىيالىيلاردىن بولۇپ  ، دادىمىز تۇرسۇن بارات  1957‏- يىلى  ئۇچتۇرپانغا كېلىپ ،  ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلاپ ، ئۇچتۇرپان ‏1‏-  ئوتتۇرا   مەكتىپى ۋە   ئىماملىرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى    بەرپا قىلىشقا قاتناشقان . بىر مەزگىل   ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن،  ئۇزۇن مەزگىل  مەمۇرىي ئىشلار، يەنى تەزكىرە يېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۈرۇمچىگە يۆتكىلىپ،   ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن پېنسىيىگە چىققان.  مەرھۇم ئانىمىز  نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ئۆمۈر بويى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ،  پېنسىيىگە چىققان ئىدى. مانا ئەمدى ئائىلىمىزدە ئىنىمىز  ئابدۇرېھىم ۋە ئانىمىزدىن ئايرىلدۇق.
دادام ۋە ئانام ھەر ئىككىلىسى  ئايرىم -ئايرىم  ھالدا 1950- ۋە 1960-يىللاردا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن ۋە قەشقەر  پېداگوگىكا ئالىي تېخىنىكومىنى پۈتتۈرگەن ئىدى.
ئىنىم تۇغۇلغاندا،  ئۇنىڭغا  ئانام ،دادام  ۋە مومام چوڭ دادىمىز  ئابدۇرېھىمنىڭ ئىسمىنى قويۇشنى قارار قىلغان ئىكەن. چۈنكى،  چوڭ دادىمىز ( بوۋىمىز) ئابدۇرېھىمنىڭ ھايات مۇساپىسى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە قىزىقارلىق بولۇپ، سودا-تىجارەت ۋە دىنىي ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىدى.
بوۋىمىز   قەشقەر  بەشكېرەمدىكى ئاۋات دېگەن جايدا تۇغۇلغان ھەمدە  ياشلىق ۋاقتىدا قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇپ، داموللا دەپ ئاتالغان. كىشىلەر ئۇنى ئادەتتە ئابدۇرېھىم داموللا دەپ ئاتايدىكەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تەخمىنەن ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىدا  بوۋىمىز ئەنجانغا سەپەر قىلىپ،  مەرغىلان، تاشكەنت، شەمەي، ئورېنبۇرگ، موسكۋا، سانكىتپېتربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ  تىجارەت قىلغان،  ئاخىرىدا  قاراقول )پرژىۋالسكى(  شەھىرىدە ئۇزۇن يىللار ياشىغاندىن  كېيىن ،1930-يىللىرى ئەتراپىدا ستالىننىڭ   كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش  ۋە   باي -كۇلاقلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى مەزگىلىدە ، ستالىن ھۆكۇمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ   ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ،  بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ھەم  ئۇرۇغ-جەمەتى بىلەن   ئۇچتۇرپانغا ماكانلاشقان .
شۇ قېتىمقى كۆچۈشتە   مومىمىزنىڭ كىچىك ئىنىسى، موسكۋادا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان  ئۆمەرجانمۇ   سوۋېت ئىتتىپاقىدىن  ھەدىسى ، ئاكىلىرى ۋە ئانىسى بىلەن بىرلىكتە  ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ  كەلگەن  . 1934-يىلى، شېڭ شىسەي ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆلكىدە مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنى يولغا قويغان ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرغاندا يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئۆمەرجان  ئۇچتۇرپان ، ئاقسۇ، كۇچار   ۋە   بىر مەزگىل كورلا ھەم ئۈرۇمچىدە خىزمەت قىلغان. كۇچاردا ، مائارىپ ۋە سەنايى نەپىس ئىشلىرىنى يۈرۈشتۇرگەن ، ئەمما 1941-يىلى ئارىسىدا  تازىلاش  باشلانغاندا، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ،  مىڭلىغان  ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت زىيالىيلىرى قاتارىدا يوق قىلىنغان.
ئۆمەرجاننىڭ ئىككى قىزى بولغانلىقى مەلۇم، بوۋىمىز، مومىمىز، ھاممىمىز  ۋە  ئانىمىز  بۇ قىزلارنى ئۆمۈر بويى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ،  ھېچ يەردىن دېرىكىنى ئالالماي ئۇ دۇنياغا كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا ھەتتا ئىنىم ئابدۇرېھىممۇ قاتنىشىپ بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئىشىنىمەنكى،  بۇ ئىككى قىز ھازىر  ھايات بولسا، تەخمىنەن 70 ياشلار چامىسىدىكى مومايلاردۇر، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

