|
|
|
|
تېخى ئەمدىلا ھايات مۇساپىسنىڭ 13- باھارىغا قەدەم باسقان سەبى بىر قىزنىڭ ئاجايىپ تىرىشچانلىق ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللى مۇزىكىسىغا زورئىشتىياق باغلاپ سەنئەت دېڭىزدىن دۇردانىلەر قېزىپ مىللى سەنئىتىمىزنى يۇكسەلدۇرۇش ئۇچۇن ئاجايىپ ئىجتىھات بىلەن ماھارەت يېتىلدۇرىۋاتقا بۇ كىچىك <<ئاماننىساخان>> غا ئاپىرىن!! تولىمۇ ئەپسۇس....تالانتنى جاى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۋاپىق سەھنە ۋە ماددى كاپالەنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىققىنى بۇ قىز نەدىمۇ ئويلاپ يەتسۇن دەيسىز؟ كورلا شەھرى چارىباغ يېزا 3-كەنت 2-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەمەر بوۋاينىڭ ئەدىلا 13 ياشقا كىرگەن قارا يىتىم نەۋرسى زىباگۈل(ئانىسى كېسەل سەۋەبى بىلەن دادىسى قاتناش ھادىسى بىلەن تۈگەپ كىتىپ يالغۇز بوۋىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولغان) ئاپتۇنم رايۇنلۇق سەئەت ئىنىستىتوىنىڭ مىللى مۇىكا سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنىپ بوۋىسى ۋە مەھەللىدىكىلەنى تولىمۇ خوش قىلىۋەتكەن ئىدى. مېھرىبان بواي ئوماق نەۋرىسنىڭ تىرىشچانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن سۇيۇنۇپ ئالەمچە خوشاللققا چۆمگەن ئىدى، ئەپسۇسكى ئانچە ئۇزن ئۆتمەي بۇ خوشاللىقنىڭ ئورنىنى غەم ئالدى. چۇنكى مەكتەپكە تۇنجى يىلى تاشۇرىدىغان 20 مىڭ يۇەنگە يېقن پۇل بىچارە بوۋاينى خېلىلا چارچىتىپ قويدى. كىچىككىنە بىر قىزىڭ ئۆز غايىسىگە پەرۋانە كەبى ئىنتلىشى ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس. قارىماققا بۇ_كچىككىنە بىر قىزنىڭ غايىسىدەك كۆرۇنسىمۇ ئەمەىيەتتە مىللتمىز سەنئىتىنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۇرىدىغان يەنە بىر ئەزانىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆز پەرزەنتىنى سۆيمەيدىغان بىرمۇ ئاتا-ئانا، ئۆز قېرىندىشىنى ھىمايە قىلمايدىغان بىرمۇ مىللەت بولمىسا كېرەك. ئۆزىنى ئىلىم-مەرىپەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بېغىشلىغان ، يۇرىكى مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سۇقىۋاتقان باھادىر-ئەزىمەتلىرىمىز، يىتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ ساخاۋەتلك كەڭ ئېچىۋاتقان ھاتەم سۇپەت مەرت ئوغلانلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئشىنىمىزكى ساخاۋەت ئىگىلىرى بۇ سۇيۇملۇك قىزىمىزنى نا ئۇمۇتتە قويمايدۇ،تاما-تاما كۆل بۇلا دىگەدەك ، قېرىنداشلارنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ بۇ قىزغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز، ئاللاھ ھەممىمىزگە رەخمەت ئاتا قىلسۇن !!! ھەممىمىزگە ئاسانچىىق بەرسۇن!! ئۇلۇق روزا-رامىزاندا مۇھتاجلىقتا قالغان يىتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاشتىن ئارتۇق ساۋاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك، بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆشرە-زاكات بولمىسا كېرەك. ئۈمۈتلۈك بۇلۇڭ زىباگۈل قىز، ئاكا-ھەدىلىرىڭىزگە ئىشىنىڭ، قاراڭ ، ئۇلار ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سىزگە بەس-بەستە سۇنىۋاتىدۇ، ئۇلانىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماڭ. ئۇلارنىڭ ئۈمۈدى مىللەتنىڭ ئۈمۈدى!!!!! يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتا نۇمۇرى: 艾买尔.吐拉甫 6228483650742321218
|
|
|
|
|
|