ھېكمەت
- ئۆزۈڭنى تۈزەت! شۇنداقتا ئادەملەر سەن ئۈچۇن تۈزىلىدۇ. ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
ئاقىل چىندىن باشقىنى دىمەس،بارچە چىننى ھەم دېمەك ئاقىل ئىشى ئەمەس.
ـــــ مەھبۇل قۇلۇپتىن
ئىخلاس ئىخلاس كۆرسە يوقىتۇشتۇر، كىم ئۆز ئىخلاسىدا ئىخلاسنى كورسە ئۇنىڭ ئىخلاسى ئىخلاسقا مۇھتاجدۇر.
ـــــ ئەسسۇسى
ئەڭ ئەۋزەل زېرەكلىك تەقۋادۇر،ئەڭ كاتتا ئەخمەقلىق گۇناھ قىلشتۇر، ئەڭ ئۇلۇغ راسچىلىق ئامانەتكە خىيانەت قىلماشلىقتۇر،ئەڭ پەس يالغانچىلىق ئامانەتكە خىيانەت قىلشتۇر.
ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
نەپسىگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغنى ئىخلاستۇر،چۇنكى ئۇنىڭدا نەپسىنىڭ نىسىۋىسى يوقتۇر.
ـــــ سەھىپ ئىبنى تۇستەرى
زالىم ۋە پاسىق كىشىلەر ئۇچۇن ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۇخلاشتۇر،چۇنكى ئۇ ئۇخلىغاندا ھەممە جىم بولىدۇ.
ــــ شەئىخ سەئىدى
ئاخىرى دەۋزاخ بولغان ياخشىلىق ياخشىلىق ئەمەس، ئاخىرى جەننەت بولغان يامانلىق يامانلىق ئەمەس.
ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
تىرىشچانلىق ھەرقانداق ئۇزاق يوللارنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ھەرقانداق يېپىق ئىشىكلەرنى ئاچىرىدۇ.
ــــ سەددىردىن شىررازى
دۇنيا زىننەتلىردىن بىر زىننەت ئىنسان قەلبىگە كىرىپ كىبىر پەيدا قىلسا، ئىنسان تاكى شۇ زىننەتنى تەرىك ئەتمىگۇچە، ئۇ ئىنسانغا ئاللاھ غەزىبى يېغىپ تۇرىدۇ.
ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
ھىكايەت
جارىيە ئىبنى قۇدامە سەدىى بىر كۈنى بەشىنچى ئەمىرۇل مۆمىنىن مۇۋائىيە رەدىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھۇزۇرۇغا كىردى،ئۇنىڭ ئالدىدا مىھمانلاردىن روم شاھىنىڭ ئۇچ ئەمەلدارى ئولتۇراتتى.
مۇۋائىيە جارىيە ئىبىنى قۇدامىگە :
ـــ سەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ بىلەن بىرگە ئەمەس ئىدىڭ!؟ دېدى
ـــ ئەلىنى ئۆز ھالىغا قوي! ئاللاھ ئۇنى مۇككەررەم قىلسۇن! بىز ئەلىنى ياخشى كۆرۈمىز ئەمما يامان كۆرگىنىمىز يوق، ئۇنىڭغا خەيرى-خا بولغاندىن سىرت كېيىن، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمىدۇق. ــ دەپ جاۋاپ قىلدى ئۇ.
ـــ ئۆلسەڭ ياخشى بولاتتى جارىيە !! ئۆز ئەھلىڭگە شۇنچىۋاللا خار بولدۇڭما!ئۇلار سېنى جارىيە
يەنى چۆرە (دىدەك،قۇل)دەپ ئاتىشىپتۇ.
ـــ ئەھلىگە قۇل بولغان كىشى سەنسەن، مۇۋائىيەنىڭ مەنىسىنى بىلمەسەن ؟ قانجۇق ئىت دېگەن مەنىدە!!شەۋھەتى قۇتراپ ئۆلىدۇ ،باشقا ئىتلارنى ھەم ئۆلتۇرىدۇ!
