مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9741|ئىنكاس: 99

بىز ئۇيغۇرلار قانداق خەلق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 08:38:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

         بىز  ئۇيغۇرلار قانداق خەلق؟

بەزى ئالىملار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 85٪ئاق تەنلىك، 15٪سېرىق تەنلىك ئېرىقىغا مەنسۇپ دەيدۇ. تۆۋەندىكىلەر ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ بىز ئۇيغۇر ھەققىدىكى بايانلىرى :..
      ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا توپلىشىپ  ياشايدىغان غوللۇق ،يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە ،جۇڭگۇنىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن باشقا  قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبىكىستان ،تاجىكىستان ،تۈركىمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايۇنى)،ئەرەبىستان ،تۈركىيە ،ئاۋستىرالىيە ،گىرمانىيە ،روسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرنەرلىك نۇپۇستا ،مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ .
     ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك ،چارۋىچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىك ،سودا-سېتىق ،مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق  كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان  ھازىرقى زامان ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا بارغانسىرى ئۆزلەشمەكتە . ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخى تەرەققىياتنىڭ يىڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان .جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى .ئۇلار مىلادىيدىن 2000-3000يىل ئىلگىرى شىمالى ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-مىنوسېنىك رايۇنلىرىدا ياشىغان ئارى(ئارىيان)قەبىلىلىرى ،سىكتاي-ساك ۋە ھون خەلقلىرىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك )ئەجداتلىرى دەپ قاراشماقتا.قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۈڭەك ئانالىزى،قان تىپى،قەدىمكى ئارىيان-سكتاي-ساك ئەپسانە فولكىلورى،كىينىش ۋە مۇزىكا ،ئۇسۇل ،بايرام ،سەيلە -مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى .ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيتى »بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمى يىلنامىلىردا «ئۇلۇغخور(大胡)»دەپ ئاتالغان ئارىيان -سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى .ئارىيان -سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردىن تاكى VI-Vئەسىرلەرگىچە غەرب،جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ  ،ئىران ئىگىزلىكى ،ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كىڭەيدى ۋە ئىرنىي خەلقلەر ،ھىندىستان ئارىيان ساكلىرى ،تارىم ساكلىرى ۋە تۇخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى .مىلادىيدىن ئىلگىرىلا ئاسىنا قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللوئىد(مۇڭغۇل ئىرقى )تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسىنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى .نەتىجىدە مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2-تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان -سىكتاي-ساك ۋە ھون خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى .تۈركى تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .
    جۇڭگو يىلنامىلىرىدا غەربى جۇ سۇلالىسى زاماندىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي )ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۇيفاڭ (鬼方)،دى-زەي(狄翟)قەبىلىلىرىنى ،كىيىنچە بايقال كۆلى ئەتىراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن)خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنى شەرىقى ۋە غەربىي دىڭىلىڭلارغا ئاپىرىپ ، بايقالدىن  يېنسەيگىچە ، يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ .يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا ،قەدىمكى تۇرپان ،كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې(乌结)،ئۇخۇ(乌护)ۋە قوش قاڭقىل (故师)قەبىلىلىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دىگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرغا چىقتى .
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ،ئارىيان سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلىقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق .ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيتى ۋە قان  ئالاھىدىلكى ،تىل ۋە ئەدەبىيات -سەنئەت ئالاھىدىلىكى ،مىللىي ئېتنوگىرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى يىراق تارىىخىي قاتلاملىرىنى ،تارقىلىش ماسشىتابىنى ،مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ،ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكىلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتىگە تۇلۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيتى ،ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى ، بوستان مەدەنىيتى ،يىپەك يۇلى  ئالاقىلىرى ،كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى .
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ،نۇقۇل ھالدا ،840-يىلى ئورخۇن ۋادىستىن تارىم ۋادىسىغا كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك،تۇخار ، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن  دىگەندە يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسدىكى ساك ، تۇخار ، سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ، ئورتاق ھالدا مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يتىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كىرەك . بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيتى » تۈپەيلىدىن مەركىزى ئاسىيا رايۇنىغا - مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا ،بايقال ۋە مۇڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى . ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى)ئىمپېريىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىميەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى .ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقالار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا ، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قۇچۇ ، كۈسەن ،قەشقەر ،سۇياب -سىر دەرياسى ۋادىسغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ،كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار ھاكىميەتلىرىنى بەرپا قىلدى . خوتەن ياغلاقالار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى  بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋتىنى ساقلىدى .بۇ ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ .
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار  قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال .
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى)قاچان كىلىپ چىققانلىقى نامەلۇم .بىرىنچىدىن ،بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بىكتىۋالغىلى بولمايدۇ؛ئىككىنچىدىن ،ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ ،بۇ خاسىيەتلىك  نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قۇبۇل قىلىنغان ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىنمۇ گەنجۇ ،ئىدىقۇت ،كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر نامىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن .ھازىرقى يۈگۇ -سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
    «ئۇيغۇر»ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش،ئۇيۇشماق . مەغرۇر. غۇرۇرلۇق باتۇر »دېگەن مەنىدە ئىزاھلانماقتا . بىر ئامرىكىلىق ئالىم 50يىللىق تەتقىقاتى ئارقىلىق(ئۇيغۇرلار20مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.  نۇرغۇن مەدەنىيەتكە يول ئاچقان. ھىندى. پارىس. ئەرەپ ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى بولغان ئانا مىللەت) دەپ يەكۈن چىقاردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇسى 19مىليون ئەتراپىدا دەپ قارالماقتا...
   داۋامى  بار ..........
        يالقۇن رۇزى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمن ئەسەرلىرى -2(ئۇيغۇرلاردا ئسلام مەدەنىيتى )نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى.
   

    ئۇيغۇر  تارىخىدىكى خانلىقلار

ئۇيغۇرلار تارىختا شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئاجايىپ ئۇلۇغ بىرمىللەت. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارىخىدا نۇرغۇن خانلىقلار ئۆتكەن. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخى بەكمۇ ئۇزارغانلىق ھەققىدىكى  تۆۋەندىكى خوش- خەۋەرنى ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن ئاندىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى خانلىقلار بىلەن تونۇشايلى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئېنگىلىس تارىخشۇناسى ۋە ئارخىلوگى   جەيمز چېچۋود  50  يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا تىنچ ئوكياندا غايىپ بولغان « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى )نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتىۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ( ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرىقى ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر .) دىمەك ئۇ. تىچ ئوكياندا غايىپ بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى)دا  20مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇرلار ئىمپىرىيە قۇرغانلىقىنى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن مەدە نىيەتلەرنىڭ بەرپاچىسى ئىكەنلىكىنى. شۇنداقلا ھىندىى. پارىس ۋە بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئانا مىللەت ئىكەنلىكىنى. بايان قىلغان. مىسالەن؛ بۇلاق ژورنىلىدا ( چىڭگىزخان مۇڭغۇلمۇ تۈركمۇ؟) دىگەن بىر ماقالە بېسىلىپ چىڭگىزخاننىڭ يىلتىزى تۈرك ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. يەنە بىر پاكىت چىڭگىزخان يىلتىزى تۈرك بولغاچقا ( ھەرقانداق شەيئى ئۆز ئەكسىگە قايتىدۇ.) دىگەن ھىكمەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى باشقۇرغان چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى تىزلام ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن.  
تۆۋەندە ئۇيغۇر تارىخدىكى خانلىقلارنى تونۇشتۇرىمىز.؛
1-تۇران ئىمپىرىيەسى '
بۇ خانلىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن بۇرۇن ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ،قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزىسىدىكى (خانئۆي شەھرى خارابىسى) نى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى ئالىپ ئەرتۇڭا. ئالىپ ئەرتۇڭا مۇسا پەيغەمبەر بىلەن زامانداش ياشىغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 356-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن تۇغۇلغان. ئىسكەندەر 24ياشى ئەتراپىدا دۇنيانى ئىشغال قىلىپ ئوتىرا ئاسىيا رايونىغا كەلگەن. مەھمۇد قەشقەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا تۈرك پادىشاھى ئىسكەندەرگە قارشى قوشۇن ئەۋەتكەن. بۇقوشۇن ئىسكەندەر قوشۇنىدىن ئاجىز بولسىمۇ لىكىن ئوقيا ئوقىنى ئاتتا چېپىپ كىتىۋىتىپ ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئىسكەندەر يولىنى توسۇپ قويغان. ئىسكەندەر بۇنى كۆرۈپ (خۇزخۇر)يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. دەپتۇ ۋە ئارقىغا قايتىپ كىتىپتۇ. خۇزخۇر دىگەن سۆز بارا-بارا ئۇيغۇر دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
2-ھون ئىمپىرىيەسى.؛
بۇ ئىمپىرىيەمىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن تاكى مىلادى 487-يىللاغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. تارىخچىلار؛ (ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى. ھون دىمەك، ئۇيغۇر دىمەكتۇر) دەيدۇ. ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان. مەشھۇر خاقانى باتۇرتەڭرىقۇت.
3-قاڭقىل خانلىقى ؛
ئۇيغۇرلانىڭ بىۋاستە ئەجدادى بولغان قاڭقىل خانلىقى487-يىلىدىن 546-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
4-تۈرك خانلىقى؛
بۇخانلىق 546-يىلىدىن 745-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.،ئۇلار ئورخۇن يەنى ( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان..
5-ئۇيغۇرئورخۇن خانلىقى؛
بۇخانلىق 605-يىلىدىن 847-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇلار مۇ ئورخۇن يەنى( ئۇيغۇرھون) ۋادىسىنى پايتەخىت قىلغان.
6-ئۇيغۇرگەنسۇ خانلىقى؛
بۇخانلىق 850-يىللاردىن 1036-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.ئۇلار گەنسۇنى پايتەخىت قىلغان.
7-ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى؛
بۇ خانلىق 866-يىلىدىن 1393-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.  پايتەختى تۇرپان.
8-ئۇيغۇرقاراخانىلار خانلىقى؛
مىلادى 870-يىلىدىن 1212-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى سۇتۇق بۇغراخان. پايتەختى قەشقەر.
9-چاغاتاي خانلىقى؛ 1270يىلىدىن 1570-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى تۇغلۇقتۆمۈرخان.
10-يەكەن سەئىدىيە خانلىقى؛ 1514-يىلىدىن 1680-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. مەشھۇر خاقانى ئابدۇرەشتخان. پايتەختى يەكەن.
11-قورچاق ئاپاقخوجا خانلىقى؛ 1680يىللاردىن 1697-يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.
12-مىلادى 1697-يىلىدىن 1900-يىلىغىچە مانجۇلار ھۆكۈم سۈرگەن . ئارىلىقتا مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭلار بولغان.، (قوزغىلاڭ ۋەكىللىرىدىن؛ سادىرپالۋان، سىيىت نوچى، نۇزۇكۇم....ئىپارخان...يەتتەقىزلىرىم......قاتارلىقلار بار.) 1864-يىلىدىن 1878-يىلىغىچە 14 يىل بەدۆلەت خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن. 1880-يىلى چىڭ سۇلالىسىدىدىن زوزۇڭتاڭ خانغە تەكلىپ بىرىپ شىنجاڭغا قوشۇن تارتىپ  كىلىپ ،ھىلە بىلەن ياقۇپبەگنى زەھەرلەپ ، قوشۇنلىرىنى ئاسانلام يوقاتقان. ھەمدە (شىنجاڭ ئۆلكىسى) دەپ ئاتاپ باشقۇرۇپ كەلگەن.
مىلادى 1900-يىلىدىن 1930-يىللارغىچە ياڭزىڭشىن باشقۇرۇپ تۆمۈرخەلپە قاتارلىق قوزغىلاڭچىللىرىمىزنى ئالدامچىلىق بىلەن قىرغان. 1930-يىللاردىن1945-يىلىغىچە جاللات شىڭشىسەي ھۆكۈم سۈرۈپ غوجانىيازھاجىم قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنى يەنە جەللات سىتالىن بىلەن بىرلىشىپ   ئالداپ يوقاتقان. .. دىمەك بۇيىللاردا بېشىنى كۆتۈرگەن (ئۇيغۇرتەقدىرى)؛ جەللات سىتالىن تەرىپىدىن قولىدىكى غەربى turkنى ساقلاپ قېلىش غەرىزى بىلەن ئىككى- ئۈچ قېتىم ۋەھشىلەرچە  تۇنجۇقتۇرۋىتىلگەن! ؟...
.

پايدىلانغان مەنبە؛ (1)نۇرۇللا مۆئمىن يۇلغۇننىڭ (غەربى يۇرت—تارىخىمىزدىكى خاقانلار) ناملىق كىتابى،
(2)ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمىز چېچۋورىدنىڭ 50يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان (مۇ قۇرۇقلىقى) ھەققىدىكى ماتىرياللار.
(3)ئۆزۈم نەچچە يىللاردىن بىرى توپلىغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرياللار.
(4)تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن ئەسەرلىرى.  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzdil.com + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95977
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 454
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 08:15:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57546
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 08:29:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا كىيۇ لار

بېيجىڭغا كېلىدىغانلارغا خوشخەۋەر---›http://www.alsuyar.us/ads/bj.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7349
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1783 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 09:38:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلادىدىن بۇرۇنقى 660-يىلى رۇڭ-غۇزلارنىڭ (ئۇيغۇرنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى) شەنشى-سەنشى-خېبېي-خېنەنلەرنىڭ بىرقىسىم جايلىرىنى تەسەررۇپ قىلىپ قۇرغان ئىلتاغچا خانلىقى ھېساب ئەمەسما؟

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95793
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2013-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 09:59:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى ئارىئان قەبىلىسى بىلەن باغلاشقا تامامەن بولۇدۇ ، ئەڭ ئاددىيسى ئۇيغۇرنىڭ تاشقى قىياپەت شەكلىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي تۇرقى ئارىئانلار بىلەن ئوخشاش ، ئەگەردە گېرمانىيە فىلىملىرىغا ئۇيغۇنى ئوبدان ياساپ قاتناشتۇرۇپ قويسا ، ئۇ چاغدا قايسى ئۇيغۇر قايسى نېمىسلىگىنى ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ ......

ئويلار ئىلكىدە يۈرىمەن جىمجىت ،
تەقدىر ئۈستىدە خىياللار سۈرۈپ .
ئارزۇلاپ كۈتكۈنۈم كېلەرمۇ بىر كۈن ،
دۇنياغا قارايمەن ئۈمۈدلۈك بېقىپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 11:16:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز گىرمانلار بىلەن بىر تۇققان ئىكەنمىز ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 11:26:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار مىلادىيدىن 2000-3000يىل ئىلگىرى شىمالى ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-مىنوسېنىك رايۇنلىرىدا ياشىغان ئارى(ئارىيان)قەبىلىلىرى ،سىكتاي-ساك ۋە ھون خەلقلىرىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك )ئەجداتلىرى دەپ قاراشماقتا.
===========================================================
ھون بىلەن باغلىسىڭىز ئارىيان چەتكە قىقىلىدۇ .ئارىيان دىسىڭىز ئاسىيەچە جىنىسلىق دىمەيسىز .ئۇيغۇرلار ئاق تەنلىق .بۇنى پەقەت دۆلىتىمىز ئىتراپ قىلمايدۇ.
مۇ ماقالە خەنچىراي چىقىپ قاپتۇ قىرىندىشىم .

سةمىمى بۇلۇش ئةڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14017
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8474
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3355 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 12:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلار قانداق خەقتۇق؟شۇ 5-6يۈز يىلدىن بۇيان ئىتتىپاقلىشالمىغان،بىربىرىنى كۈرەلمەيدىغان شۈكرى قانائەتچان خەقكەنمىز.توغرا بولغاندۇ ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 12:48:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاللات سىتالىن نۇرغۇن ئۇيغۇر  ئوغلانلىرىنى نابۇت قىلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77213
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 12:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى پۇتكۇل دۇنيانى تەۋرەتكەن مىللەت ئىدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش