مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2281|ئىنكاس: 18

( دولان ) يېزا كادىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 01:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېزا كادىرىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟

لى چاڭپىڭ

دولان تەرجىمىسى

« بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە» تۈزۈمىنىڭ يامرىشى، يېزا كادىرلىرىنى پەقەت ئېغىزىدا « ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىنئىزدەيدىغان »، ئەمەلىيەتتە « يۇقۇرىنى ئالداپ، تۆۋەننى بېسىش » نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر توپ « غەلىتە ئادەم »گە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.

  يېقىندا يۈزبەرگەن ئىككى نەپەر يېزا كادىرىنىڭ « بىنورمال » ھەركىتى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنى تارتتى.

  بىرى سىچۇەن ئۆلكىسى لۈجوۋ شەھرىدىكى 28 ياشلىق جاۋ مۇئاۋىن بازار باشلىقى، ئۇ ئېستىپانامىسىدە،ئېستىپا بىرىش سەۋەبىنى خىزمەت بېسىمى ئېغىر، كېرىم تۆۋەن، خىزمەت مىنىڭ كىشىلىك ئىزدىنىشىمدىن يىراقلاپ كەتتى، ھەر يىلى 4 ئاي ئەتراپىدا مۇقۇملىقنى ئىشلىسەك،پەقەت 4 ئايلا « رەسمىي ئىشلەيدىكەنمىز » دېگەن.

  يەنە بىرى فۇجىيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھىرى شىنلو رايونى داچى بازىرىنىڭ 25 ياشلىق مۇئاۋىن بازار باشلىقى شاۋجېڭ، ئىشخانىسىدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان، ئۇ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدە« خىزمەت بېسىمى » ۋە « جەمئىيەتنىڭ تاشلىۋېتىشى » دىگەنلەرنى يازغان.

  نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككى نەپەر ياش مۇئاۋىن بازار باشلىقىنىڭ قىلمىشىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ،بىراق مەن ھەيران قالمايمەن، چۈنكى 17 يىللىق يېزا خىزمىتى جەريانىدا پېقىرمۇ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋېلىش نىيىتىدە بولغان، ئاخىرى ئىستېپا بېرىپ قۇتۇلغان ئىدىم.

  مېنىڭچەمۇتلەق كۆپقىسىم يېزا كادىرى ئاجىز توپ ھىساپلىنىدۇ، بۇنىڭغا كۆپقىسىم كىشىلەر قوشۇلماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئەمىلىيەت شۇنداق.

شەھەر-بازار تۈزۈلمىسىدىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەتتە، يېزا-بازاركادىرلىرى تۈزۈلمىنىڭ ئەڭ ئاستى بولغاچقا، ھەرخىل مەسىلە ۋە زىددىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش بىلەن بىرگە تۈزۈلمىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە مۇتلەق بويسۇنۇپ، تۈزۈلمىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغان كادىرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشى ۋە خىيال قىلىشى بىھاجەت « يوقىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئۆلۈپ-تىرىلىشىگە باقماي » ئىشلىسىلا بولدى. ياش سىتۇدېنتلار ئاساسىي قاتلامداخىزمەت قىلغاندا ئەگەر « « قابىلىيتى » يېتەرلىك بولمىسا، چوقۇم كۆپرەك « رىيازەت» چىكىشكە توغرا كېلىدۇ.

  يېقىنقى ئون نەچچىيىلدىن بۇيان، تۈزۈلمىنىڭ ئاساسىي نىشانى تۆۋەن قاتلامنى « ئۈنۈملىك » باشقۇرىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان « بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » تۇزىمى مەيدانغا چىقتى. پىلانلىق تۇغۇتنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، جەمئىيەتئامانلىقنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكارقىلىش، بىخەتەرلىك ھادىسسىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش.....ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سان-ساناقسىز« بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈن، ئارام ئالماي يالغان سان، يالغان تىپ، يالغان دوكلات تەييارلاپ يۇقىرىنى ئالداش دائىملىق ئەھۋال بوپقالدى. پىلانلىق تۇغۇتنى ئالساق، پىلانلىق تۇغۇتتىكى «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » تىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەزى جايلاردىكى يېزا-بازارلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىدارە ۋە شەخىسلەر يالغانچىلىقتىن خالىي بۇلالماي، ساختا تۇغۇت نىسبىتى، ساختا ئەر-ئايال نىسبىتى، ساختا پىلانلىق تۇغۇت جىرىمانە تالۇنى.....دىگەنلەرنى ياساپ چىقتى، مەيلى پىلانلىق تۇغۇت بولسۇن، مەيلى ئەرزىيەت بولسۇن، ئىشقىلىپ ھەممە خىزمەت ئاساسەن ساختىلىقتىن خالىي بولالمىدى.

