مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4008|ئىنكاس: 29

روزا ھېيت نامىزى ھەققىدە ساۋات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 02:03:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قىرىنداشلار:
پات ئارىدا مۇبارەك روزا ھىيىت نامىزىنى ئوقۇيمىز ئىنشائاللاھ، روزا ھىيىت يىلدا بىر قىتىم ئوقۇلىدىغان ناماز بولغاچقا قانداق ئوقىلىدۇ؟ نامازدىن بۇرۇن ۋە نامازدىن كىيىن قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىمىز؟ دىگەندەك ئەھكام-قائىدىلەرنى كۆپۇنچىمىز بىلمەسلىكىمىز ياكى ئىسىمىزدىن كۆتۇرۈلۇپ كىتىشى (يۇقىرىدا دىگىنىمدەك يىلدا بىر قىتىم ئادا قىلىدىغان ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۇن) مۇمكىن، گەرچە نامازدىن بۇرۇن روزا ھىيىت نامىزىنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى مەسچىتتە نامازدىن بۇرۇن كۆرسىتىپ ئۆتىدىغان بولسىمۇ،مەسچىتكە كىرىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا قىرىنداشلىرىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالا دىگەن ئۈمىتتە بۇ تىمىنى كۆچۇرۇپ قويدۇم، ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىبادىتىنى قوبۇل ئەتكەي، نامازنى تىنىچ ئامان ئائىلىدىكىلىرىمىز بىلەن ئوقۇشقا نىسىپ قىلسۇن.

روزا ھېيت نامىزى ھەققىدە ساۋات

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

1- روزا ھېيت نامىزىنىڭ ھۆكمى

بۇ ناماز ۋاجىپ بولۇپ (سۈننەتى مۇئەككەدە، دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. زۆرۈرەتتىن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالمىغانلار، ئۆزلىرى يالغۇز ئوقۇمايدۇ ۋە قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، شۇنداقلا گۇناھكارمۇ بولمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇش ياكى تىجارەت ۋە ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ھازىر بولالماسلىقىنى چاغلىغانلارنىڭ ئوقۇش يېرىنى ياكى تىجارەت ۋە خىزمەت قىلىش ئورنىنى تەرك ئېتىپ، ھېيت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن ئاتايىن باشقا شەھەرگە بېرىشىغا ھاجەت يوقتۇر.

2- روزا ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى

بۇ نامازنىڭ ۋاقتى، كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندىن تارتىپ كۈن قايرىلغۇچە بولغان ئارلىقتىكى ۋاقىتتۇر.

3- نامازغا بېرىشتىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلار

ئا- ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز ئۈچۈن ۋە ئائىلىمىزنىڭ ھەر ئەزاسى ئۈچۈن سەدىقە فىترە بېرىشمىز كېرەك. بۇنىڭ مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك يىمەك – ئىچمىكىگە يەتكۈدەك نەرسىدۇر.

سەدىقە فىترىنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىۋەتسەك ئەڭ تۇغرىسىنى قىلغان بولىمىز؛ ئەگەر بىرەر سەۋەب بىلەن كېچىكىپ قالغان بولسا، ھېيت نامىزىدىن كېين بولسىمۇ بېرىشىمىز لازىم. ھېيتتىن بىر – ئىككى كۈن بۇرۇن بەرسەكمۇ بولىدۇ. بۇنى بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم بىر نىسابقا يېتىش شەرت ئەمەس، ھەتتا بۇنى بىر كۈنلۈك ئوزۇق – تۈلۈكى بار كىشىلەرمۇ بېرىشلىرى كېرەك.

ئە- ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يەپ – ئىچىشمىز ياخشى، ئەگەر مۇمكىن بولسا خورما يەپ بارساق تېخىمۇ ياخشىسىنى قىلغان بولىمىز.

«ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولىغۇچە بىر نەرسە يېمەسلىك ياخشى» دېگەن سۆز قۇربان ھېيتتا كۈچگە ئىگە. روزا ھېيتتا بولسا، يەپ – ئىچىپ، ئاندىن ھېيت نامىزىغا بېرىش ياخشىدۇر.

ب- ھېيت نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ (بوي تاھارەت ئېلىپ)، تازىلىق قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ پاكىز كىيىملىرىمىزنى كىيىپ بېرىش ياخشىدۇر.

پ- ھېيت نامىزىغا كېتىۋېتىپ يولدا تۆۋەندىكى تەكبىرنى ئوقۇيمىز:

«ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەلاھۇ، ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمد». تەرجىمىسى:

«ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن».

ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان يەرگە ئەنە شۇ شەكىلدە بارىمىز.

4- روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى

ئا- روزا ھېيت نامىزى بولسۇن، قۇربان ھېيت نامىزى بولسۇن، ھېچبىر ھېيت نامىزىغا ئەزان – تەكبىر ئوقۇلمايدۇ.

ئە- ئىمامنىڭ ياكى مەزىن (مۇئەززىن) نىڭ «ھازىر ناماز باشلىنىدۇ دېگەندەك» ئېلان قىلىشى بىلەن جامائەت ئورنىدىن تۇرۇپ سەپ بولىدۇ.

ب- بۇ ئەسنادا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇش نىيىتى بولىدۇ. نىيەتنى ئاغزىدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس، چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.

پ- ئالدى بىلەن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ (نامازغا باشلايدۇ)، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ.

ت- ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋەتەئالا جەددۇكە ۋەلائىلاھە غەيرۇكە نى) ئىچىدە ئوقۇيدۇ.

ج- سانادىن كېيىن ئىمام ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىمامنىڭ ھەر تەكبىر ئېيتىشىدا جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.

چ- ئاندىن ئىمام ئىچىدە «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم، بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم» نى ئوقۇغاندىن كېيىن، فاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا بىرسۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ ئەئلا سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

خ- ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ. ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. ھېيت نامازلىرىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە ئوقۇلىدىغان زىكىر – تەسبىھلەر باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشتۇر.

د- ئاندىن ئىمام «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ.

ر- ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدە «بىسمىللاھ…» نى ئوقۇغاندىن كېيىن فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ غاشىيە سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

ژ- ئىمام قىرائەتتىن كېيىن يەنى فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۈنلۈك تەكبىر ئېيتىدۇ، جامائەتمۇ ھەر تەكبىردە ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.

س- ئاندىن ئىمام قايتا «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ.

ش- ھېيت نامىزىنىڭ قالغان قىسمى ئادەتتىكى نامازغا ئوخشايدۇ، يەنى ئولتۇرۇش، ئەتتەھىيياتۇ… دۇرۇت ۋە دۇئالار باشقا نامازلاردا قانداق ئوقۇلسا، ھېيت نامىزىدىمۇ شۇنداق ئوقۇلۇپ، ناماز ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.

غ- ئىمام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن جۈمە خۇتبىسىگە ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.

ئىككىنچى خۇتبىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى نامازغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ بەرگەن تەلىمىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشىمىز ۋە ھېيت نامىزىنى شۇ بويىچە ئوقۇشىمىز كېرەك.

5- ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار

ئا- ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر – بىرىمىزنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش ياخشىدۇر. مەسىلەن: جامەدىن ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇلغان يەردىن چىقىپ، جامائەت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ «ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشىشىمىز ياخشى ئىشتۇر.

ئە- ھېيت نامىزىدىن قايتىشتا، مۇمكىن بولسا ھېيت نامىزىغا بارغان يولىمىزدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشىمىز ياخشىدۇر.

6- ھېيت كۈنلىرىدە قىلىنىدىغان ئىشلار

ئا- ھېيت كۈنلىرىدە بىر – بىرىمىز بىلەن ھېيتلىشىشىمىز، يەنى ئاتا – ئانىمىزدىن باشلاپ پۈتۈن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز ۋە باشقا دوستلىرىمىز بىلەن بىر – بىرىمىزنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىشىشىمىز ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر.

ئە- ھېيت كۈنلىرىدە نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، زىكىر – تەسبىھ ئېيتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىمىزلازىم.

ب- ھېيت كۈنلىرىدە پېقىر – مىسكىنلەرگە خەير – سەدىقە قىلىش، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، غېرىب - غۇرۋالارغا خەير – ساخاۋەت قىلىش كېرەك.

پ- بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.

ت- ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بالا – چاقىلىرىمىزنىڭ يىمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كىچەكلىرىنى ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا كەڭ – كەڭرى قىلىپ بېرىمىشىز ياخشىدۇر.

