پۇشايمان دوقمۇشلىرىدا
تەسەللى
سەن مىنى قانچىلىك ئىشتىياق بىلەن قۇغلىشىپ، رەقىپلىرىڭدىن قىزغىنىپ، ئۇۋىغىمنى يەرگە چۈشۈرمەي قەدىرلەپ ئەمرىڭگە ئالغان بولساڭ شۇنچە تىزلا ئۆزگىرىپ كەتتىڭ. ئۆزگىرىپ كەتىڭ ئەمەس بەلكى ئەسلى ماھىتىڭنى ئاشكارىلىدىڭ، ئەمرىڭگە ئۆتۈپ بولۇپ قارىسام سىنىڭ ماڭا دىگەن شىرىن سۆزلىرىڭ چەكسىزلىگەن نادان قىزلارغا ئىيتىپ يادا بولۇپ كەتكەن تەسىرلىك يادلانما بولۇپ، مىنى قەدىرلەپ ئەمرىڭگە ئىلىشىڭ مىنىڭ ئۆزۈم بولماستىن بايلىغىم ئىدى. سەن مىنىڭ كۆز ئالدىمدا پۇلغا تەشنا نادان قىزلارنى كۆز-كۆز قىلىپ قولتۇقلاپ كىرەتتىڭ، بىر ئىغىز سۆزنى ئوشۇق دىسەم ئىغىزىڭنى بۇزۇپ ئۇراتتىڭ، ئۆي تۇتاي دىسەم سىنىڭ ۋە سەن كۈندە بىر يەڭگۈشلەپ باشلاپ كىرىۋاتقان كوچىدىكى قىزلارنىڭ سۈيىنى ئىسسىتىپ چارچىدىم.ئاجرىشىپ كىتەي دىسەم خاتا ھالدا بويۇمدا قالغان بالا ۋە سىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىڭنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىدىن قورقۇپ قىلىدىغان تەھدىتلىرىڭ...................سەن مىنى قويۇپ بىرىشتە مىنىڭ ھەممىدىن ۋاز كىچىپ چىقىشىمنىمۇ خالىمايتىڭ، پەقەت كۆز يۇمۇپ ھەممىنى ھەسسىلىپ ساڭا قالدۇرشۇمنىلا ئۈمىت قىلاتتىڭ، شۇڭا خارلايتىڭ، خورلايتىڭ..............
سەن ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ سىنىڭ قەست قىلىۋاتقىنىڭ مىنىڭ جىنىم؛ خوراۋاتقىنى مىنىڭ ھاياتىم؛ يالداما قىلىۋاتقىنىڭ ئەپسۇس؛ سوغا قىلغىنىڭ قورقۇش؛ زورلاپ تىڭىۋاتقىنىڭ پۇشمان؛ قەلبىمدە قالدۇرۋاتقىنىڭ نەپرەت؛ مەندىن تارتىۋالغىنىڭ كۈلكە؛ پۇچىلاۋاتقىنىڭ ئازاپ؛ خاراپ قىلىۋاتقىنىڭ روھىم؛ ئاددى قاراۋاتقىنىڭ بەختىم؛ خوشلىشىۋاتقىنىم ھاياتقا بولغان ئارزۇ -ئىشەچىم؛ يارا بولغىنى ساقايماس يۈرىگىم؛ كاپالىتى بولمىغىنى كىشىلىك ئەركىنلىگىم؛ دەپسەندە بولىۋاتقىنى غورۇرۇم؛ ھاقارەتلىنىۋاتقىنى ئىززەت-ئابرويۇم؛ يوقىتىۋاتقىنىم كىشىلىك قەدىر -قىممىتىم؛ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقىنى بىخەتەرلىگىم؛ بەربات بولىۋاتقىنى ئارزۇ ئارمىنىم بولدى.
ياخشى كۆرۈش مۇشۇمىدۇ بىلەلمىدىم،
سىنى سۆيۈپ بىر كۈن خۇشال كۈلەلمىدىم.
ئارام بەرمەي ئىتلار كەبى تالاپ ئۆتتۇڭ،
قۇتقۇزماڭلار توختاپ قالسۇن بۇ يۈرەگىم.
دىل يارامنى داۋالىماي تاتىلايتىڭ،
يىلتىزىمنى يەپ تۈگەتكەن قۇرۇت ئىدىڭ.
خىسلەت سەندە نىمە قىلسۇن ياۋۇز ئىنسان،
مىڭە نىرۋا بۇزۇقمىدۇ تورمۇزلىرىڭ.
يۈرەك يارا، بولۇپ قالدىم روھىي كىسەل،
ھاياتىمنى ئاھ جەۋرايىل قىلدى قامال.
بىرەي ئالغىن بولۇپ رازى كۆز يۇمارمەن،
سۆيگۈ ئىزلەپ ئىرىشلىنىم قارا ئەجەل.
ئەجەل بىلەن تارتاي سەندىن پىشىمنى مەن،
مىنى ئىزلەپ قەۋرەم بىشى چىقمىغايسەن.
ئوچۇق قالدى بالام تەنھا بولغاچ كۆزۈم،
قەدىرلىگىن ئۇ بولسىمۇ ئامان قالسۇن.
جەسىدىمنى دۇم قويۇڭلار تەقتىرۋاندا،
قىپ قالمىسۇن ئىچ باغرىمدا ئازاپ خۇنلا.
كۆتىرەشلىك دىگەنسەنمۇ ئازاپلىغا،
مەن كىتەرمەن قالدى ساڭا كەڭرى دۇنيا.