  « بىر ئاۋازبىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » تۈزۈمىنىڭ يامرىشى، يېزا كادىرلىرىنى ئېغىزىدا « ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان »، ئەمەلىيەتتە « يوقىرىنى ئالداپ،تۆۋەننى بېسىش » نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر توپ « غەلىتە ئادەم »گە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، پەقەت « شۇ قازاندا قاينىغانلار » بىلىدۇ « شۇ قازانداقاينىمىغانلار » بۇنى ھىسقىلىپ يېتەلمەيدۇ.

  ئۇندىن باشقا يېقىنقى ئون نەچچىيىلدا، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە كادىر چۈشۈرۈش ئومۇميۈزلىك ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئارقا كۆرۇنىشى بولمىغان كادىرنىڭ ئۆسمىكى تەس بولدى، 90-يىللاردىن بۇيان كادىرنى ياشلاشتۇرۇشنىڭ تۈزۈملىشىشى، ئىچكى قىسىمدايېزا-بازار كادىرى 30 ياشتىن بۇرۇن پارتكۇم شۇجىسى، يېزا باشلىقلىق ئورنىغاچىقالمايدىغان، بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ ئۆسۈش پۇرسىتى بولمايدىغان غەلىتە بىرخىل ھالەت شەكىللىنىپ، كۆپ ئېجىر قىلىپ ئازنەپكە ئېرىشىش، جەمئىيەتنىڭ ئادىل باھاسىغائېرىشەلمەسلىك، نۇرغۇن يېزا كادىرىنىڭ ئاجىزلىقىغا سەۋەب بولۇپلا قالماي بەلكى كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوققا چىقاردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئازبىرقېسمىنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى ھەيرانقالغۇچىلىكى يوق ئىش بوپقالدى.

يېزا-بازار كادىرىنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى گەرچە ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ، بىراق ئەكىسئەتكەن تۈزۈلمە مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەرگىزسەلچاغلاشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى،تۈرمە ئەمەس، بۇ جايدا ئۆزگىرىش بولسا يەر جاھان تەۋرەپ كىتىدۇ. كەمىنە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قورۇلۇشىدا ئەڭ ئاساسلىق ئىككى نۇقتا بار دەپ قارايمەن.

  بىرىنچىسى يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش كېرەك.90-يىللاردىن بۇيانقى ئىسلاھاتتا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە يۇكسەك مەركەزلەشتۈرۈشى بىلەن يېزا-بازارلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىنىڭ ئاجىز ھالقىسى بوپقالدى،يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىلگەن ئورگانلار ھوقۇقى پارچىلىۋەتتى، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت ئۆز تەۋەسىدە يۈزبەرگەن ھەرقانداق مەسىلىنى ھەلقىلىشقا ھوقۇقى يەتمەي، بارلىق مەسىلىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى ھۆكۈمەت ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى ئورگان ھەلقىلدىغان ئەھۋال كەپچىقتى.مەسىلەن يىمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت بىخەتەرلىكى، يەر ماجراسى،مۇئاشىنى نىسى قالدۇرۇش...دىگەندەك ئىشلار. كەمىنە 1985-يىلى يېزا-بازارلىق پارتكۇم شۇجىسى بولغاندا، يېزىدا يۈزبەرگەن بارلىق زىددىيەتنى ئۆزلىرى ھەلقىلاتتى،دېھقانلارمۇ يوقۇرىغا ئەرز قىلمايتتى؛ كەمىنە 2000-يىلى 4-قېتىم يېزا-بازارلىق پارتكۇم شۇجىسى بولغاندا، يېزىدا يۇزبەرگەن بارلىق زىددىيەتنى چوقۇم يېزىدىن يوقىرى ھۆكۈمەتنى ياكى ئورگاننى ئىزدەپ ھەلقىلىشقا توغرا كەلدى، ھەقىقى ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە قارىتا يوقىرىغائەرز قىلسا « بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » نى يولغا قويۇشى، بىرخىل قورۇلماخارەكتىرلىك زىددىيەت پەيدا قىلدى.

ئىككىنچىسى كەنت قورۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ دېمۇكراتىيەتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سورۇش لازىم. 90-يىللاردىن بۇيان مۇتلەق كۆپقىسىم كەنتلەرنىڭ ئومۇمى بىرلىكى پەيدىنپەي يىمىرىلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئىسمى بار جىسمى يوق ھالەتكە كەپقالدى، بۇنىڭ بىلەن يېزىلاردىكى ھەرخىل مەسىلە ۋە زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، يوقىرىغا ئەرزقىلىش توختىماي، يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر ئامالسىز قالدى.

  بىراق ئومۇم بىرلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ئازساندىكى كەنتلەر، « مۈلۈك ھوقۇقى، مالىيەھوقۇقى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقى » نى نىسپىي ساقلاپ قالغان بولۇپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كەنت قورۇلۇشى ۋە كەنتنى ئىدارە قىلىش » دىن ئىبارەت ئۈچخىل فۇنكىتسىيەسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كەنتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىساد، سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكىلوگىيە قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېمۇگىراتىك ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۇكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، بۇ كەنتلەرنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، پىلانلىق تۇغۇت، مۇھىت ئاسراش، ئامانلىق قاتارلىق چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ئاساسەن يېزىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىھاجەت بولۇپ،زىددىيەتنى ئۆزلىرى ھەلقىلغاچقا دېھقانلار يوقىرىغا ئەرز قىلمىغان. ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى كەنتلەرنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدەجەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈنۈملىك ۋاستە، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى ۋەتەرەققىياتىنىڭ ئۇلتېشى.


مەنبە:

http://www.21ccom.net/articles/zgyj/dfzl/article_2013072488298.html



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 01:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 05:48:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەن قاتلام كادىرلىرى ئاجىز توپ بولسا دېھقانلارچۇ؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 06:31:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 05:48 PM
تۆۋەن قاتلام كادىرلىرى ئاجىز توپ بولسا دېھقانلارچۇ؟

ئۇنىڭدىنمۇ ئاجىزمىكى؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96275
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 06:44:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ يېزا كادىرى بۇندان بېسىملار جىق جۇمۇ ۋۇييەي   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95995
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 06:59:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالاپەت يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 06:44 PM
مەنمۇ يېزا كادىرى بۇندان بېسىملار جىق جۇمۇ ۋۇييەي

مانداق دەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95628
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1084
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 07:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىلانلىق تۇغۇتنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، جەمئىيەتئامانلىقنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكارقىلىش، بىخەتەرلىك ھادىسسىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش.....قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈملەر ئاساسى قاتلامدىكى كادىرلارنى  مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ،مەسئۇلىيەتنى  توۋەنگە ئىتتىردىغان. يۇقۇرغا يالغان مەلۇمات يوللايدىغان  ئەھۋاللارنى سادىر قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
كىمنىڭمۇ    بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇسى بار؟
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق  نۇرغۇن ئورۇنلار خىزمەتنى ، ئئىشلاپچىقىرىشنى، ئوقۇتىشنى توختۇتۇپ قويۇشقا رازىكى  مۇقۇملۇق ،بىخەتەرلىك .پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىدە مەسىلە چىقىشنى خالىمايدۇ.

سەن ئادەم ئارقىلىق ھەقنى ئەمەس،ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ !

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44541
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15770 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 07:37:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 05:48 PM
تۆۋەن قاتلام كادىرلىرى ئاجىز توپ بولسا دېھقانلارچۇ؟

تۆۋەن قاتلام يىزا ۋە كەنىت كادىرلىرنى كىم ئاجىز دەيدۇ ؟! ئاددى مىسال : بىزنىڭ كەنىتنىڭ بوغالتىر كاسسىر كەنىتكە كادىر بولۇپ كىرگىلى بىر نەچچە يىل بولا بولمايلا ، تۇققانلىرغا تاكسى ، 10 نەچچە يەدە قورۇ - ئۆي خۇددى دامىگىراتتا كۆتۇرگەندەكلا كۆتۈرلىپ كەتتى . كەنىت كادىرى بولىمەن دەپ مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم گۆھەردەك ھۈنىرنى تاشلاپ نەچچە پۇل خەجلەپ دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرسىنىڭ يۆلەپ قوپىرىشى دەمدۇ بىر ئامال بىلەن كەنىتكە ئامانلىق مۇدىرى دىگەن مەنسەپكە ئولتۇرۇپتۇ .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95676
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 453
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 01:47:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پانتۈرك يوللىغان ۋاقتى  2013-7-26 01:04 AM
دۆۋلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى بىلەن ھازىرقى مەۋجۇت سىياسىتى ...

راس  دەيسىز   ھازىرقى  كادىرلار  دىھقانلارنىڭ   باي  بولشىنى  خالىمايدۇ  چۇنكى  دىھقانلار   باي بولسا   ئۇلار نىڭ   گىپىنى   ئاڭلىمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91419
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-2-9
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 04:20:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋەن قاتلام كادىرلىرى ئاجىز توپ بولسا دېھقانلارچۇ؟

------------------------------
بەلكىم دېھقانلارنىڭ ئاجىزلىقىغا ھېچ نەرسە تەڭ كەلمەيدۇ دەمەكچىمىكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94924
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 11:37:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزا كادىرلىرى ھەقىقەتەن جاپاكەش،نۇرغۇن ئىشلار ئامالسىز بىجا بۇلدىغان گەپ.ئۇلارنىڭمۇ ھالىغا يەتكۈلۈك -تە،يېزىدىكى ئادەتتىكى كادىرلار پەقەت ئىشلەشنى،جاپا چىكىشنى بىلىدۇ،رەھبىرى كادىرلار بۇنىڭ ئەكسىچە،يېزا كادىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك تازا توغرا بولمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش