( دولان ) يېزا كادىرىنىڭچىقىش يولى نەدە؟
لى چاڭپىڭ
دولان تەرجىمىسى
« بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە» تۈزۈمىنىڭ يامرىشى، يېزا كادىرلىرىنى پەقەت ئېغىزىدا « ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىنئىزدەيدىغان »، ئەمەلىيەتتە « يۇقۇرىنى ئالداپ، تۆۋەننى بېسىش » نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانبىر توپ « غەلىتە ئادەم »گە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.
يېقىندا يۈزبەرگەنئىككى نەپەر يېزا كادىرىنىڭ « بىنورمال » ھەركىتى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنىتارتتى.
بىرىسىچۇەن ئۆلكىسى لۈجوۋ شەھرىدىكى 28 ياشلىق جاۋ مۇئاۋىن بازار باشلىقى، ئۇ ئېستىپانامىسىدە،ئېستىپا بىرىش سەۋەبىنى خىزمەت بېسىمى ئېغىر، كېرىم تۆۋەن، خىزمەت مىنىڭ كىشىلىكئىزدىنىشىمدىن يىراقلاپ كەتتى، ھەر يىلى 4 ئاي ئەتراپىدا مۇقۇملىقنى ئىشلىسەك،پەقەت 4 ئايلا « رەسمىي ئىشلەيدىكەنمىز » دېگەن.
يەنە بىرىفۇجىيەن ئۆلكىسى لوڭيەن شەھىرى شىنلو رايونى داچى بازىرىنىڭ 25 ياشلىق مۇئاۋىنبازار باشلىقى شاۋجېڭ، ئىشخانىسىدا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان، ئۇ قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدە« خىزمەت بېسىمى » ۋە « جەمئىيەتنىڭ تاشلىۋېتىشى » دىگەنلەرنى يازغان.
نۇرغۇنكىشىلەر بۇ ئىككى نەپەر ياش مۇئاۋىن بازار باشلىقىنىڭ قىلمىشىنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ،بىراق مەن ھەيران قالمايمەن، چۈنكى 17 يىللىق يېزا خىزمىتى جەريانىدا پېقىرمۇ ئۆزۈمنىئۆلتۈرۋېلىش نىيىتىدە بولغان، ئاخىرى ئىستېپا بېرىپ قۇتۇلغان ئىدىم.
مېنىڭچەمۇتلەق كۆپقىسىم يېزا كادىرى ئاجىز توپ ھىساپلىنىدۇ، بۇنىڭغا كۆپقىسىم كىشىلەر قوشۇلماسلىقىمۇمكىن، بىراق ئەمىلىيەت شۇنداق.
شەھەر-بازار تۈزۈلمىسىدىكى ھوقۇق مەركەزلەشكەن دۆلەتتە، يېزا-بازاركادىرلىرى تۈزۈلمىنىڭ ئەڭ ئاستى بولغاچقا، ھەرخىل مەسىلە ۋە زىددىيەت بىلەنبىۋاستە ئۇچرىشىش بىلەن بىرگە تۈزۈلمىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىگە مۇتلەق بويسۇنۇپ، تۈزۈلمىنىڭمەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلغانكادىرلارنىڭ كىتاپ ئوقۇشى ۋە خىيال قىلىشى بىھاجەت « يوقىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ئۆلۈپ-تىرىلىشىگە باقماي » ئىشلىسىلا بولدى. ياش سىتۇدېنتلار ئاساسىي قاتلامداخىزمەت قىلغاندا ئەگەر « « قابىلىيتى » يېتەرلىك بولمىسا، چوقۇم كۆپرەك « رىيازەت» چىكىشكە توغرا كېلىدۇ.
يېقىنقىئون نەچچىيىلدىن بۇيان، تۈزۈلمىنىڭ ئاساسىي نىشانى تۆۋەن قاتلامنى « ئۈنۈملىك » باشقۇرۇشئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان « بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » تۇزىمىمەيدانغا چىقتى. پىلانلىق تۇغۇتنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، جەمئىيەتئامانلىقنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، ئەرز قىلىشنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكارقىلىش، بىخەتەرلىك ھادىسسىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش، يىمەكلىكبىخەتەرلىكىنى بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش.....ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سان-ساناقسىز« بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشئۈچۈن، ئارام ئالماي يالغان سان، يالغان تىپ، يالغان دوكلات تەييارلاپ يۇقىرىنىئالداش دائىملىق ئەھۋال بوپقالدى. پىلانلىق تۇغۇتنى ئالساق، پىلانلىق تۇغۇتتىكى «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » تىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەزى جايلاردىكىيېزا-بازارلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىقئىدارە ۋە شەخىسلەر يالغانچىلىقتىن خالىي بۇلالماي، ساختا تۇغۇت نىسبىتى، ساختا ئەر-ئايالنىسبىتى، ساختا پىلانلىق تۇغۇت جىرىمانە تالۇنى.....دىگەنلەرنى ياساپ چىقتى، مەيلىپىلانلىق تۇغۇت بولسۇن، مەيلى ئەرزىيەت بولسۇن، ئىشقىلىپ ھەممە خىزمەت ئاساسەن ساختىلىقتىنخالىي بولالمىدى.
« بىر ئاۋازبىلەن ئىنكار قىلىش » ۋە « مەسئۇلىيەتنامە » تۈزۈمىنىڭ يامرىشى، يېزا كادىرلىرىنىئېغىزىدا « ھەقىقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان »، ئەمەلىيەتتە « يوقىرىنى ئالداپ،تۆۋەننى بېسىش » نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر توپ « غەلىتە ئادەم »گە ئايلاندۇرۇپقويغانلىقىنى، پەقەت « شۇ قازاندا قاينىغانلار » بىلىدۇ « شۇ قازانداقاينىمىغانلار » بۇنى ھىسقىلىپ يېتەلمەيدۇ.
ئۇندىنباشقا يېقىنقى ئون نەچچىيىلدا، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە كادىر چۈشۈرۈش ئومۇميۈزلىكئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئارقا كۆرۇنىشى بولمىغان كادىرنىڭ ئۆسمىكىتەس بولدى، 90-يىللاردىن بۇيان كادىرنى ياشلاشتۇرۇشنىڭ تۈزۈملىشىشى، ئىچكى قىسىمدايېزا-بازار كادىرى 30 ياشتىن بۇرۇن پارتكۇم شۇجىسى، يېزا باشلىقلىق ئورنىغاچىقالمايدىغان، بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ ئۆسۈش پۇرسىتى بولمايدىغان غەلىتە بىرخىلھالەت شەكىللىنىپ، كۆپ ئېجىر قىلىپ ئازنەپكە ئېرىشىش، جەمئىيەتنىڭ ئادىل باھاسىغائېرىشەلمەسلىك، نۇرغۇن يېزا كادىرىنىڭ ئاجىزلىقىغا سەۋەب بولۇپلا قالماي بەلكىكىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئۈزۈل-كېسىل يوققا چىقاردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامكادىرلىرىنىڭ ئازبىرقېسمىنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى ھەيرانقالغۇچىلىكى يوق ئىش بوپقالدى.
يېزا-بازار كادىرىنىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى گەرچە ئايرىمئەھۋال بولسىمۇ، بىراق ئەكىسئەتكەن تۈزۈلمە مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەرگىزسەلچاغلاشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى،تۈرمە ئەمەس، بۇ جايدا ئۆزگىرىش بولسا يەر جاھان تەۋرەپ كىتىدۇ. كەمىنە ئاساسىيقاتلام ھاكىمىيەت قورۇلۇشىدا ئەڭ ئاساسلىق ئىككى نۇقتا بار دەپ قارايمەن.
بىرىنچىسىيېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش كېرەك.90-يىللاردىن بۇيانقى ئىسلاھاتتا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە يۇكسەكمەركەزلەشتۈرۈشى بىلەن يېزا-بازارلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىنىڭ ئاجىز ھالقىسى بوپقالدى،يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىلگەن ئورگانلار ھوقۇقىپارچىلىۋەتتى، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت ئۆز تەۋەسىدە يۈزبەرگەن ھەرقانداق مەسىلىنىھەلقىلىشقا ھوقۇقى يەتمەي، بارلىق مەسىلىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى ھۆكۈمەتياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يوقىرى ئورگان ھەلقىلدىغان ئەھۋال كەپچىقتى.مەسىلەنيىمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت بىخەتەرلىكى، يەر ماجراسى،مۇئاشىنى نىسى قالدۇرۇش...دىگەندەك ئىشلار. كەمىنە 1985-يىلى يېزا-بازارلىق پارتكۇمشۇجىسى بولغاندا، يېزىدا يۈزبەرگەن بارلىق زىددىيەتنى ئۆزلىرى ھەلقىلاتتى،دېھقانلارمۇ يوقۇرىغا ئەرز قىلمايتتى؛ كەمىنە 2000-يىلى 4-قېتىم يېزا-بازارلىقپارتكۇم شۇجىسى بولغاندا، يېزىدا يۇزبەرگەن بارلىق زىددىيەتنى چوقۇم يېزىدىن يوقىرىھۆكۈمەتنى ياكى ئورگاننى ئىزدەپ ھەلقىلىشقا توغرا كەلدى، ھەقىقى ئەھۋال مۇشۇنداقتۇرسا، يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە قارىتا يوقىرىغائەرز قىلسا « بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش » نى يولغا قويۇشى، بىرخىل قورۇلماخارەكتىرلىك زىددىيەت پەيدا قىلدى.
ئىككىنچىسى كەنت قورۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ دېمۇكراتىيەتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سورۇش لازىم. 90-يىللاردىن بۇيان مۇتلەق كۆپقىسىمكەنتلەرنىڭ ئومۇمى بىرلىكى پەيدىنپەي يىمىرىلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئىسمى بار جىسمى يوق ھالەتكە كەپقالدى، بۇنىڭ بىلەنيېزىلاردىكى ھەرخىل مەسىلە ۋە زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، يوقىرىغا ئەرزقىلىش توختىماي، يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر ئامالسىز قالدى.
بىراق ئومۇمىبىرلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن ئازساندىكى كەنتلەر، « مۈلۈك ھوقۇقى، مالىيەھوقۇقى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقى » نى نىسپىي ساقلاپ قالغان بولۇپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كەنت قورۇلۇشى ۋە كەنتنى ئىدارە قىلىش » دىن ئىبارەتئۈچخىل فۇنكىتسىيەسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كەنتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكىئىقتىساد، سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكىلوگىيە قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىۋە دېمۇگىراتىك ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۇكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، بۇ كەنتلەرنىڭمائارىپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، پىلانلىق تۇغۇت، مۇھىت ئاسراش، ئامانلىققاتارلىق چوڭ-كىچىك ئىشلاردا ئاساسەن يېزىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىھاجەت بولۇپ،زىددىيەتنى ئۆزلىرى ھەلقىلغاچقا دېھقانلار يوقىرىغا ئەرز قىلمىغان. ئەمىلىيەت شۇنىئىسپاتلىدىكى كەنتلەرنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدەجەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈنۈملىك ۋاستە، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقى ۋەتەرەققىياتىنىڭ ئۇلتېشى.
مەنبە:
http://www.21ccom.net/articles/z ... _2013072488298.html