ئەمىرۇل مۆمىنىن بۇ گەپكە چىدىيالماي :ــ بوش قال ! ئەي يىتىم ! دەپ توۋلىدى
ـــ ئۆزۈڭ جىم بول! مېنىڭ ئانام بار! ئانام مېنى قىلىچ ئۇچۈن تۇققان!شۇ قىلچ بىلەن سەن بىلەن روبى-رو بولىمىز، سەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۇكۈم قىلىش شەرتىگە ساڭغا ئىتائەت قىلشقا ۋەدە بەرگەن بىز !ئەگەر بۇ شەرتكە ۋاپا قىلساڭ بىزمۇ ساڭغا ۋاپا قىلمىز،ئەگەر باش بالتاقلىق قىلسا، بىزنىڭ ئارىمىزدا ناھايىتى كۈچلۇك تەقۋا كىشلەر بار،ئۇلار سېنىڭ زۇلۇم قىلشىڭغا يول قويمايدۇ. دەپ جاۋاپ بەردى جارىيە
مۇۋائىيە يەنە ئاچچىقلاپ:
ـــ ئاللاھ ساڭغا ئوخشاشلارنى كۆپەيتمىسۇن !
جارىيە بۇنىڭغا جاۋابەن :
ـــ ئەي سەن !!!( ئەمىرۇل مۆمىنىن ھەم دېمىدى) توغرا گەپ قىل ! ھۆرمىتمىزنى ساقلا! بىزنى ئىدارا قىل ! چۈنكى ئەڭ يامان باشلىق زالىم باشلىقتۇر!!
جارىيە بۇ گەپلەرنى ئېيتىپ ئىزىن ھەم سورىماي مەجىلىستىن چىقىپ كەتتى.شۇندا ھېلىقى ئىككى روم ئەمەلدارى مۇۋائيەگە شۇنداق دېدى :ـــ بىزنىڭ پۇقرالاردىن بىرى شاھلارغا
مۇراجەت قىلماقچى بولسا شاھنىڭ تاپىنىغا باش قويۇدۇ ھەتتا شاھنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ ئاۋازى ئازراقلا يۇقىرى چىكەتسلا ئۇنىڭ بېشى تىنىدىن جۇدا بولىدۇ ياكى ئوتقا تاشلىنىدۇ، بۇ ئەرەپنىڭ سىزگە بۇنداق تەھدىد سېلىپ تەڭ-تەڭ تۇرۇپ ۋاقىراپ گەپ قىلشقا نىمە ئۈچۇن يول قويدىڭىز ؟؟؟
شۇندا مۇۋائيە كۈلۇپ تۇرۇپ:
ـــ مەن ھەقىقى ئەركەكلەرنى باشقۇرۇمەن، ئۇلار ھەق يولدا مالاماتچىنىڭ مالامەت قىلشىدىن قوقمايدۇ؛قوۋمىمىنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئەرەپكە ئوخشايدۇ،ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئاللاھتىن باشقىغا سەججىدە قىلدىغان بىرەر كىشى يوق،ئۇلارنىڭ ئارسىدا زۇلۇمغا ئىن دىمەي قاراپ تۇرىدىغان كىشى ھەم يوق، مەن ئۇلاردىن تەقۋادىن باشقا ھىچ نەرسىدە ئارتۇق بولامايمەن ، مەن ئۇ ئەرەپكە تىلىم بىلەن ئازار بەردىم، ئۇ بولسا ئىنساپ قىلدى، مەن بىرىنجى باشلدىم ، بىرىنىجى باشلىغۇچى ھەمىشە زالىمراق!!
بۇ ئىشنى كۆرۇپ ،رومنىڭ ئەملدارىدىن بىرسى ئۇزاققىچە ئويغا چۆمۇپ كەتتى ، مۇۋائيە بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدى ، ئۇ جاۋابەن:
ـــ شۇ كۈنگىچە بىز ئۆزۈمىزنى سىزلەر بىلەن باراۋەر سانايتۇق، ئەمما ھازىر بايىقى ئىشنى كۆرگەندىن كېيىن، بىر كۈن كېلىپ سىزلەرنىڭ ھاكىمىيتىڭىزنىڭ بىزلەرنىڭ زىمىنغا يىتىپ بېرىشىدىن قورقۇپ قالدىم...
** ئەسكەرتىش **
تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇ غۇچى ئۆزۇم
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ تارقاتقاندا يازما ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!
2013-7-25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھۆكۈما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 06:35 PM