قىزىل كۆز (قورقۇنۇچلۇق ھىكايە)
1. ئەسەر مەزمۇنى قورقۇنچلۇق بولۇپ قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە باشقا ئۇقۇشقا ماس كەلمەيدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇقىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز ، كېچىدە يالغۇز ئۇقۇشقا ھەرگىز بولمەيدۇ،يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا ئاپتۇر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
2.ئەسەر ھوقوقى ئاپتۇرغا ۋە مىسرانىم تورىغا تەۋە ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
مەلۇم بىرمەكتەپتە مۇنداق بىر ۋاقە يۇزبەرگەن ئىكەن .
مەكتەپنىڭ كۇنا بىر ياتاق بىناسى بولۇپ مەكتەپنىڭ چىتىدە بولغاچقىمۇ ياكى بۇ بىناداتۇرىدىغان ئادەم ئازبولغاچقىمۇ ئەتاۋۇر تاشلىنىپ قىلىپ ئۇزاققىچە رىمونىت قىلىنماپتۇ .بۇ بىنادىكى يىرىمدىم كۆپرەك ياتاقتا ئادەم تۇرمايدىكەن . يىڭىدىن ئوقۇشقا قوبول قىلىنغان ئايسىگۇل بىلەن مايسىگۇل بۇ بىنادىكى بىر ياتاققائورۇنلىشىپتۇ .بىراق بىرىنجى كۇنىلا مۇنداق ئىشقا يولىقىپتۇ .كىچە سائات 2بولغاندائۇلار كاردوردىن ئاڭلانغان ئەنسىز ئاۋازدىن چۆچۇپ ئويغۇنۇپتۇ . دىقەت قىلىپئاڭلىسا ئاۋاز كاردوردىن كىلىۋاتقان ،ئاۋاز بىر قىزنىڭ يىغا ئاۋازى بولۇپ شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ،شۇنچىلىك ئىچىنىشلىق ئىكەن . ئايسىگۇل بىلەن مايسىگۇلنىڭ قورقىنىدىنچىرايىدا قان قالماپتۇ . كىچىنى مىڭ تەستە ئۆتكۇزۇپ ئەتىسى ئۇلار يۇقىرى يىللىقتىكى ھەمساۋاق ئاچىلىرىدىن بۇغەلىتە ئىشنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ . دەسلەپ ئۇلار بۇ ئككىسىگە بۇنىڭ پەقەت خىيالى تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۇلارنى ئالدىماقچى بوپتۇ . بىراق ئۇلار ئالدانماپتۇ .ئاخىرى ياشتا چوڭراق بىرسى يىغلامسىراپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ. -نەچچەيىل بۇرۇن بۇ بىنادا بىر قىز باشقىلارنىڭ خورلىشىغا ئۇچراپ ئەلەمگە چىدىماي ئىسىلىپ ئۆلىۋاپتىكەن ،ھەر كۇنى دەل شۇقىز ئۆلىۋالغان پەيىتتە قىزچاقنىڭ روھى كىلىپ بۇ بىنادا ئۆزى ئۇچرىغان ناھاقچىلىككە ھەق ،جىنىغا جان تىلەپ ئەنە شۇنداق ئىچىنىشلىق تولايدىكەن .بىز بۇنىڭغا كۆنۇپ قالدۇق ... -نەدىمۇ جىن –ئەرۋاھ بولسۇن ؟ ئۇ چۇقۇم بىرسىنىڭ قاملاشمىغان چاخچىقى ،بۇگۇن كىچە مەن ئۇنىڭ ئەپتى –بەشىرىسىنى ئىچىپ تاشلايمەن .دەپتۇ ئايسىگۇل ئىشەنمەي . ئايسىگۇل شۇنداق دەپلا چىقىپ كىتىپتۇ . ئەسلىدەچوڭلارنىڭ گىپى تىخى تۇگىمىگەن ئىكەن ،مايسىگۇللا گەپنىڭ داۋامىنى تولۇق ئاڭلاپ ئاندىن چىقىپ كىتىپتۇ . شۇكۇنى كەچتە ئايسىگۇلمۇ مايسىگۇلمۇ ئۇخلىماپتۇ .سائەت 1دىن ئاشقاندا ھىلىقى ئاۋاز يەنەئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ .تولۇق قۇراللانغان ئايسىگۇل بىر قولىدا سۇپۇرگە بىر قولىداتوبا تۇتۇپ ئالدىدا مىڭىپتۇ ،مايسىگۇل بولسا بىرىشنى خالىمىغاچقا ئارقىدىن سۆرىلىپ مىڭىپتۇ . ئاۋازئۇستىكى قەۋەتنىڭ ئەڭ چىتىدىكى بىر ياتاقتىن چىقىۋاتقان ئىكەن . ئۇلارياتاقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختاپتۇ .ئايسىگۇل ئىشىكنى خىلىئىتتىرىپ مۇ ئاچالماپتۇ ،قانداقتۇر بىر خىل كۆچ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىتتىرىپ تۇرغاندىكلا ھىس قىپتۇ . ئىشىكنىڭ قۇلىپى كونا شەكىلدىكى قۇلۇپ بولۇپ ئاچقۇچ سالىدىغان يىرىدە چىمىلاق قولچىلىك بىرتال كامار بار ئىكەن . ئايسىگۇل ئاستا ئىڭىشىپ كاماردىن ياتاقنىڭ ئىچىگە قاراپتۇ ،بىراق كۆزىگە ھەممە يەر قاندەك قىپ –قىزىل كۆرنۇپتۇ . ھەيران بولغان كۆزىنى تازابىر ئۇۋلىۋىتىپ قايتا قاراپتۇ. ئامما يەنىلا ئوخشاش قىپقىزىل كۆرنۇپتۇ . ئايسىگۇل ئاستا ئارقىغا بۇرۇلۇپ قورقىنىدىن ياغاچتەك قىتىپ قالغان مايسىگۇلگە -سەن قاراپ باقە ئاداش ياتاقنىڭ ئىچى قىپقىزىللا كۆرنىۋاتىدۇ .دەپتۇ.نۇ گەپنى ئاڭلاپ مايسىگۇل ئارقىغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كىتىپتۇ . بىرھازادىن كىيىن ئاران ھۇشىغا كىلىپ تومۇردەك قاردەپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى ئاران مىدىرلىتىپ تۇرۇپ . ھەمساۋاق ئاچىلارنىڭ ئىيتىشچە بۇ قىز ئۆلىۋالغاندا ئىككى كۆزىگە لىق قان تولغان ئىكەن ،ئۇنىڭ ئككى كۆرقارچۇقىمۇ قىپ-قىزىل ئىكەن .دەپتۇ .بۇگەپنى ئاڭلىغان ئايسىگۇلمۇ ئورنىغىلا يىقىپ تارتىشىپ قاپتۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-23 12:13 PM
|