ج- ھېيتتا شەرىئەت رۇخسەت قىلغان (دىن – دىيانەتنى مەسخىرە قىلمايدىغان، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە گۇناھ – مەئسىيەتكە چاقىرمايدىغان، ئەر – ئاياللار ئارىلىشىپ ئوينالمايدىغان) ئويۇن – تاماشالارنى قىلشقا بولىدۇ.

7- ھېيتتىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار

ئا- رامىزاندا ياخشى ئادەم بولۇشقا باغلانغان بېلىمىز، ھېيت بىلەن بوشاپ كەتمەسلىكى لازىم.

ئە- رامىزان بويىچە ئادەتلەنگەن تەقۋالىقىمىزنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشىمىزلازىم. يەنى رامزاننىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن «تەرىتىمىز سۇنۇپ كەتمىسۇن!».

ب- ھېيتتىن كېيىن، ھېيت ئېيى چىقىپ كېتىپ بولغۇچە 6 كۈن نەپلە روزا تۇتۇشىمىز ياخشىدۇر. بۇ روزىنى ئارقىمۇئارقا تۇتۇشىمىز شەرت ئەمەس.

پ- بەرىكەت ۋە رەھمەت ئېيى بولغان رامىزان چىقىپ كەتكەن بىلەن، رەھمەت ۋە بەرىكەتنىڭ ئەسلا تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئۇتنۇماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغاھەر دائىم لايىق بولۇپ تۇرۇشىمىز لازىم.


ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!


مەنبە ؛ مۇسۇلمانلار تورى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yulghunjan + 20 ئەجرىڭىزگە رەھمەت. را.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10122
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 02:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرائەتتەن كىيىن توۋلىنىدىغان ئۇچ تەكبىر توۋلانمىسا ناماز تولۇق بولامدۇ ؟

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2186 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 02:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن.
تىما يوللىغاندا،قايسىدۇ بىر تورداش بولدىغان ،ھەر بىر ئابزاسنى،نىنجى بىلەن ئايرىيدىغان،
ئەمسى سىز ھەرىپلەر بىلەن ئايرىپسىز؟بۇنىڭ بىرەر مەنىسى بارمۇيا مەن بىلەلمىدىممۇ؟
مەنچە بۇنداق سان ئارقىلىق نىنجى بەلگىلەش بولسۇن ياكى سىزگە ئوخشاش ھەرىپ ئارقىلىق بەلگىلەش بولسۇن بۇلار ئارتۇقچىغۇ دەيمەن.شۇڭا تىما يوللىغۇچىلارنىڭ مۇشۇنوختىغا دىققەت قىلشىنى تەۋسىيە قىلمەن.

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 688
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 02:36:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-24 02:29 PM
اللە رەھمەت قىلسۇن.
تىما يوللىغاندا،قايسىدۇ بىر توردا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ، سىزنىڭ ئۆتكەندە بىر قىرىندىشىمىز يازغان (توخىتۇر ئەپەندىغۇ دەيمەن) ئىنكاسىڭىزدىمۇ مۇشۇ ئەسكەرتىشىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم. بىراق بۇ تىما كۆچۇرۇلمە تېما بولغاچ ئاپتۇرغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ھىچقانداق ئۆزگەرتىش قىلمىدىم ، تېما مىنىڭ ئەمەس تۇغرا چۇشەنگەيسىز.
لىكىن ئۆزۇم تېما يوللاپ قالسام سىز دىگەن ئىشلارغا دىققەت قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 1253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2448
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 02:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە .ئاللا رەھمەت قىلسۇن ،

زەنجىر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 03:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2842
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2535 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 04:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بىر ئىسلام دەرسلىكى بىلەن تەمىن ئەتكەن قەلبىڭىز ھىدايەتكە تولسۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 04:41:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىمخۇمار ئەپەندىم تېمىسىدا شۇنداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق  شۆزلىگەندەك قىلىۋاتاتتى، ئابزاسلارغا نىنچى قويسا ئارتۇقمۇ ئەمەس ، تۇتىۋېلىشقا ياخشىراق بۇلىدىكەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 04:42:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقېتىملىق ئۈچ تەگبىردە قۇلاق قاقىمىزغۇ دەيمەن ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85542
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 05:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيىتىنى    يازماپسىزغۇ             ؟ ........................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش