ئۇنۇتقاقلىق ئۈچۈن بىر رىتسىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورادشلار. تۇرمۇش بېسىمى كۆپ بۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چارچاش ئېغىر بۇلۇپ كۈپۈنچى كىشىلەردە ئۇنۇتقاقلىق پەيدا بوپ قالدى.
سىزدە قويغان نەرسىڭىزنى تاپالمايدىغان، ئۆيدىن چىقىپ ئازىراق ماڭغاندىن كىيىن ئىشىكنى ئەتكەن ئەتمىگىنىڭىزنى بىلەلمەي كەينىڭىزگە يانىدىغان، يادىلىغان نەرسىلەر كاللىڭىزدا تۇرمايدىغان ئەھۋاللار بولسا ئۇنۇتقاقلىق پەيدا بوپتۇ دەپ ئويلىسىڭىز بۇلىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئالامەتلەر بولسا ئازىراق ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ تۈۋەندىكى دورىنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلىپ بېقىڭ.
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: كۇندۇر، ئىگىر، سەئىدى كۇفى 30 گىرامدىن، قارمۇچ، زەنجىۋىل 15 گىرامدىن دورىلارنى مۇشۇ بۇيىچە ئېلىپ يۇمشاق 80 كۆزلۈك ئەلگەكتىن سوقتۇرۇپ تاسقاپ ئۆتكىزىمىز. (بۇ جەرياننى ئەتىراپىڭىزدىكى تىۋىپ ياكى دورىگەرلەر قىلىپ بىرىدۇ پۇلغا). ئاندىن چىققان دورا تالقىنىنى جىڭلاپ شۇنىڭ 3 ھەسسە ھەسەلنى ئېلىپ سۇس ئوتتا قىززىتىمىز. قىزىتىپ كۈپۈك چىقىشقا باشلىغاندا ئوتنى ئۈچۈرۈپ ھەسەل سەل سۇۋىغاندا ئۈستىدىكى كۈپۈكلەرنى ئېلىۋىتىپ دورا تالقىنىنى تەكشى ئارلاشتۇرىمىز.
ئىشلىتىلىشى: كۈندە 2~3 ۋاخ 10 گىرامدىن.
ئىشلىتىش دائىرسى: سوغوقتىن بولغان ئاشقازان ئاجىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۈۋەنلەش، بەدىننى ھۆل سوغوق قاپلاپ كىتىش، ھۇرۇنلۇق ....
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 1. دورا ياساش ۋە ساقلاش جەريانىدا سۇ ياكى ھۆللۈك بىلەن ئۇچىراشماسلىقى كىرەك.
2. ھەرقانداق ئۇيغۇر تىبابەت دورىسىنى يىگەندە سوغوق ئىچىملىك ۋە توڭلاتقۇغا سالغان يىمەكلىكتىن يىراق بولسىڭىز ئۈنىمىنى تىز كۈرىسىز.
مەنبە:
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى