|
|
|
|
دوختۇرخانىدىكى جىننىڭ ھېكايىسى (تەرجىمە ئەسەر)
كۆپچىلىككە بىر ھەقىقى بولغان بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بىري،ئۆتكەن بىر مەزگىلدە مۇمام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى،مەن ئاساسەن دىگۈدەك مومامغا كېچىسى قارايدىغان بولغاچقا،كۆپىنچە ھاللاردا مومام ئۇخلايىتتى،مەن بولسام ناھايىتى زىرىكەتتىم،شۇڭىلاشقا دائىم سىستىرالار نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە كىرۋېلىپ يېشى مەن بىلەن تەڭتۇش كىلىدىغان سىستىرالار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم،مەسىلەن مەن ئۇلارغا يۇمۇر سۆزلەپ ئۇلارنى كۈلدۈرۋېتەتتىم،ئۇلارمۇ ماڭا بەك قايىل بوپ كېتەتتى،يەنە كەچلىكى مومامغا قارايدىغان ۋاقىت بولدى،مومام ئۇخلاپ قالغاندىن كىيىن،مەن يەنە ئۇدۇللا سىستىرالار نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم،لىكىن ئىشىكتىن چىقىشىمغىلا بىر قىسما غەلىتىلىك ھېس قىلدىم،لىكىن سىستىرالار نۆۋەتچىلىك ئۆيىدىن چىقىۋاتقان چىراق يۇرقىغا قاراپ ئانچە ئېرەن قىپ كەتمىدىم،تېز-تېز مېڭىپ سېستىرالار نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە كىردىم،بۈگۈن پەقەت بىر سېستىرالا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتى(ئادەتتە بەزى سېستىرالار منىڭ يۇمۇرلىرىمنى ئاڭلاشقا ئامراق بولغاچقا كىيىنرە مېڭىشاتتى)ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن،قارىماققا مەندىن سەل چوڭراقتەك كۈرنىدىغان سېستىراغا‹ئاچا،سىز يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدىڭىزما؟ھەجەپ سىزنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەنغۇ؟›دېدىم،ئۇ سېستىرا ماڭا جاۋاپ بەرمەستىن ئاغزىنىڭ مىيقىدا كۈلۈپلا قويدى خالاس،مۇنداقلا كۈلگەن بولسىغۇ مەيلىتى،لىكىن نىمىشقىكىن مەن ئۆي ئىچىنى سوغۇقتەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم،ئادەتتىكى سوغۇق ئەمەس،مۇدھىش سوغۇق،سوغۇقنىڭ دەستىدىن پۈتۈن بەدىنىم دىررىدە تىترىدى. مەن بەلكىم ھاۋا تەڭشىگۈچنى بەك سوغۇق تەڭشىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئانچە ئېرە قىپ كەتمىدىم،‹ئاچا،مەن سىزگە جىنىنڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي،باشقا مەقسىېىم يوق›(بۇ سېستىرانىڭ بەدەن قۇرلۇشى بەك ئۆلچەملىك ئىدى)مەن ئۇنى تازا قورقۇتۇپ ئۇ قورقۇپ بۇلالمىغاندا ئۈزىنى منىڭ قۇچىقىمغا ئېتىشىنى ئويلىغانتىم،ھا ھا بۇنداق بولغاندا مەن بىكالىقلا ساھىپجامالنى قۇچاقلىۋالالايتتىم،لىكىن ئۇ يەنە مۇنداقلا كۈلۈپ قويدى،يكى ماقۇل دىمىدى،ياكى ياق دىمىدى،مەن دەرھاللا ھېكايەمنى بەشلىدىم،ناھايىتى كونا بىر جىننىڭ ھېكايىسى ئىدى. بىر دوختۇر لىفىتقا چىققان ۋاقتىدا ئۆزىمۇ بىلمەيلا ئەسلى دوختۇرخانىدى يوق بىر قەۋەتكە چىقىپ قاپتۇ،ئۇ قەۋەتتە يەنە بىر ئەر كىشى لىفىتقا چىقماقچى بوپتىكەن،دوختۇر ئۇنى كىرگۈزمەپتۇ،بۇ دوختۇر بىلەن بىللا لىفىتقا چىققان سېستىرا قىز ئۇنىڭدىن نىمىشقا باياتىنقى ئادەمنى لىفىتقا چىقارمىغانلىقىنى سوراپتۇ،ئۇ دوختۇر ناھايىتى مەغرۇر ھالدا ئۇ سېستىراغا‹چۈنكى ئۇ ئەرنىڭ قولىدا پەقەت بىزنىڭ دوختۇرخانىدىلا ئۆلگەنلەنىڭ قۇلىغا باغلاپ قۇيىدىغان قىزىل يىپ باكەن،شۇڭىلاشقا.......›دوختۇرنىڭ گېپى تۈگىمەستىن ھېلىقى سېستىرا ئۈزىنىڭ قۇلىنى ئاستا كۈتۈرۈپ‹مۇشۇنداق قىزىل يىپمۇ؟›دەپتۇ.ھېكايە قىسقا بولغاچقا ھېكايىنى تىزلا سۆزلەپ بولدۇم. ھېكايىنى سۆزلەپ بۇلۇپ قارىسام ئۇ سېستىرا مەن ئويلىغاندەك قورىققىنىدىن ئۆزىنى مىنىڭ قوينىۇمغا ئاتماي مىنى بەك ئۈمۈدسىزلەندۈدى،مەن كۆڭلۈمدە‹ھەي،بۈگۈن ھەجەپ قاپتۈرەك قىز بالىغا يولۇقۇپتىمەن دېسە،مەغلۇب بولدۇم،خەپ كېيىنكى قېتىم تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق ھېكايىدىن بىرنى ئوقۇپ سۆزلەپ بەرمىسەم›ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ سېستىرانىڭ يۈزىدە مۇدھىش كۈلكە پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى،ئاخىرى ئۇ گەپ قىلدى‹سىز بىزنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلۈكلەرنى قانداق خاتىرلەيدىغانلىقنى بىلەمسىز؟مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلۈكلەرنىڭ قۇلىغا بىر بەلگە ئۇرۇپ قۇيىدۇ›دېگىنىچە قۇلىنى كۆز ئالدىمغا ئەكەلدى،ئەمدى ئازراق ئىسىمنى بىلگىنىمدە بولسا،بېشىمنىڭ ئازراق قېيىۋاتقانلىقنى ھېس قىلدىم،مەن بايتىن نىمىش قىلدىم ؟؟؟مەن جىنغا جىننىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدىمما!!!!!!ئاھ...كۆزئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم،ئىككىنجى كۈنى ھۇشۇمغا كېلىپ ئۆزەمنىڭ دوختۇرخانا كارۋىتىدا ياتقانلىقىمنى سەزدىم،ئاخشامقى ئىشنى ئويلىسام،پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك بېسىپ كەتتى،كىيىن مەن شۇ كۈنى كەچلىكى ئۈزەمنىڭ شۇ كۈنكى نۆۋەتچى سېستىرا بىلەن نۆۋەتچىلىك ئۆيىدە ھۇشۇمدىن كەتكەنلىكىمنى بىلدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى كەچلىكى دوختۇرخانىدىن بىر ئايالنىڭ جەسىدىنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم،ئۇ جەسەت ھازىرغىچە تېپىلماپتۇ. تەرجىمە قىلغۇچى:نۇرنىسە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرنىسە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 06:17 PM
|
|
|
|
|
|