قانغۇچە كۈلىۋېلىڭ
جانلاندۇرۇش جۈملىسى
ئېمتىھان سۇئالى:تۆۋەندىكى جۈملىىنى جانلاندۇرۇڭ، قۇشقاچ دەرەختە سايرىدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقوغۇچىلار << قۇشقاچ دەرەختە ناخشا ئېيىتتى >> دەپ جۈملە تۈزدى، ئەممابىر ئوقوغۇچى << مەن ئادەم، مەن ئادەم >> دەپ تۈزدى.
جۈملە ئۆزگەرتىش
مۇئەللىم:<< ئېشەك ماڭدى >> دېگەن جۈملىنى سوراق جۈملىگە ئۆزگەرتىڭلار.
ئوقوغۇچى: ئېشەك ماڭامدۇ؟
مۇئەللىم: توغىرا، ئەمدى بۇيرۇق جۈملىگە ئۆزگەرتىڭلار!
ئوقوغۇچى:چو!
دەۋر ئۆزگەردى
دەۋر راسىتنلا ئۆزگۈرۈپتۇ، بۇرۇن بالىلار قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئاتا-ئانسى << تېپىۋالغان >> دەيتى، ھازىر بولسا، <<نەرسە كېرەك سېتىۋالغاندا 200يۈەنگە توشقاچقا سوۋغا قىلغان >> دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولدى.
پۇل ئېلىش
تاللا بازىرىدىكى پۇل ئالغۇچىنىڭ ھەركىتىنىڭ تېزلىكىنى كۆرۈپ، كۆزۈم ئالا چەكمەن بولۇپ غۇدۇرۇدۇم:
ھەرىكىتىڭىز بەك تېز ئىكەن، قانچە پۇل ئالغانلىقىڭىزنىمۇ ئۇقالماي قالدىم،
بۇ سىزنى ئويلىغىنىم! دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، پۇل تۆلەش ئۇكۇل سالغۇزغانغا ئوخشايدۇ، ھەرىكەت قانچە چەبدەس بولسا ئاغىرىق ھېس قىلمايسىز.
شۇم خەۋەر
كاماندىروپكىغا چىقپ، مېھمانخانىغا ئەمدىلا ئورۇنلىشىپ تۇرۇشۇمغا خوتۇنۇم تېلېفون بەردى:
چاتاق بولدى، ئۆيگە ئوغىرى كىرىپتۇ، ئۆينى ئاختۇرۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىپتۇ، ئىشىكاپتىكى 1000يۋەن يوق تۇرۇدۇ، يەنە نېمىلەر يىتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.
دېلو مەلۇم قىلدىڭىزمۇ؟
ھەئە، ساقچىلار كەلدى، ئوغرىنى تۇتقاندىن كېيىن زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمىز دەيدۇ.
تېز بېرىپ كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىگە ئسىقلىق تويلۇق سۈرىتىمىزنىڭ كەينىدىكى كونۋېرىت بارمۇ-يوق، قاراپ باققىن.
ھېچنەرسە يوققۇ؟
ئاپلا! 2000يۋەن بار ئىدى، قانداق تېپىۋالغاندۇ بۇ ئوغىرى، ھاجەتخانىدىكى تەرەپ تۇڭىنىڭ كەينىگە قىسىپ قويغان سۇلىياۋ خالتا بارمىكەن؟
بۇ يەردىمۇ ھېچنەرسە يوقكەن.
مۇمكىن ئەمەس، ئۇ يەرگە 4000يۋەن قىسىپ قويغاندىم ئەمەسمۇ، نۇمۇرلىرى ئارقىمۇ-ئارقا 100يۋەنلىك يېڭى پۇللار ئىدى، ساقچىلارغا بۇنى چوقۇم ئەسكەرىتكىن!
يەنە بارمۇ؟
يوق.
ناھايتى ياخشى، بۇ قېتىملىق ئائىلە ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرىدىكى ئىپادىڭىز ناھايتى قالتىس بولدى، يارايسىز!
مەن تېلېفوننى تۇتۇپ نېمە دېيشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم.
زورونىڭ ئېتى
بىركۈنى زورو ئاتلىق ئايلىنىپ كېتىۋاتسا، بىر چىرايلىق قىز ئۇنىڭغا باغاقچە بېرىپ كېتىپ قاپتۇ، زورو باغاقچىنى ئېچىپ قارىسا << كەچتە ئاتام يوق كەلسىڭىز....>> دەپ يېزىلغانكەن.
زورو كەچ كىرگەندە ناھايتى خۇشال ھالدا قىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەپتۇ ھەمدە ئېتىغا مۇنداق دەپتۇ:
قىزنىڭ ئۆيى 3-قەۋەتتە ئىكەن مېنى دېرىزە ئاستىدا ساقلا، ئەگەر ئاتىسى تاساددىپى كېلىپ قالسا، سەكىرەپ سېىنى مېنىمەن، دە چاقىمىز، چۈشەندىڭمۇ؟
ئات زورونىڭ گەپلىرىنى چۈشەنگەندەك بېشىنى لىڭىشتىپ قويۇپتۇ.
زورو قىزنىڭ ھوجىرىسىغا كېرىپ تازاپاراڭلىشىۋاتسا ئىشىك چېكىلىپتۇ، قىز ھودۇققىنىدىن:
ئاپلا ئاتام كەلگەن ئوخشايدۇ، تېز قېچىڭ ! دەپ زورونى دېزىدە تەرەپكە ئىتتىرپتۇ، زورومۇ قىز بىلەن خوشلىشىشقا ئۈلگۈرمەيلا دەرىزىدىن سەكىرەپتۇ، قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ، قارىسا زورونىڭ ئېتى تۇرغۇدۇك، قىز ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ، بۇ چاغدا ئات زۇۋانغا كېلىپ دەپتۇ.
ياخشىمۇ سىز، مەن زورونىڭ ئېتى، خاپا بولماي ئۇنىڭغا دەپ قويسىڭىز، سىرىتتا يامغۇر قاتتىق.... مەن ئۇنى سىرىتتا ساقلاپ تۇراي.
مەنبە: قانۇنچىلىق تورى