مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2064|ئىنكاس: 0

مىسىرنىڭ كۈرىشى ۋە ھالقىشى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26533
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7817 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 03:10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسىرنىڭ كۈرىشى ۋە ھالقىشى


ئاپتورى: تونىي بلايىر (ئەنگلىيە)


تەرجىمىدە: نەپرەت 2009


photo_1374662358243-1-HD.jpg




بىر قاتار ۋەقەلەر مىسىر ئارمىيىسىنىڭ پرېزىدېنت مۇھەممەد مورسىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئارمىيەمۇ بۇ سەۋەبلىك يا ئارىلىشىش يا مالىمانچىلىقتىن ئىبارەت قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. 17 مىليون ئادەم كوچىلارغا چىقىپ سايلام بىلەن يىراقلىشىپ كەتتى. ئەمما بۇ سەۋەبلىك كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى كەلتۈرۈدىغان ئاۋام كۈچىنى نامايان قىلدى.


مورسى رەھبەرلىك قىلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئۆكتىچىلىكتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە بولۇش ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى تاماملىيالمىدى. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى بەزىدە كۈچلۈك بەزىدە ئاجىز بولىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى ئەھۋال سەل ئوخشىمايدۇ. مىسىرنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇپ بولماقتا. ئەنئەنىۋى مەنىدىكى قانۇن ۋە تەرتىپ ئاساسەن يوقالدى. مۇلازىمەتنىمۇ نورمال قىلىشقا ئامال بولمىدى.


ئىچكى كابىنېتتىكى ھەر مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرىمۇ بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشتى. مەن نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ساياھەت مىنىستىرىنى كۆرگەن، مېنىڭچە ئۇ ناھايىتى قالتىس، ساياھەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئەمما ئۇ قىسقىغىنا نەچچە كۈندىن كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى، چۈنكى مورسى چۈشىنىكسىز ھالدا 1997-يىلدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇم بىر ئادەمنى مۇھىم ساياھەت ئورنى لۇكسور ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى، 1997-يىلدىكى ھۇجۇم مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تېرورلۇق ھۇجۇمى، لۇكسور ئۆلكىسىدە 60 نەچچە ساياھەتچى بۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.


ھازىر ئارمىيە كىچىككىنە لېكىن قىيىن ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە: دۆلەتنىڭ قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە دېموكراتىك تۈزۈمنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. بىز چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما مۈشكۈل، ھەتتا قارشى ئېلىنمايدىغان قارار چىقىرىشتىن دېرەك بەرگەن تەقدىردىمۇ، چوقۇم بىرى چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك. بۇ بىر قاتتىق مۈشكۈل ۋەزىپە.


مىسىر ۋەزىيىتى دېموكراتىيە، نامايىش ۋە ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىسى ئارىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىرنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئوخشاش مىساللار باشقا دۆلەتلەردىمۇ خېلى كۆپ.


دېموكراتىيە كىمنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچى بولىشىنى چوقۇم جەزىملەشتۈرۈشى كېرەك، تەدبىر بەلگىلەش ۋەزىپىسىنى چات كىرىۋالغاندەك تاماملىماسلىقى كېرەك. 2011-يىلى پرېزىدېنت مۇبارەك ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مىسىر ياشلىرى بىلەن سۆزلەشكىنىم ھېلىمۇ يادىمدا. ئۇلار دېموكراتىيە بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ شىپالىق دورىسى دەپ قارايدىكەن. مەن مىسىرنىڭ قانداقراق ئىقتىسادىي سىياسەت يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇلار پەقەت دېموكراتىيە بولسىلا، بارلىق ئىشلارنىڭ ياخشى تەرەپكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئىقتىسادىي سىياسەتكە ئالاقىدار بەزى قاراشلارمۇ ئازراقلا ئۈنۈمى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەسلىدىكى سىياسەت ئەندىزىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمىدى.


