مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

NASA: ئىككى ئالەم ئۇشقۇرى يەر شارىنى رەسىمگە تارتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96188
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 04:56:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 01:54 PM
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا،سىزنىڭ بىزلەرنى مۇشۇن ...

يۇلتۇزلارنىڭ ئورنى ئۆزگۇرىدۇ، لېكىن سىز دىگەندەك ئۇنداق تىز ئەمەس، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز  پەقەت يەرشارىنىڭ ئۆزئوقىداھەم قۇياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىشى تۇپەيلىدىن سىزگە شۇنداق كۆرۇنگەن خالاس .. . ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 05:32:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساتۇرن نىڭ يېنىدا تۇرۇپ يەرشارىنى سۈرەتكە تارتسا شۇنداق چىقامدىكەن؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4156
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 08:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي دۇنيا، ۋاي جاھان دەپ كېتىمىز ئەمىلىيەتتە بىر تال چېكىت. پۈتكۈل كائىناتنى كىچىكلىتىپ كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كەلسەم يەر شارىمىزنى مىكراسكوپتىمۇ تاپالمىغۇدەكمەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكىلىرىنىچۇ؟ ئىچىنىڭ ئچىدىكىلىرىنىچۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95995
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 08:54:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈرلۈك سىرلارغا تولغان ئالەم بۇ   ئاللا شۇنداق سىلق ياراتقان

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1823
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5657
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 09:03:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9126
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 872 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 09:28:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلىم پەن تەتقىقات مەركىزى ، بۇ كاتتا ئورۇن ئۈزلۈكسىز تۈردە كوزۇر تېخنىكا جابدۇقلىرى بىلەن چەكسىز ئالەم بوشلىقىنىڭ سىرىنى ئېچىش ، بىلىش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىپ ، يېقىنقى زامان مابەينىدە ..... كائىناتنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى كۆك پلانىتىدىكى ئىلىم سۆيەر قەۋىملەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە يەتكۈزۈپ كەلمەكتە .
ئاھ ...................  كائىنات ، سەن بىر تىلسىماتلار دۇنياسى سېنىڭ سىرلىق تۇرقۇڭ تولۇمۇ جەلىپكار ھەم سۆيۈملۈك ... !

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1429
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 09:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 02:27 PM
ئالەم ھەقىقەتەن چەكسىزكەن ،شۇنچىلىك يىراققا بېرىپمۇ ت ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىۋىلغا قېرىندىشىم ياخشمۇ سىز . مەن بلىشىمچە سىزگە چۈشەنچە بېرەي :
ئالىملار ھازىر قۇياش سېستمىسدىكى يەرشارىدىن قالسىلا قالغان 7 سەييارىنڭ ھەممىسىنىڭلا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بۇپ تۇرۇش شەرتىگە توشمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ بولدى . ئەمدىكى گەپ سەييارىلەرنىڭ ھەمراھلرىدا ھاياتلىق بارمۇ-يوق ؟ ، دىگەن مەسلە قالدى .
ھاياتلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا يېقىن بولغان ھەمراھلادىن ، ساتورىننىڭ 6-ھەمرىيى تىتان بىزنىڭ قزىقىشىمىزنى قوزغاۋاتقان مەسلىدۇر ، چۈنكى ئۇ يۇپىتىرنىڭ 3- ھەمرىيى گانمىد دىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ ھەمراھ بولۇپ ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 5150 كىلومېتىرغا يىتىدۇ . ئۇ قۇياش سېستىمىسىدىكى بىردىنبىر قويۇق ھەم قېلىن ئاتموسفىرا قاتلىمىغا ئىگە ، ھەتتا يەرشارى ئاتموسفىرا قاتلمىدىنمۇ قويۇق ،،،،،
ئۇنىڭدىن باشقا قۇياش سېستىمىسىدىكى بىر قىسىم كىچىك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەجىمى بەك كچىك بولغانلىقتىن ھاياتلىقنىڭ راۋاجلىنىشىغا ماس كەلمەيدۇ .
ئۇنداقتا سامان يولى سېستىمىسىدىچۇ ؟
«يىشىل قىرغاق فومۇلىسى» دەپ بىر سەپسەتا بار، سىز كۆرۈپ باققانمۇ بىلمدىم  . فورمۇلا بويىچە مۇنداق بولىدۇ « N=R*FpNeFiFiFcL» يەنى بۇ فورمۇلادىكى  *Rيۇلتۇزلارنىڭ ئوتتۇرىچە پەيدا بولۇش نىسبىتى ،  Fp سەييارىلەر سېستىمىسىغا ئىگە يۇلتۇزنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ، Ne سەييارىلەر سېستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان سەييارىنىڭ نىسبىتى ، Fi ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغان نۇرغۇن سەييارىلەر ئىچىدىكى ھەقىقىي ھاياتلىق بولغان سەييارىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ، Fi ھاياتلىق بار سەييارە ئىچىدىكى ئەقىل-پاراسەتلىك مەخلۇقلار بولغان سەييارىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ، Fc ئەقىل پاراسەتلىك مەخلۇقلار بولغان سەييارىلەر ئىچىدىكى سەييارىلەر ئارا ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە سەييارىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ، L بولسا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەدەنىيەتنىڭ داۋاملىشىش يىل چەكلىمسى دىگەندەك .
مۇشۇنداق يۇقىرىقى مەسلىلەرنى ئۆزئىچىگە ئېلىپ ھېسابلاپ چىقىرىشقا ئاساسەن ، سامان يولى سېستىمىسىدا ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان ئاسمان جىسىملىرىدىن 2484 ئى بار ، بۇ ساننى  سامان يولى سېستىمىسىدىكى 100 مىلياد يولتۇزغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئاز ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا بىز نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلىپ تۇرۇپمۇ تاشقى پىلانىتا ئادەملىرىنى ئۇچرىتالماسلىقىمىزدىكى سەۋەپ بولىشى مۇمكىن .
ھاياتلىقنى مەلۇم بىر سەييارىدە بارىلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەمدە ئوتتۇرا يولدا ئۈزۈلۈپ قالماسلقى ئۈچۈن ، ئۆزى تەۋە بولغان يۇلتۇز چوقۇم بىر مىلياد يىل ئىچىدە مۇقىم ۋە مۇۋاپىق ئالەم مۇھىتىدا تۇرۇش كېرەك ، بۇنداق شارائىتنى ھازىرلىغان يولتۇزدىن ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن بىر مىليوندىن ئاشمايدىغانلىقى مەلۇم بولدى ،،،،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فىزىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-25 10:07 PM  


ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4641
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 12:21:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىرىمىزغا رەھمەت!

مەن پەقەتلا چۈشىنەلمەيدىغان بىر ئىش، يەر شارى يۇمىلاق. ئۇ ئاساسەن سۇ بىلەن تولغان. ئۇنىڭدىكى قۇرۇقلۇقلار خۇددى كۆلدە لەيلەپ يۈرگەن يوپۇرماقلارغىلا ئوخشايدۇ. ئەمما يەرشارى بىر يۇمىلاق پىلانت. ھەم ئۆز ئوقىدا ھەم قۇياش سېستىمىسىنى مەركەز قىلىپ چۆرگىلەپ تۇرىدۇ. بىراق بۇ ئايلىنىش، چۆرگىلەش داۋامىدا ئۇنىڭ يۈزىدىكى سۇ تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ؟ چەكسىز بوشلۇققا چېچىلىپ كەتمەيدۇ؟ مەسىلەن بۈگۈن ئايلىنىش نۇقتىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن سۇ يەنە بىر سوتكىدا ئاستى قىسمىغا ئۆتۈشى مۇمكىن بىراق سۇلار يەنىلا تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ. ....؟؟؟

ئىنسان پەقەت ئاللاھ چۈشىنىشنى نىسىپ ئەتكەن نەرسىلەرنىلا چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا چۈشىنىشنىڭ ۋاستىسى بولغان ئەقىلنى ئاللاھ خالىغان بىر مىقداردا بەرگەن. بىراق بۇنى سەۋەب قىلىپ تۇرۇپ مەندەك بىر ئاددى ئادەممۇ ئالەمدىكى مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق ھادىسىلەرنى ئاللاھ شۇنداق ياراتقان، ئاللاھ ھەممىگە قادىر دەپلا ئەقلىمگە ھاي بېرىپ ئۆتسەم ھەتتا ئۆزۈمنىڭ ئاللاھ بەرگەن شۇ ئەقلىنىمۇ قايىل قىلالمايدىكەنمەن. شۇڭا ئاللاھ قۇرئاندا ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئىبرەت ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىكەن. دىمەك تەپەككۇر ئارقىلىق مەندەك ئاددى ساۋاتلىق ئادەم بىلەن ئالىملار پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن.
   شۇڭا قىزىقىشلىرىم ئوتتەك. ئەمما چۈشىنەلمەيمەن. بۇ چۈشىنەلمەسلىكىمنى ئاللاھقا ئارتىپ قويۇشتىن ھايا قىلىمەن... شۇڭا يەنىلا ئالىملىرىمىزدىن سوراي، بۇنداق ئاددى ساۋاتلارغا بىز چۈشەنگۈدەك ئىزاھاتلارنى بېرىپ ئۆتسە

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 02:41:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 01:54 PM
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا،سىزنىڭ بىزلەرنى مۇشۇن ...

كۆرگىنىڭزنىڭ بەزىلىرى يۇلتۇز ئەمەس،بەلكى مىتروئولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋا-رايىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى،ئادەتتە كېچىسى قويۇپ بېرىلىدۇ.بىزگە بولسا يۆتگەلگەن يۇلتۇزلاردەك كۆرۈنىدۇ،بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق دەپ ئويلايتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96181
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 447
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 03:24:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
honzade يوللىغان ۋاقتى  2013-7-26 12:21 AM
ئالىملىرىمىزغا رەھمەت!

مەن پەقەتلا چۈشىنەلمەيدىغان ب ...

بۇنى مەن بىر قانچە تەرەپتىن چۈشەندۈرەي:
بۇ يەرنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن بولىدۇ. يەرنىڭ تارتىش كۈچى ھەرۋاقىت تۆۋەنگە قارايدۇ.تارتىش كۈچى قانۇنىدا: ئىككى جىسىم ئوتتۇرلىقىدىكى تارتىش كۈچى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارلىقى ۋە ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىلگەن.يەر شارىدىكى سۇ بىلەن يەر يۈزىنىڭ ئارلىقى ناھايىتى يېقىن بولغانلىقىدىن تارتىش كۈچىمۇ چوڭ بولىدۇ.شۇڭا يەر شارىدىكى سۇ يەر يۈزىگە چاپلىشىپ تۇرىدۇ.
.يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدائايلىنىش سىزىقلىق تېزلىكىنى(线速度) ھىساپلىغاندا(ئىكۋاتورنىڭكىنى) v=2πr/t=2*3.14*6400*1000m/(24h*3600s)=465m/s بولىدۇ. مەسىلەن ئىكۋاتوردىكى جىسىم(1كىلوگرام ئۆلچەم) مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ئارقىلىق يەر شارىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن F=mv^2/r=1kg*465m/s/(6400*1000m)=0.00007N كۈچ كېتىدۇ. لېكىن جىسىمنىڭ(ئوخشاش 1كىلوگرام ئۆلچەم) يەر يۈزىدىكى تارتىش كۈچى بولسا 9.8Nبولىدۇ.بۇ كۈچ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىدىن تولىمۇ يۇقىرى، دېمەك تارتىش كۈچى جىسىمنى تولۇق ھالدا يەر يۈزىدە ساقلاپ تۇرالايدۇ.
بەلكىم سىز مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى 9.8Nدىن چوڭ بولۇپ قالسىچۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن،بۇنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.ئىكۋاتوردىكى جىسىم مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى 9.8Nيۇقىرى بولغان ھالەتتە يەر شارىدىن ئايرىلماقچى بولسا بۇنىڭغا بەلگىلىك سۈرئەت كېتىدۇ،ينەى بۇ سۇرئەت تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:v=(Fr/m)^(0.5)=(9.8N*6400*1000m/1kg)^(0.5)=7919m/s ئىكۋاتوردىكى سىزىقلىق ئايلىنىش سۈرئىتى مۇشۇنىڭدىن ئاشقاندا يەر شارىدىن ئاررىلىدۇ،لېكىن بايا ھىساپلىغىنىمىزدەك بۇ سۈرئەت ئىكۋاتورنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ.بۇ سۈرئەت بىرىنچى ئالەم تېزلىكى دىيىلىدۇ،ئالىملار مۇشۇ سۈرئەتتىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئالەم كىمىسىنى قويۇپ بەرگەندە ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپىقىيەتلىك بارالايدۇ.
يەنە بىرى ئاتموسفىرا سىرتقى قىسىمدىكى بېسىم ۋە ئاتموسفىرانىڭ قوغداش رولى.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇلۇغ ئاللاھ تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇكەممەل ياراتقان،ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى كۆپتۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش