|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، كەمىنە يۈسۈپقارىدىن تورداشلارغا سالام . ئۇزۇن بوپتىكەن ، توردا تېما يوللىمىغىلى ، بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ كۈنلەردە ئاجايىپلا بىر تېمىنى يوللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم ، تېمامنىڭ باش تېمىسى ئاياق ، توغرا بىز كۈندە پۇتىمىزغا كىيىپ ماڭىدىغان ئاياق . چوڭمۇ كىچىكمۇ ، قىرىمۇ ياشمۇ ، مۇسۇلمانمۇ ياكى باشقا دىندىكىلەرمۇ 365 كۈن كىيىۋالىدىغان ئاياق .
ئاياقنىڭ خۇرۇمدىن ئىشلىنىدىغانلىقىنى (قىممەترەك ئاياقلار) ھەممىمىز بىلىمىز ، ئادەتتە ئاياقلار كالا خۇرۇمىدىن تىكىلىدۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ئىچىگە قايسى ھايۋاننىڭ خۇرۇمى ئىشلىتىلىدىغاندۇ ؟ مەنمۇ بۇرۇن پەقەت دىققەت قىلماپتىكەنمەن . بۈگۈن توردىن ھىيىتلىق ئاياق سىتىۋالاي دەپ ئاختۇرۇپ يۈرۈپ تۇيۇقسىز مۇنداق بىر ئەھۋالىنى بايقاپ قالدىم . ئاۋاۋال بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ بىقىڭ :
بۇ ئاياقلار مەن تاۋباۋ تورىنىڭ داڭلىق ماركىلق ئاياقلارنى مەخسۇس سېتىش دوكانلىرىدىن ئالماقچى بولغان ئاياقلار ئىدى ، لىكىن بۇ ئاياقلارنىڭ ئىچىدىكى خۇرۇمغا چوشقا خۇرۇمى ئىشلىتىدىغانلىقىغا پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن ، تاساددىي بايقاپ قالدىم .
ئەلۋەتتە ئاياققىمۇ مۇسۇلمانچە دەپ بەلگە چاپلاش بىمەنە بىر ئىش ، لىكىن مۇشۇنداق ماتىرىياللار ئىشلىتىلگەن ئاياقلارنى كىيسەك توغرا بولامدۇ يۇق ؟ يۇقىرىدىكى مەن رەسىمىنى ئەۋەتكەن ئاياقلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ماركىلىق ئاياقلار مەسلەن ، قىزىل يىڭناغۇچ ، تۆگە ، بەي لى قاتارلىق ماركىدا ، باھاسىمۇ 300 يۈەندىن تۆۋەن ئەمەس . ئۇلارمۇ بارلىق ئىشلەتكەن ماتىرىياللارنى تولۇق يىزىپتۇ ، لىكىن مەن 100 يۈەندىن تۆۋەن ئاياقلارنى كۆرۈپ باقىتىم ، ھىچقايسىىدا نىمە ئىشلەتكىنى ئىنىق يىزىلمىغان ، پەقەت خۇرۇم دىيىلگەن ، نىمىنىڭ خۇرۇمى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمىگەن . مەن بۇرۇن مۇشۇ ماركىدىكى ئاياقلارنى كۆپ قىېتىم سىتىېۋالغان ، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسىما بولۇپ قالدى ؟ سىلەرچە بۇنداق ئاياقلارنى كىيگىلى بولارمۇ ؟
سەمىمىي ئەسكەرتىش : ئاياق سودىگەرلىرىنىڭ قانداق خۇرۇمدا ئاياق تىكىشى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى . ئاياقنى مۇسۇلمانچە ياكى ئەمەس دەپ ئايرىشمۇ ئەخمىقانە ئىش ، شۇڭا تورداشلار چىچىلماي ، تىرىكمەي ، بۇنى مەلۇم بىر مىللەتكە باغلىۋالماي ، ئىلىمىي مۇھاكىمە قىلىپ بىقىشىنى سورايمەن ، شۇ بانىدا مەنمۇ بىلىپ قالاي بۇنداق ئاياقنى كىيىشكچە بۇلامدۇ يۇق .
مەنبە : تاۋباۋ تورىنىڭ تيەنماۋ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات بازىرى .
|
|
|
|
|
|