مەن دېموكراتىيەنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى. ئەمما دېموكراتىيەنىڭ ئۆزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۈنۈملا ئاندىن ھەقىقىي خىرىس. ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقى ئاممىنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر كېلەركى قېتىملىق سايلامدا ئاندىن ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى ساقلاپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۈركىيە بىلەن برازىلىيەدەك تىرىك مىسال سۇبيېكتىپ ئۆلچەم بىلەن دۆلەتنىڭ ئاللاقاچان غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى دەڭسىگەن تەغدىردىمۇ، ئامما يەنىلا ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدە بولۇشى مۇمكىن.


ئەمما دۆلەتنىڭ تۆۋەن كىرىملىكتىن ئوتتۇرا سەۋىيىلىك كىرىمگە ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۈتۈلمە قىممىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ. ئۇلار تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتىكى مۇلازىمەتكە، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئاساسىي ئەسلىھە (بولۇپمۇ قاتناش ئاساسىي ئەسلىھەسى) ۋە تۇرالغۇ ئۆيگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. مۇبادا ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئازراق ئىسپات بولسىلا، ئۇلار غەزەپلىنىپ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ.


بۇ سايلام ھۆكۈمەتنى بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان ئەركىن دېموكراتىك روھ. ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي مېدىيەلەرنىڭ (ئۆزىمۇ بىر ئىنقىلابىي ھادىسە) تۈرتكىسىگە زور دەرىجىدە ئۇچرىدى. ئىنتايىن تېزلىكتە كىرىزىسنىڭ شەكلىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


بۇ خىل روھ ھەمىشە ئۈزلۈكسىزلىك ياكى ئېدراكلىق قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ئېتىراز بىلدۈرۈش سىياسەت ئەمەس، شوئار پىلاكاتلىرىمۇ ھۆكۈمەت تۈرى ئەمەس. ئەگەر ھۆكۈمەت ئېنىق كۆز قاراش ئارقىلىق ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرگە رەددىيە بېرەلمىسە قىيىنچىلىققا پېتىپ قالىدۇ.


مىسىردا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشى ۋە گۇرۇھۋازلىق قىلىشى ھۆكۈمەتنىڭ كىرىزىسىنى كەسكىنلەشتۈردى. كىشىلەر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا  تاڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.


ئوتتۇرا شەرق رايونىدا دىننىڭ سىياسىي تۇرمۇشتا ئوينايدىغان رولىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا بەس-مۇنازىرە قىلدى. گەرچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىنىشى ئىنتايىن قاتتىق بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم رايونلاردىكى كۆپ قىسىم ئامما يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن دەھرىيلىشىشىنى قوللايدۇ.


دىنىي پائالىيەت جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرسە بولىدۇ، ئەمما كىشىلەر دېموكراتىيەنىڭ كۆپ قىرلىق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، ئوخشىمىغان ئېتىقادلارنى باراۋەر ھۆرمەت قىلىش كېرەك ھەمدە دىنىي مەسىلىدە پىكىر بايان قلىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك، بىر بېلەت بىلەنلا ئىنكار قىلىۋەتسە بولمايدۇ. مىسىردە غايەت زور ھەمدە كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتكە نىسبەتەن، تەخمىنەن 8 مىليون خرىستىئان ۋە ياشلار سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئوتتۇرا شەرق خەلىپە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش بۇ ئىسلام دۆلىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كەلگۈسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئۇنداقتا ، غەرب دۆلەتلىرى قانداق قىلىشى كېرەك؟ مىسىر كىرىزىسى بىزگە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ يەنىلا داۋالغۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئارزۇ-ئۈمىد مەيلى قانچە جىددىي بولسۇن، مىسىر مەسىلىسى باشتىن-ئاخىر مەجۇت بولماقتا. چۈنكى ھازىرقى ھالەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك بولغاچقا، قويۇۋېتىپ كارى بولماسلىق تاللاش ئەمەس. باشقا چىقمايدىغان تەدبىرلەرنىڭ ئۆزىلا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.


غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىمۇ مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ يىمىرىلىشقا قاراپ مېڭىشىنى سىغدۇرالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار چوقۇم يېڭى ئەمەلىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ساقلاپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ساھەدە زۆرۈر ئىسلاھات قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا مىسىر لايىھىلىگەن بېلەت تاشلاش شەكلىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى بولىدۇ.


مەزكۇر رايوندىكى باشقا شەكىللەرمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج. سۇرىيەنىڭ ئەڭ ناچار ئەھۋالىنى ئەسلا قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ: مۇنداقچە ئېيتقاندا دۆلەت پارچىلىنىشقا پېتىپ قالغاندىمۇ، شەرىقى قىسىمى نامرات سۈننىي مەزھىپى دۆلىتى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بولمسا دۆلەت بايلىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. مۇبادا مۇنداق ئەھۋال راستىنلا يۈز بەرسە، لىۋان تەلتۆكۈس مالىمانچىلىققا پېتىپ قالىدۇ، ئىراق ۋەزىيىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يامانلىشىدۇ، ئىئوردانىيە تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا ئۇچرايدۇ (پەقەت ھۈسەيىن پادىشاھنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قەيسەر رەھبەرلىكى بولغاندىلا ئاندىن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ). لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئىران سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئاسادنىڭ ئېىشپ قالغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رايونلىرىنى بەلگىلەيدۇ.


ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە، يېڭى پرېزىدېنت ھەسەن روھانىي ئېھتىمال يادرو قارا نىيىتى مەسىلىسىدە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم پۈتۈشنى خالىشى مۇمكىن، ئېھتىمال خالىماسلىقىمۇ مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئىران ئايەتۇللاھسى ھامىنىي ئەڭ ئاخىرقى ھوقۇقنى يەنىلا قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. يادرو بىلەن قوراللانغان ئىراننى شەك-شۈبھىسىزكى دۇنيادا قوبۇل قىلالمايدۇ. لېكىن لىۋىيە، يەمەن ياكى پاكىستان دۇچ كەلگەن خىرىس ھەمدە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا نۆۋەتتە يامراۋاتقان ئاشقۇنلۇق ۋاباسى بۇ قاتاردا ئەمەس.


غەربنىڭ مەنپەئەتى بىزنىڭ داۋاملىق قاتنىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز چوقۇم ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىسىدىن تەدبىر بەلگىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى قىسقا مەزگىللىك ھەل قىلىش لاھىيىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون كېرىينىڭ نۆۋەتتىكى ئېھتىياتچانلىقى ھەمدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيىسىنى يېڭى ئۈلگە دەپ قاراشقا بولىدۇ: ئەگەر مۇھىم بولسىلا قانچىلىق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر ھەرىكەت قوللىنىدۇ.


ئوتتۇرا شەرق رايونى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇرۇلۇش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ ۋەزىپە مۈشكۈل، ۋاقىت كېتىدىغان ھەمدە بەدىلى ئېغىر. غەربتە نۇرغۇن كىشىلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما بىز مەسئۇلىيەتتىن قاچساق بولمايدۇ. بۇ كۈرەش بارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. ياخشى خەۋەر بولسا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نەچچە مىليون كۆزى ئېچىلغان ھەمدە زامانىۋىلاشقان ئامما بار. ئۇلار بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇيۇشۇپ دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەتلىنىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت بەدەل تۆلەشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلىشى كېرەك.


مەنبە: ئوكيان تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 03:11 PM  


ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
815MUJAHIDA + 10 قانداق قىلساق بۇلا؟ھە.
nurchi01 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
yusup823 + 10 مۇشۇ تېمىمۇ تاقالدىما.
xaytan520 + 10 ۋاي ماۋۇ مىسرانىمنى ك.
بانكىر + 10 مۇشۇ تىمىنى تاقىدىما؟
DUL + 10 چۈشۈپ كىتىپ ياخشى بۇل.
altun + 100 ئادالەتسىز دۇنيا
abdulahad + 10 غەرىپ ئەللىرى ئارلاشس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 170   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش