نىيوتۇننىڭ چىلەك تەجىربىسى ۋە مۆتلەق ماكان
قاسىم سىدىق
ماتىرياللاردىن مەلۆم بولىشىچە،نىيوتۇن سۇ چىلىكى تەجىربىسنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق ماكان،مۇتلەق ھەركەت ئىدىيىسىنىڭ تەجىربە ئاساسى دەپ قارىغان .ھالبۇكى، ئىرنېسىت .ماخ ماددا ھەركىتى يەنە باشقا ماددىلارنىڭ ھەركىتىگە نىسبى بولىدۇ،مۇتلەق ماكان ۋە مۇتلەق ھەركەت مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارىغان.ئېينىشتېيىن ماخنىڭ بۇ قارىشىنى ۋە ئارىستوتىلنىڭ "ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس"دىگەن ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ نەزەريىسىگە پەلسەپەۋى ئاساس قىلىۋالغان.
ئۆتمۆش قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،ھازىر ،نىيوتۇن مۇتلەقلىق ئىدىيىسى شۇنداقلا ماخ ھەم ئېينىشتىنچە نىسبىلىك ئىدىيىسى ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك ئازبولمىغان پاكىت ۋە قاراشلار مەيدانغا كەلدى،ئۇلار:
1.كۋانىتلىقنىڭ ئومۇمىيۆزلۆكلىگى.
2.ئالەمدە
غايەت زور ۋاكىئۇم ھالەتنىڭ مەۋجۈتلىگى.
3.غەيرى نۇقتا،چوڭ پارتىلاش،كېڭىيىۋاتقان ئالەم.ئالەم نەگە كېڭىيىدۇمەسىلىسى؟.
4.شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان،شەكىل بىلەن ئارقا كۆرۆنۈشنىڭ مۇناسىۋىتى،
ئاق قەغەز مودىلى.بىر پۆتۆن چەكلىك شارسىمان بولغان ئېينىشتىن ئالىمى ۋە ئونىڭ ھەركىتىنى پەقەت بۇ ئالەمنىڭ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ئارقا كۇرۇنۆشكە -نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكانغىلا نىسبەتەن مەۋجۆت ۋە ھەركەت قىلىدۇ دىيەلەيمىز.
5.ئېينىشتېيىن "يۇروقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"دامۇتلەق بولغان نىيوتۇنچە ھەقىقى بوشلۇقنى پايدىلىنىش سىستېمىسى قىلغان.مۇبادا ئېينىشتېيىن ھەققى بوشلۇق-نىيوتۇنچە ماكاندىن ھەقىقەتەن ۋازكەچكەن بولسا ئۇزىنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنىمۇ تۇرغۇزالمايتى.چۈنكى يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى تارۋە كەڭ مەنىلىك ھەر ئىككى نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسى.
6.شەكىل نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلىنغان "
مۇتلەق ھەجىم"ئىدىيىسى.ئالەمدىكى ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ ھەجىمى مۇتلەق تۇراقلىق بولىدۇ ،دىگەن بۇ ئىدىيە پۇت تىرەپ تورغان ئەھۋالدا،مۇتلەق ماكان،مۇتلەق ھەركەتنى ئېلىپ كىرمەي باشقا چارە يوق.
7.ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ ئۆزى مۇتلەقلىقتىن ئىبارەت.
8.شەكىل نەزەريىسىدە "نىسبىلىك _ ئىككى مۇتلەقلىقنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ"دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ."ماددا"ۋە"ماكان" ئايرىم -ئايرىم ھالدا بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى مۇتلەق رىياللىق بولۇپ،ئۇلار بىر-بىرىگە نىسبىدۇر.
دىمەك،ئەمدى يەنىلا "ھەققى بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس،نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكان مەۋجۈت ئەمەس"دەپ قاراش ھەرگىز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ماكان ۋە مۇتلەق ھەركەت ئىدىيىسى توغرا،نىيوتۇن چىلەك تەجىربىسىگە ئاساسەن ئارقىلىق پەرەز قىلغانلىرى ئورۇنلۇق!.
پايدىلىنىش:
水桶实验_百度百科
2013.7.25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 01:00 PM