باھادىر بوۋاينىڭ روھى
نەسىر
باھادىر بوۋاينىڭ روھى،بەخىت-بايلىقنىڭ باشلامچىسى باھارغا ئەگىشىپ باقى ئالەمدىن پانى ئالەمدىكى نەۋرىسىگە مىراس قالدۇرۇلغان بوستانلىق ماكانغا زور ئۈمت بىلەن قەدەم باسقان ئىدى.
باھار ،باھادىر بوۋاينىڭ بالىسىنىڭ ماكانىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىشكە تەمشىلىۋىدى؛
-ھەي باھار،نەگە بارىسەن؟؛-دەپ سورىدى.
توموزنىڭ ھارارەت دوقمۇشىغا يېقىنلاشقان باھار بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى،قارىسا ئارقىسىدا بۇنۇڭدىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن باھارنى ئۆزىنىڭ ئىشچان روھى بىلەن قارشى ئالىدىغان مېھنەتكەش،ئىشچان باھادىر بوۋاينىڭ روھىنىڭ سىماسى تۇراتتى.
-باھار ؟! سەن نىمە ئۈچۈن بۇ ماكانغا ئاياق باسمايسەن؟بۇ ماكاندا ئارزۇلۇق نەۋرەمنىڭ
بارلىقىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟'-سورىدى روھ ئەجەپلىنىپ.
باھار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ،كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ؛-ھەي باھادىر بوۋاي ، مەن نەۋرەڭگە سەندىن مىراس قالغان ماكانغا ھەتتاكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن ئىدىم، ئەپسۇس،كۈتكىنىمگە لايىق قارشى ئېلىشقا ئىرىشەلمەي كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىپ قالدىم. كەچۈرگىن روھ،؛-باھار سۆزىنى تۈگۈتىپلا ئۆز يولىغا راۋان بولدى.
باھادىر بوۋاينىڭ روھى باھارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆز قولى بىلەن يىتىلدۈرگەن ئەمما نەۋرىسىگە مىراس قالدۇرۇلغان شۇ ماكانغا قەدەم باستى.
روھ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى،چۈنكى،بوۋاينىڭ 30 ياشلىق نەۋرىسى مۇشۇ تومۇزدىمۇ بوۋىسىدىن قالغان جۇۋۇغا يۆگۈنۈپ خورەك تارتىپ بىخارامان ئۇخلاۋاتاتى. روھ ئۆيلەرنى كۈزەتتى،ئۆيدىكى بۇغداي-قوناق،ئارپ-تېرىقنىڭ ئۇرۇقلىرىنى ساچقانلار يەۋاتاتتى، باغلاردىكى مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭمۇ سورتى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن،باغلاردا شاختىن شاققا قونۇپ سايرىشىدىغان قۇشلارمۇ كۆرۈنمەيتى،ئېتىزلىقلارمۇ شورلىشىپ كەتكەن.
باھادىر بوۋاينىڭ غېرىپلىق ئىلكىدە قالغان روھى ئۇيان ئايلىنىپ بۇيان ئايلىنىپ،ئۇنداق ئويلۇنۇپ بۇنداق ئويلۇنۇپ ئاخىرى نەۋرىسنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئويلۇنۇپ ؛<ئۇنى ئۇرۇپ ئويغۇتايمۇ ياكى توۋلاپ ئويغۇتايمۇ> دىگىنىچە تۇرۇپ قالدى.
مەنبە؛ ئۆزەمنىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 12:15 AM