بىزنىڭ بوۋىمىز  ئابدۇرېھىم داموللا قاراقولدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ،  1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن  ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ دادىسى ھاشىم ئاقساقال ئائىلىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان.  ئۇلار كېيىن ئۇچتۇرپاندا بىرگە ياشىغان ھەمدە ئائىلىمىز بىلەن ئابباسوفلار ئارىسىدا قويۇق تارىخى مۇناسىۋەتلەر بار ئىدى. بۇ ئايرىم  تارىخ، شۇڭا بۇ يەردە  ھەممىنى يېزىپ بولالمايمەن.
بوۋىمىز ئابدۇرېھىم داموللا ناھايىتى مەرىپەتپەۋەر ، كۆپنى كۆرگەن،  زامانىۋى ئىلىم -مەرىپەتنى قوللايدىغان ھەمدە دىنىي بىلىملەرگىمۇ كامىل كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان ، ئۇ زات 1959-يىلى ، ئۇچتۇرپاندا ۋاپات بولغان.  ئىنىم ئابدۇرېھىمگە بوۋىمىزنىڭ ئىسمىنى قويۇش ، ئەنە شۇ زاتنى  ۋە ئائىلە شەجەرىسىنى ئەستە تۇتۇش  مەقسەت قىلنغان.
دادىمىز تۇرسۇن باراتنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى قەشقەر پەيزىۋات بولۇپ، دادىسى، يەنى دادا جەھەتتىن بىزنىڭ بوۋىمىز باراتاخۇن پەيزىۋاتتا تونۇلغان دىنىي زات ئىدى. ئۇ كىشى قاغىلىقتىكى  ئاتاقلىق ئالىم تەجەللىنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىدى.  مەرىپەتپەرۋەر بۇ زات دادىمىنىزنى  پەيزىۋاتتىكى ۋە كېيىن قەشقەردىكى يېڭىچە مەكتەپكە ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەن ھەمدە  دادىمىزنىڭ قەشقەر دارىلمۇئەلللىمىننى نەتىجىلىك پۈتتۈرىشىنى قوللىغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىردىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم دەرگاھى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئاتاقلىق  زىيالىيلار  تۇرغۇن ئالماس,  مۇھەممەد ئابدۇللا، ئابدۇشۈككۈر مۇھەممەد ئىمىن، غازى ئەمەت، ئابباس بۇرھان،  ئۆمەر موللا، كېرىم سايىم  قاتارلىق  يۇزلىگەن زىيالىيلارنىڭ  ئىسمى بۇ مەكتەپ بىلەن باغلىنىشلىق، دادام ئەنە شۇ كىشىلەر بىلەن مەكتەپداش ۋە بەزىلىرى بىلەن ساۋاقداش  ئىدى.

دادام ئۆز  كىندىك قېنى تۆكۈلگەن  يۇرتى  پەيزىۋاتنى، ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ھاياتى ئۆتكەن ئۇچتۇرپاننى ئىنتايىن سۆيىدۇ. بولۇپمۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن پەيزىۋاتتىكى ئۆز يېزىسىدا دادىسى ۋە ئانىسى ھەم قېرىنداشلىرىنىڭ  قەبرىسى جايلاشقان بولغاچقا بۇ يۇرتقا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. شۇڭا ئىنىمنى تاپقان پۇلىنى پەيزىۋاتقا سېلىش، ئۆز يېزىسىدا بوز يەرلەرنى ئېچىپ، باغ-بوستان قىلىشقا ئۈندىگەن. نەتىجىدە، ئىنىم ئاران تەستە ماقۇل بولۇپ، پەيزىۋاتقا تاپقان پۇلىنى مەبلەغ قىلىپ، شۇ يەرگە سالغان ئىدى. ئەپسۇس، ئىنىم ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بۇ بىر ئازغىشىش  بولغانلىقىدىن  ئەپسۇسلانغانلىقىنى،  ئەمما پۈتۈن كۈچى بىلەن  كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىپ، كۆپ مېۋە كۆچەتلىرىنى تىككەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ  بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقى،  مانا ئەمدى  تىككەن كۆچەتلىرى  كۆكلەپ ، رەسمىي چوڭ باغقا ئايلىنىۋاتقانلىقنى  ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.  ئەپسۇسكى ، ئۇ تۆككەن تەرلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش  ئالدىدا، ھاياتلىقتىن خۇشلاشتى، ئۆستۈرگەن مېۋە دەرەخلىرى ، باغلىرى قالدى ! ئەلۋەتتە، بۇ باغلار، بۇ تۆكۈلگەن تەرلەر  كەلگۈسىدە  نېمە بولىدۇ ؟  بۇنىسى نامەلۇم،  تارىختا نۇرغۇن باغلار ۋەيران بولغان ئەمەسمۇ؟!   ئەمما يەنىلا ئىنىمنىڭ ئەقلىي قەلىمى بىلەن قالدۇرغان پەلسەپە ئەسەرلىرى ئارقىلىق تىكلەنگەن ئۇنىڭ كىچككىنە «بېغى»  ئەبەدىيلىك بولسا كېرەك؟!   مەنىۋى تەپەككۈر ۋە ئىلىم تۆھپە بېغى ئىنسانلارغا ئەبەدىي ئوزۇق بېرىدۇ. خۇددى بىز 1000 يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەر دىيارىدا تىكلەنگەن  ماھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەنىۋى باغلىرىدىن ھازىرمۇ  ھوزۇرلىنىۋاتقان ھەم روھىمىزغا كۈچ مادار ئېلىۋاتقاندەك !

قىممەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم ،  تارىخى تەزكىرىچىلىك دادىمىزنىڭ ئەڭ سۆيگەن ئىشلىرىنىڭ بىرىدۇر.   ئۇچتۇرپاندىكى  « جىگدە يېغىلىقى» نىڭ  تارىخىنى تۇرغۇزۇش،  « يەتتە قىزلىرىم» نىڭ ئەسلى تارىخى كېلىپ چىقىشىنى بېكىتىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن مەقبەرە ئورنىتىش ، كىللاسسىك شائىر موللا شاكىرنىڭ قەبىرىسىنى تېپىپ بېكىتىش  قاتارلىق ئۈچتۇرپان تەزكىرىسىگە  ئائىت نۇرغۇن خىزمەتلەردە  دادىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى بارلىقىنى  چوڭ ياشتىكى كىشىلەر ياخشى بىلىدۇ. دادىمىز بۇ ھەقتە  ۋە  باشقا  تېمىلاردا  خېلى كوپ  ئىلمىي ماقالىلارنىمۇ ئېلان قىلغان ھەمدە ئىنىم بىلەن بىرلىشىپ، ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ رايونىنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت  تەزكىرىسى ھەققىدە كىتابمۇ يازغان ئىدى.
ئاتا-ئانىمىز   4 پەرزەنتىنىڭ ھەممىسىنى ئالى مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيىلىدى ھەمدە ئىككى ئوغلىنىڭ دوكتور  بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئاساس سالدى.  ئاتا-ئانىمىز  كىچىكىمىزدە ھەر كۈنى چىراقنىڭ تۈۋىدە  ئوقۇپ بەرگەن رومانلار ۋە ھېكايىلەر، سۆزلەپ بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر   بىكارغا كەتمىگەن بولسا كېرەك؟
بىز  كىچىكىمىزدە  ئائىلىمىزنىڭ   تارىخى مۇساپىلىرى ھەققىدە كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق.  بەلكى،  تارىخ پېنىگە قىزىقىش ئالدى بىلەن ئائىلىسىنىڭ تارىخىنى بىلىشتىن باشلانسا كېرەك، شۇ نۇقتىدىن مەشھۇر ئەدىب ۋە ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر  « ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى  بىلمەسلىك ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەنگە ئوخشاش»   دېگەن  ئىدى.
مەن بۇ يەردە ئائىلە تارىخىنى سۆزلەشنى مۇددىئا قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن  بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قىسمەنلا توختىلىمەن.
ئىنىم ئابدۇرېھىم  ئائىلىمىزنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئائىلىمىزنىڭ شەجەرىسىنى ئىگىلەشكە  بەك ئەھمىيەت بېرەتتى، مەن كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنىڭدىن سورايتتىم.   ئۇ ، يەنە  ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھايات مۇساپىلىرىنى چۈشىنىش، ئۇلار ھەققىدە كۆپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەربىر شەخسنىڭ ھايات مۇساپىسى شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي  ھاياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھايات مۇساپىسى ئارقىلىق شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ئەخلاق، ئىجتىمائىي  تەپەككۈر قۇرۇلمىسىنى ھەم سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئەلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىككى خىل مىللىي ئىدېئولوگىيە قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن. سابىت داموللام بىلەن خوجا نىياز ھاجىم  ئارقىلىق 1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قاتلىمىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى خىل كۆرۈنىشنىڭ تەسىرىنى بىلىش مۇمكىن.

مەرھۇم ئىنىمغا  « ئابدۇرېھىم»   ئىسمىنىڭ قويۇلۇشى   20-ئەسىرنىڭ  بىرىنچى يېرىمىدا  ئۆتكەن ئاددىي بىر  ئۇيغۇر  ئائىلىسىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن  ھايات مۇساپىلىرى  بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بولۇپ، ئۆز ئائىلە شەجەرىسىنى يېزىپ قالدۇرۇش، ئائىلە شەجەرە دەرىخىنى تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسى  تەرەققى قىلمىغان   ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  ھەر بىر ئىسىمنىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرى ۋە سىرلىرى  بارلىقى تەبىئىي. ئائىلە شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇش ئەنئەنىسى كۈچلۈك بولمىغان مىللەتتە ئۆز مىللىي تارىخىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا قىزىقىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىق  ھېس قىلىش  روھى ئاجىز بولسا كېرەك؟! ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەنە شۇ سەۋەبتىن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەشۇر سۆزنى ئېيتقان ئىدى.  قىسقىسى، ئۆزلىرىنىڭ  يەتتە ئەجدادىنى بىلىش روھى مەسىلىسىدە   ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قان-قېرىنداشلىرى ھېسابلانغان تۈركلەر، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە باشقىلاردىن ئۆگىنىشى زۆرۈر !


خاتىمە

مەرھۇم ئىنىم ئابدۇرېھىمنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئويلىغىنىمدا قاتتىق ئېچىنىمەن ھەم پەخرلىنىمەن. پەخىرلىنىدىغان نۇقتام  ئۇنى ئىلىم-پەن دۇنياسىغا باشلاشتا ئاتا-ئانام ۋە مەن مۇھىم رول ئوينىغان بولسام، ئۇنىڭ  ئىلمىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىدە  ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف ۋە  پروفېسسور ئوسمان توگۇساكوف  قاتارلىق ئالىملار زور  رول ئوينىغان ئىدى. ئېچىنىدىغان يېرىم ئۇنىڭ  دوكتورلۇق دىپلومىنى يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ،  ئىگىلىك تىكلەش يولىدا، كۈندىلىك  تۇرمۇشىنى قامداش يولىدا سەرپ قىلىنغان نۇرغۇنلىغان ۋاقىتلىرى ھەم ئاقىۋەتتە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ  بىز بىلەن خوشلىشىشىدۇر.  40 ياش بىر ئەر ئۈچۈن ئەقىلگە تولغان ، قىران مەزگىل، ئۇنىڭ  چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك پەلسەپە تەتقىقات ئەسەرلىرى بەلكى ئۇنىڭ  40  ياشتىن كېيىن، بەلكى 50 ياشلىرىدا بولار ئىدى. ئەگەر ،  ئۇنىڭدا مۇنداق تالانت ۋە قابىلىيەت بولمىغان بولسا، يۇقىرىدا  قەيت قىلىنغان  ئەسەرلەرنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ، ئۆز قابىلىيىتىنى  30 ياشقا تولماي تۇرۇپ كۆرسەتمىگەن بولسا، مەن ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئويلىمايتتىم. لېكىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆمۈر بەردى. ئۆز ئىنسانلىق قەدىرى ۋە غورۇرى بىلەن ياشىدى. ئامال قانچە؟
مەن ئۇنى دائىم  كۆپ تىرىشىشنى، كۆپ ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىشنى  جىكىلەيتتىم ، بەزىدە تەنقىدمۇ قىلاتتىم. بىراق، ئۇ سۆزلىرىمگە خاپا بولمايتتى، پەقەت «  سەن  مېنىڭ ھېسسىياتىمنى چۈشەنمەيسەن » دەپلا قوياتتى.  ھەقىقەتەن ، مەن ئۇنىڭ ھېسسىياتى ۋە ۋەزىيىتىنى چۈشەنسەممۇ، يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.  لېكىن، ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا مېنىڭ تورلاردا ئېلان قىلىنغان تارىخىي ماقالىلىرىمى ئوقۇپ تۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يازغانلىقى، بەزىلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىش  ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى   شۇنىڭدەك ئەمدى رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ،   ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىلىق پەلسەپە تارىخى  ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمىي پەلسەپە تارىخىنى يېزىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا «شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى  تەتقىقات يۇرتى»  ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ قابىلىيىتىنى سەزگەندىن كېيىن، ئۇنى رەسمىي رەۋىشتە «شىنجاڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتى» نىڭ  تەكلىپلىق تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، گۇۋاھنامە بەرگەن.   ئۇ, دادامنىڭ ۋە باشقا مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن  «شىنجاڭ تارىخ  ۋە مەدەنىيىتى»  ژۇرنىلىدى  ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشقا كىرىشكەن. دادام تۇرسۇن باراتمۇ مەزكۇر تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىق تەتقىقاتىچىسى بولۇپ، ئاتا-بالا بىرلىكتە تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە كىرىشكەن ئىدى.  ئاتا -بالا ئۇچتۇرپاننى مەركەز قىلغان ھالدا ئاقسۇ دىيارىنىڭ قەدىمدىن تا  ھازىرغىچە  بولغان ئېتنىك، ئىجتمائىي-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تارىخىنى يېزىشقا كىرىشىپ ، بۇ كىتابنى تاماملىغان ،  ئابدۇرېھىم  سوۋېت-رۇس تارىخچىلىرىدىن بارتولد، كروپاتكىن، كۇزنېتسوۋ ۋە باشقىلارنىڭ ئۇچتۇرپان ۋە ئاقسۇ رايونى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ  مەزكۇر  كىتابنى تېخىمۇ بېيتقان ھەمدە بۇ ئەسەرنى بۇ يىل ۋە ياكى كېلەر يىلىغىچە نەشىر قىلماقچى ئىدى.

ئەپسۇس ! ئۇ رەھمەتلىك بولدى !   مەن يىراق ئوكيان قىرغىقىدا  تۇرۇپ  پەقەت ئاللاھتىن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم!   رەھمەتلىك ئانام  ۋە رەھمەتلىك ئىنىمنىڭ  دىدارىنى  كۆرەلمىدىم !  مەن پەقەت  ئۇلار بىلەن ئۆتكەن  ئەڭ ياخشى كۈنلەرنى ئەسلىدىم. مەن  ئىنىم  بىلەن كۆرۈشكەن كۈنلەردىكى ئۇنىڭ چىراي تۇرقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.  بۇ ئەلۋەتتە ھەر  قانداق بىر قېرىنداشتا بولىدىغان تەبىئىي تۇيغۇ! دائىم  دېگۈدەك تېلېپوندا بولسىمۇ  ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئىنىمنىڭ ئاۋازى مەن ئۈچۈن ئەمدى ئەبەدى  ئاڭلانماستۇر !
دائىم  دېگۈدەك تېلېپوندا بولسىمۇ  ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان  ئانامنىڭ ئاۋازى مەن ئۈچۈن ئەمدى  ئەبەدى   ئاڭلانماستۇر !
مەن  ئاتا-ئانامغا دائىم دېگۈدەك  ئانا يۇرتقا قايتىپ كېلىمەن دەيتتىم.  ھەتتا ، ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن دادام  ۋە ئىنىمگە  ئەگەر  ۋىزا ئالالىسام، بۇ يىل   مۇمكىن بار  يۇرتقا  بېرىپ سىلەر ۋە دوستلار بىلەن كۆرۈشىمەن  دېگەن ئىدىم.  ئۇلارمۇ تېلېفوندا «  ۋەتەن  بەك تەرەققى  قىلىپ كەتتى،  سەن ئۈرۈمچىگە كەلسەڭ  ئۆيۈڭنى تاپالمايسەن،  ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كەتتى»  دېگەن ئىدى.  ھازىر يېڭىدىن پۇقرا بولغان  ئامېرىكىلىق  ئۇيغۇرلار  تۇشمۇ-تۇشتىن ۋىزا ئېلىپ ئەسلى ۋەتىنىگە كېتىپ  بارماقتا،  ھەممە يەردە ئەسلى  ۋەتەن بىلەن يېڭى ۋەتەن  ئارىسىدىكى  مۇناسىۋەتلەر قويۇقلاشماقتا. ئانام بىلەن ئىنىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن  مېنىڭ  ۋەتەن  سېغىنىشلىرىم   تېخىمۇ   كۈچەيمەكتە،  بۇنداق سېغىنىش  ئەلۋەتتە ئىنساندىكى تەبىئىي تۇيغۇلارنىڭ بىرىدۇر  خالاس !
مەن ھەقىقەتەن ،ئۆز يۇرتۇمنى، ئۆزۈم ئىشلىگەن  ئەشۇ  گۈزەل شىنجاڭ  ئۇنىۋېرسىتېتىنى ،  ياشلىق ھاياتىمنىڭ ئەڭ  گۈزەل   شېئىرىي تەپەككۈرلۇق مىنۇتلىرى ئۆتكەن، ساماۋى  خىياللارغا پاتقان  ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى ئەسلەيمەن،   ياشلىق ھاياتىمنىڭ ئەڭ  گۈزەل  رومانتىك دەۋرلىرىم  ئۆتكەن موسكۋا  باغچىلىرى، موسكۋا دەرياسى بويلىرى، كرېمىل تېمىغا  ، لېنىن  ھەيكىلىگە سوئال قويغان كۈنلىرىمنى  ئەسلەيمەن.   ھاياتىم خىياللار، ئارزۇ -ئۈمىدلەر بىلەن  كىتابلار دۆۋىس ئىچىدە ئۆتتى ۋە ئۆتىۋاتىدۇ.  كىتابلار دۆۋىسى ۋە رېئاللىقلاردىن ھەم ئۆتمۈشتىن ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ شانلىق ۋە پاجىئەلىك قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى  ئىزدەپ، ئۇنىڭدىن توغرا  يەكۈن چىقىرىشقا  ئىنتىلىپ كەلدىم.  مەن ئەسلىدىكى شائىر ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇشتىن تارىخچى بولۇشنى تاللىۋالغان ئىدىم. ئەسەرلىرىم تور دۇنياسى ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئوقۇرمەنلىرىمنى تاپالىدى. ھەقىقەتەن، بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيدىغان  ئوقۇرمەن بولمىسا، ئۇ كىم ئۈچۈن يازىدۇ؟ بىر تارىخچى ئۈچۈن بىلگەن ۋە يەكۈنلىگەنلەرنى  ئاڭلايدىغان ، تەھلىل قىلىدىغان ئادەم بولماي، ئۇنىڭغا ھېكايە-چۆچەكلەردەك  مۇئامىلە قىلسا، تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ ئارىسىدىن كېچە-كۈندۈز سىرلارنى قېزىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟  ھازىر جۇڭگودا خەنزۇلاردىن  خۇادوڭ  پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  پروفېسسورى شېن جىخۇا، ئۆزى ئالدى بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، باي بولۇپ، تاپقان پۇلى بىلەن رۇسىيىدىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى تارىخىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشلىرى، جۈملىدىن قسىمەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت  كۆپلىگەن ئارخىپ ھۆججەتلەرنى توپلاپ، نەچچە توملىغان كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى .  ھازىر جۇڭگو-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى تارىخىنى تەتقىق قىلىش، ستالىن دەۋرىنى تەتقىق قىلىش جۇڭگو، رۇسىيە ۋە غەربتىكى قىزىق تېمىلاردىن ھېسابلىنىدۇ.  مەن بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆپرەك ئىزدەنگەن ئىدىم.  خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە چىققان بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەرگە نىسبەتەن مېنىڭ   قىلغان ئىشىم تېخى  ھېچ نېمە ئەمەس، بىراق مەن ئۆزگىچىلىكىمنى ساقلىدىم. نەسىپ بولسا ، بۇ جەھەتتىكى كىتابلىرىمنى ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن.
قەدىرلىك ئىنىممۇ يەنىلا شۇ ماڭا ئوخشاش ۋە  مېنىڭدىن تېخىمۇ چوڭقۇر  ۋە جەمىيەتنىڭ پەلسەپىۋى تەپەككۈر قاتلىمىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى بولغان پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى قىسىمىنى تاللىۋالغان ئىدى. ئۇ، ھەقىقەتەن ئەشۇ  شېن جىخۇادەك  ئالدى بىلەن  ئىگىلىك تىكلەپ، پۇل تېپىپ ، ئۆزىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، رەسمىي ئولتۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشمەكچى ئىدى. ئەپسۇس، ئۇ ئۆزى تىكلىگەن ئىگىلىكىنىڭ ھېچنېمىسىنى كۆرەلمىدى !  ئۇنىڭ قەلبى  ئىچىدىن ئاللىبۇرۇن  زېدە بولغان، باتۇر روزى ۋە باشقالارنىڭ قىسمىتى ئۇنى كۇتۇپ تۇرغان ئىدى.    ئىنىم ئۆز  غايىسى  يولىدا  مەغلۇپ بولدىمۇ؟ ياكى غالىپمۇ؟  مەن  بۇ ھەقتە   بىر نېمە دېيەلمەيمەن!  
قىسىقىسى، ئىنىم  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ۋەتىنىگە قايتىپ ، تىرىكچىلىك، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا كىرگىنىگە 10 يىل توشقاندا ئارزۇ -ئارمانلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتتى.   بەزىلەر ئېيتقاندەك ئۇنى بۇرۇنلا چەتئەلگە ئېلىپ چىقىۋېلىش كېرەك ئىدى.  بىراق،  ئىنىم  ۋە   ئانامنىڭ  پىكرى  شۇكى ئەسلىدە   ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز ۋەتىنىدە ياشاپ، ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، مىللەتنىڭ بىلىملىك پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى چەتئەلدە بولماسلىقى  كېرەك !
ھەقىقەتەن، ئۇ  ۋە ئانام توغرا ئېيتقان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا مىڭلىغان، ئونمڭلىغان ئابدۇرېھىم  تۇرسۇنلار كېرەك! ئىلىم-پەن، مەدەنىي-مائارىپ ۋە باشقا ھەممە ساھەلەردە نەچچە خىل تىلنى پىششىق بىلگەن زىيالىيلار قوشۇنى بولۇش كېرەك، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا،  ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك دوكتورلۇق ئۇۋانى ئالغان زىيالىيلىرىنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى  چەتئەللەردە تۇرماقتا !   
مانا    ئوقۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت بىلەن يىللار يىللارنى قوغلاپ چاماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كەتتى،  ھەش-پەش دېگۈچە  چوڭلار قاتارىغا قوشۇلدۇق، ياشلىق خىياللىرى ۋە ئارمانلىرى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھاياتلىق مەزمۇنلىرىغا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى،  غەمسىز ئۆتكەن كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.  17 يېشىمدا  ئۆي ئىشىكىدىن ئۇچۇرتما قۇش كەبى چىقىپ كەتكەن ئىدىم.  مېھرىبان ئانىمىز  ئىككى ئوغلىنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قەددىنى تىكلەشكە، نادانلىق، بىلىمسىزلىكتىن خالى بولۇشقا ئۈندەپ يىراق جايلارغا  ئەۋەتكەن ئىدى.  ئۇ بىر ئۆمۈر ئىككى ئوغلىدىن پەخرلەندى !  شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، بىر پەرزەنت ئۈچۈن ئالىم بولۇش،  دوكتور  بولۇش، مىليونېر باي  بولۇش، ئەمەلدار بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسان بولۇشى كېرەك!
ئىنىم ئابدۇرېھىم   ئاتا-ئانىسىغا، تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىغا مېھرىبان ۋە كۆيۇمچان ئىنسان ئىدى. ئۇ،  ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ياخشى خىزمەت قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلدى. ئۇ، مەرھۇم  ئانامنىڭ 4- 5 يىللاردىن بۇيان داۋاملاشقان كېسىلىگە خۇددى دوختۇرغا ئوخشاش  سەبرىچانلىق بىلەن قاراپ، ئۇنىڭ پۈتۈن دورىلىرىنى ئېلىپ كېلىش، ئانىمىزنى دوختۇرخانىلاردا كېچە -كېچىلەپ بېقىش ،  ھەر دائىم  ئانىمىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ، خالىغان نەرسىسىنى تەييار قىلىپ بېرىش ، ئومۇمەن ئانا سۈتىنى ئاقلاش  جەھەتتە   ھەقىقىي ئوغۇل پەرزەنتىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. ئانىمىزنىڭ  ۋاپاتى ئۇنىڭ  ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر زەربە بولغان بولسا ؟! ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ قانچىلىغان يۈرەك ئازاپلىرى، ئۆكۈنىشلىرى ۋە باشقا ئىچكى دۇنياسى بارلىقى كۆزكە كۆرۈنىپلا تۇرىدۇ.
قىممەتلىك ئوقۇرمەن دوستلىرىم ! مېنىڭ يازغانلىرىم  ئىنىم ھەققىدىكى ئەسلىمىلەردىن تۇغۇلغان ئوي-تەپەككۈرلىرىمدۇر، ئويلىغانلىرىمنى يازدىم، بىزنىڭ ئۇيغۇردا «  كۆزدىن يىراق ، كۆڭۈلدىن يىراق»  دەيدىغان بىر ماقال-تەمسىل بار. ئەمما، مەن بۇ ماقال-تەمسىلگە قىسمەن قوشۇلمايمەن،   باشقىلارنىڭ چۇشەنچىسى  قانداق؟ مەن بىلمەيمەن،  ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈم ، مېنىڭ   ئوي -خىياللىرىم  ھېچقاچان  سىلەر قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمدىن،   سىلەر   قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم  سۇ ئىچىۋاتقان، تۇزىنى تېتىۋاتقان، ئەسىرلەردىن بۇيان ئەجدادلاردىن مىراس قالغان  ھاۋالىرىدىن نەپەس ئېلىۋاتقان مۇقەددەس تۇپراقتىن يىراقلىشىپ كەتكىنى يوق. چۈنكى،  ئۇ يەردە مېنىڭ ئەجدادلىرىم،  سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، مېنىڭ ئانام ۋە مېنىڭ ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ياتماقتا ! چەتئەللەردە  ياشاش، ھەرگىزمۇ  ئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىننى ئۇنتۇش ئەمەستۇر! ھەر قانداق ۋەتىنىدىن ئايرىلغان مۇساپىر ئۈچۈن بۇ ئورتاق يەكۈن خالاس ! بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار قەشقەردىن خوتەنگە بېرىپ  قالسا، خوتەندىن قەشقەرگە ياكى، ئاقسۇغا ۋە  ياكى ئاقسۇدىن كۇچاغا بېرىپ قالسا مۇساپىرلار ناخشسىنى ئېيتىپ يىغلاپ يۈرگەن ئەمەسمۇ؟  
مەن  ئىشىنىمەنكى، ئابدۇرېھىمنى  قەدىرلىگەن، ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىنغان ۋە ئۇنىڭدىن پەخرلەنگەن  ئۇنىڭ دوست-يارەنلىرى،   ھەتتا ئۇنى تونىمىسىمۇ، ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ،   ئۇنىڭ  ھايات مۇساپىسىدىن خەۋەردار بولغان ئاق كۆڭۈل   كىشىلەر  ئۇنى  ئېسىدە  تۇتىدۇ!





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11052
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3284 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:36:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېست ياش كەتكەن دوكتۇر !ئېسىت ياش كەتكەن ئسىتىدات ! مەرھۇم دوكتۇر ئابدۇرەھىم تۇرسۇننىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغان ، مەرھۇمنىڭ ئائىلسىگە ، دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇنغا ئاللاھتىن سەبىر تىلەيمەن .
     خياللىرىمنى چۇلغۇۋالغنىنى دىيارمىزدا يەنە قانچىلىك قېرىندىشمىز دوكتۇر ئابدۇرھىم تۇرسۇندەك چارىسزلىك ئىچىدە ئىلىم تەتقىقاتىنى قويۇپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىغاندۇ ؟
       ئەگەر دوكتۇر  نەبىجان تۇرسۇن ئاكىمىز مەرھۇم جان ئۈزىۋاتقان كۈنلەردە يېنىدا بولغان بولسا ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:44:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەرھۇم ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭ ئىش-ئىزلرىنى ماقالىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن چوڭقۇر تۇنۇشقا ئىگە بولدۇم. مەرھۇم ئۆز ۋەتىندە ئۆز قابلىيتىگە يارىشا تىگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشەلمەي ئەڭ قىران چاغلىرىدا ھەسىرەت بىلەن بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالىشىپتۇ.بەك ئېچىندىم.......
پەخىرلىك ئالمىمىز نەبىجان تۇرسۇن ۋە مەرھۇمنىڭ باشقا ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئاللاھتىن سەبىر تىلەيمەن!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:54:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېست ياش كەتكەن دوكتۇر !ئېسىت ياش كەتكەن ئسىتىدات ! مەرھۇم دوكتۇر ئابدۇرەھىم تۇرسۇننىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغان ، مەرھۇمنىڭ ئائىلسىگە ، دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇنغا ئاللاھتىن سەبىر تىلەيمەن .

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

kor gi nig din kop tur kor mi

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15699
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9031
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 2433 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 12:25:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئائىلە شەجەرىسى بىلەن تونۇشۇش بىر ياخشى ئىش.
مەن نەبىجان تۇرسۇن ۋە ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئوغلانىنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ئائىلە تارىخىدىن خەۋەردار بولغىنىمغا بەك خۇشال بولدۇم،ھەقىقەتەن بىر ياخشى تەربىيەلىك ئائىلە ئىكەن.ھازىرچە جەمىيىتىمىزدە پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ،مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئائىلىلەر كۆپ بولسىمۇ لېكىن مۇشۇنداق ئۇيگۇر ئوغلانلىرىنى تەربىيلەش قانچىلىك ئائىلىنىڭ قولىدىن كېلىدۇ ؟بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان .
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي،ئاللا ئىگەم ئانا-نالا ئىككىسىنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ ساۋابىنى ئۇ دۇنيادا كۆرسەتكەي.دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئاكىغا ئۇلۇغ ئاللادىن ئززۇن ئۆمۈر سالامەتلىك ۋە سەۋر-تاقەت تىلەيمەن.ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

كۈلۈپ ياشاڭ!!!

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 12:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي ئىلاھىم.مەرھۇم بىلەن تەڭتۇش ئىكەنمەن .لىكىن مۇشۇ كەمگىچە بىرە جىجىق نەرسە ئېلان قىلماپتىمەن.

                      مەرھۇمنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئوقۇپ مەنمۇ زىيالىمۇ دەپ قالدىم.
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن،ھايات مىللەتداشلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايسەن ئىلاھىم.كۆڭلۈم بەكلا بۇزۇلدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amanturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-26 12:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28887
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5224
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 3202 سائەت
تىزىم: 2011-2-3
ئاخىرقى: 2014-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 12:40:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىمانىنى سالامەت قىلغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 01:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  يازمىنى ئوقۇپ بەكلا تەسىرلەندىم ،ۋە بىر ھېكمەت ئېسمىگە كەلدى
ئاللاھتائاللاھ بىر قەۋىمنى جازالىماقچى بولسا ئۇ قەۋىمدىن ئالىملارنى ئېلىپ كېتىدۇدەپتىكەن ھۆكۈمالار....
نەئۇزىبىللاھ ئاللاھتىن ئالىملىرىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن ! ۋە ئالىم ئائىلە-تائاباتلىرىغا سەۋىر تىلەيمەن! ئامىن

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 02:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا    ئوقۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت بىلەن يىللار يىللارنى قوغلاپ چاماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كەتتى،  ھەش-پەش دېگۈچە  چوڭلار قاتارىغا قوشۇلدۇق، ياشلىق خىياللىرى ۋە ئارمانلىرى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ھاياتلىق مەزمۇنلىرىغا يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى،  غەمسىز ئۆتكەن كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.  17 يېشىمدا  ئۆي ئىشىكىدىن ئۇچۇرتما قۇش كەبى چىقىپ كەتكەن ئىدىم.  مېھرىبان ئانىمىز  ئىككى ئوغلىنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قەددىنى تىكلەشكە، نادانلىق، بىلىمسىزلىكتىن خالى بولۇشقا ئۈندەپ يىراق جايلارغا  ئەۋەتكەن ئىدى.  ئۇ بىر ئۆمۈر ئىككى ئوغلىدىن پەخرلەندى !  شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، بىر پەرزەنت ئۈچۈن ئالىم بولۇش،  دوكتور  بولۇش، مىليونېر باي  بولۇش، ئەمەلدار بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسان بولۇشى كېرەك!

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 40014
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7253 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 03:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيەت تارىخى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتسىمۇ ئەمما، بۇ ساھەدە بىزدە مۇپەسسەل ئىلمىي ئەمگەكلەر ئىشلەنمىدى.بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېدىلوگىيەسىنىڭ يادروسى بولغان ئۇيغۇر پەلەسەپە تارىخى ساھەسىدە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ « ئۇيغۇر پەلىسەپە تارىخى» ناملىق كىتابىدا كۇماراجىۋانى  ئۇيغۇر بۇددىزم پەلىسەپىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ ، بۇ ھەقتە بەزى چۈشەنچىلەرنى بەرگەندىن باشقا  بۇ ساھەدە توللۇق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك  ئىزدىنىشلەر بولۇنمىغانىدى.

   بۇ نۇقتىدىن دوكتۇر ئابدۇرەھىم تۇرسۇننىڭ  ئۇيغۇر بۇددىزم پەلىسەپىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى موھىم قىممەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ھەم يېزىققا ئېلىنغان ئەڭ دەسلەپكى پەلىسەپە ئىدىيىسىنىڭ بىخلىنىش ۋە باشلىنىش نۇقتىسىدۇر.

   ئورخۇنتېكىن ئەپەندىنىڭ مەرھۇم ئابدۇرەھىم تۇرسۇننىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇقلارنىڭ تولدۇرۇلىشىغا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش