مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2119|ئىنكاس: 22

دادامدىن كەلگەن خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 10:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        2ئاي ئىلگىرى قادىر ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نەچچە يىل يۈرگەن يىگىتىم،ھازىرقى ھالال جۈپتۈم يولدىشىم بىلەن توي قىلدىم،تويغا 15كۈن قالغاندا ئىدارىدىن تويلۇق دەم ئېلىش ۋە يىللىق دەم ئېلىشىمنى بىراقلا ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ
تويغا تەييارلىق قىلدىم،كۈنلەر بىر بىرىنى تېز قوغلىشىپ ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى،ئەلۋەتتە تويۇم بولىدىغان بىر بەخىتلىك قىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خوشاللىقلاردىن كۈلسەم بولاتتى،لېكىن نېمىشقىدۇر توي يېقىنلاشقانسىرى كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ،
ئاتا ئانامدىن ئايرىلغۇم كەلمەي قېلىۋاتاتتى،لېكىن نېمە ئامال قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدىغان گەپ،،،،،،،
شۇنداق قىلىپ تويغا قىلغان تەييارلىقلارنىڭ پۈتىشىگە ئەگىشىپ ۋاقىتمۇ قىستاپ كەلدى،ئۆگۈنلۈككە توي،بۈگۈن مېنىڭ بۇ ئۆيدە تويدىن بۇرۇنقى قونىۋالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاخشىمىم،ئاتا ئانامنىڭ قوينىدا ئەركىلەپ يۈرگەن 25يىللىق ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى بىر ئاخشىمى،شۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرىم نەملەندى،ئۇيقۇم قاچتى،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاپام ،داداملار ياتقان ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدىم،ئاپام جاينىماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ نېمىلەرنىدۇر دەپ يىغلاۋاتاتتى،دادام بولسا دەرىزە تۈۋىدە چوڭقۇر خياللار قوينىغا غەرىق بولغانىدى،تېزلا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدىم ۋە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم،ئەسلىدە مېنىڭلا كۆڭلۈم يېرىم ئەمەس ،بەلكى ئاتا ئانامنىڭمۇ مەندىن ئايرىلغۇسى كەلمەي كۆڭلى يېرىم بولىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ،،شۇ چوڭقۇر خىياللار ئىلكىدە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن.
    ئەتىسى جۈمە نامىزىدىن كىيىن ئۆرۈپ ئادىتىمىز ۋە ئىسلامى قائىدىمىز بويىچە مال سويۇلدى،كەچتە ئاپام دادام تەرەپنىڭ ھەممە ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆيىمىزگە يىغىلدى،تەرتىپ بويىچە تۆت دوستۇم ۋە يەڭگە بولغۇچى ئايال بىلەن ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئۆيگە كىردىم،ئۆيگە كىرىپلا ئۇرۇق تۇققانلارنى ،ئاپام دادامنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئېسەدەپ يىغلاپ تاشلىدىم،،چوڭلار تەرەپ تەرەپتىن ماڭا تەلىم بېرىۋاتاتتى،ئەڭ ئاخىرىدا دادام يېنىمغا كېلىپ :
      -قىزىم ،ئەتە تويىڭىز بولغىلىۋاتىدۇ،يىغلىماڭ تويدىن كىيىن يولدىشىڭىزنىڭ قېيىنئانا،قېيىنئاتىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ياخشى ئايال،ياخشى كېلىن بولۇڭ،ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،،دېگەن گەپلەرنى ئاران ئاران دىيەلىدى،ۋە پېشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ مېنى ئۇزاتتى،ئۇزىتىش ئالدىدا،قولۇمغا قىزىل كونۋېرتنى تۇتقۇزدى ۋە بۇنى تويدىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئېچىشىمنى تاپىلىدى،كەينىدىن ئاپاممۇ يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېشىمدىن نان ئۆرۈپ بوسۇغىدا قالدى...
      شۇنداق قىلىپ توي ئاخىرلاشتى،مەن يولدىشىم ،قېيىنئانام،قېيىنئاتام ۋە تويغا كەلگەن تۇققانلار بىلەن قايتىپ كەتتىم،ئۆيگە كېلىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم دادام بەرگەن كونۋېرتنى ئېچىش بولدى،كونۋېرتقا چىرايىق قاتلانغان بىر پارچە خەت سېلىنغان بولۇپ بۇ بىر ئاتىنىڭ قىزىغا ئېيىتقان يۈرەك سۆزلىرى ئىدى،بۇ پەقەت بىر ئاتىنىڭ قەلىپ سۆزى بولماستىن بەلكى بارلىق مېھرىبان،قەلبى ئاتەش ئاتىلارنىڭ ھەممە قىزلارغا ئېيىتقان يۈرەك سۆزلىرى بولۇپ قالغۇسى،،،،،،،،،،،،،،
خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى.
                                                    قىزىمغا يېزىلغان خەت
       يۈرەك پارەم،ھاياتىمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى،ئۆيۈمنىڭ گۈلى ۋە زىننىتى،ئەزىز مېھمىنىم،قەدىرلىك قىزىم،تىنىچ
خاتىرجەم ئۆيىڭىزگە بېرىۋالدىڭىزمۇ؟ئەڭ ئاۋال ئۇلۇغ ئاللادىن ھەرزامان سىزنىڭ ئامانلىقىڭىزنى ،خاتىرجەملىكىڭىزنى،
ئائىلىڭىزنىڭ بەرىكىتىنى،يولدىشىڭىز ئىككىڭلارنىڭ بەختىنى،ئاسايىشلىقىنى تىلەيمەن.
      ئوماق قىزىم ،سىز چوڭ بولدىڭىز ئاللا سىزگە بۇيرىغان پەرىزنى ئادا قىلدىڭىز،بىر ئەرنىڭ ھالاللىق جۈپتى بولدىڭىز ،دېمەك بۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە تولىمۇ جاپالىق ئەمما شەرەپلىك،ئېغىر لېكىن تولىمۇ ساۋاپلىق بىر يۈك يۈكلەندى،سىز ئەمدى ئىلگىرىكى ئەركە چوڭ بولغان ،دېگىنىنى قىلمىسا بولدى قىلمايدىغان،يۈگەنسىز ئات ئەمەس،بەلكى شۇ شەرەپلىك ئامانەتنى ئۈستىگە يۈدۈپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان،مېھرىبان،پەزىلەتلىك ئېغىر بېسىق ،پىشقان ئايال بولۇڭ،
ھەرگىزمۇ ئاغىزى ئىتتىك ،پۇت قولى بوشاڭ ھورۇن ،گەپ توشۇغاق ناچار كېلىن بولۇپ قالماڭ،ئېسىڭىزدە بولسۇنكى 25 يىلدىن بۇيان ئاپىڭىز ئىككىمىزنى قانداق ھۆمەتلەپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز قېيىنئاپا ،قېيىنئاتىڭىزنى ،يولدىشىڭىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنى شۇنداق ھۆرمەتلەڭ،بىلەمسىز قىزىم دۇنيادا يات بىراۋغا ئانا ،ئاتا بولماق ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قىيىن+ئانا،قىيىن+ئاتا دەپ ئاتايمىز،شۇڭا سىز ئۇلارغا ئۆز قىزىنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىڭ ،سىزدىن ھەرگىزمۇ كۆڭلى قالمىسۇن،چۈنكى سىلەر ياشلار ئاتا ئانىنىڭ،چوڭلارنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق كۆكلەيسىلەر.ئاللا سىلەرگە بەخىت ئاتا قىلسۇن....
     قەدىرلىك قىزىم سىز ئەمدى ئەرلىك ئايال بولدىڭىز،ئاپىڭىز ئىككىمىز سىزگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇپ ئۆتەلمەيمىز،شۇڭا يولدىشىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ ،ئۇنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە ئىش قىلىڭ،ئۇنى رەنجىتمەڭ،گېپىنى ئاڭلاڭ،دوستلىرى ،ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئالدىدا بەكرەك ھۆرمىتىنى قىلىڭ،چۈنكى ئەر كىشى دېگەن يۈز ئابرۇيغا بەك ئېتىبار بېرىدۇ،،يولدىشىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇ يەر بۇ يەرلەردە يۈرمەڭ،ئاخشىمى سىرتلاردا قونۇپ قالماڭ،شەرمى ھايالىق ھەقىقى ئايال بولۇڭ.
    ئۆيۈمنىڭ گۈلى قىزىم،ئاللا بىز بەندىلەرگە پەرىز قىلغان بەش ۋاق ناماز ھەردائىم سىزگە ھەمرا بولسۇن،خىزمەت ئالدىراشلىقى ،تۇرمۇش ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ نامازنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ھەر دائىم ياخشى ئىش قىلىڭ،يامان نىيەتلىك،قارا كۆڭۈللۈك،رەزىللىكلەردىن ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،ھەر ۋاقىت ئاللاھ يولىدا مېڭىڭ،گەپلىرىم دائىم قۇلىقىڭىزدا بولسۇن .
    جېنىم قىزىم بۈگۈن خۇددى مېنىڭ يۈرۈگۈمنى بىرسى سۇغۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى،سىزگە پەقەتلا چىدىمىدىم،سىز تۇغۇلغاندا بېشىم كۆككە يەتكەن ئىدى،سىزنى كۆز قارچۇقۇمنى ئاسىرغاندەك ئاسىراپ چوڭ قىلغان ئىدىم،لېكىن سىز بۈگۈن باشقا بىر ئۆيگە ماڭدىڭىز،سىز مەڭگۈ بىزگە مېھمانسىز،بىلەمسىز تاتلىق قىزىم مېھماننىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيىتى نېمە؟ئۇ ئەلۋەتتە بىر ئۆيگە مېھمان بولۇپ كەلسە مەيلى قانچىلىك تۇرىشىدىن قەتئنەزەر ھامىنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ،،يەنە بىرى ،ياخشى مېھمان ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئوتتۇرسىدا گەپ توشىمايدۇ،باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى ئۆي ئىگىسىگە قىلمايدۇ،گېپىم چۈشىنىشلىك بولدىغۇ دەيمەن ،شۇنداقمۇ ئەقىللىق قىزىم،راستىنى ئېيىتسام دادىڭىزنىڭ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى ،لېكىن ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبىدىن سىزگە بولغان پەند نەسىھىتىم ۋە يۈرەك سۆزلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن.
    گۈزەل قىزىم،،دادىڭىزنىڭ گەپلىرى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز ،مەنىسىز تۇيۇلۇپ قالمىسۇن،ھەر بىر ئېغىز سۆزۈم ھەر قاچان سەمىڭىزدە بولسۇن،ئاپىڭىز ئىككىمىزنىڭ گۈزەل تىلەكلىرى ۋە دۇئالىرى سىزبىلەن دائىم بىللە،گەرچە ئارلىقىمىز بەكلا يىراق بولسىمۇ ،قەلبىمىز سىز بىلەن بىللە.
ئارزۇلۇق قىزىم ،ئاخىردا يەنە ئوخشاشلا تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك ،تېنىڭىزغا سالامەتلىك،ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق
ئائىلىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى قادىر ئاللادىن تىلەيمەن،ۋاقتى ۋاقتىدا تىلفۇندا بولسىمۇ بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ،ئۆزىڭىزنى داۋاملىق كۆرەلمىسەكمۇ گۈزەل ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرايلى...........خەيىر ،ئاپپاق قىزىم ،كۆرۈشكىچە ئالتۇن تېنىمىز ئامان بولسۇن،سىزنى قۇدرەتلىك ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
        سىزنى مەڭگۈ سۆيۈپ دادىڭىزدىن.
   قالايمىقان ئىنكاس يازغۇچىلار ئاۋارە بولماڭ،،،رەھمەت

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qaraxani + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك
awatbag + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 659   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:26:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ساپ قەلىبلىك دادىلار،ئىتائەتمەن پەرزەنتلەر ئاللاھ خالىسا گۈزەل كەلگۈسىمىزنىڭ ئۇلى بولۇپقالغۇسى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئاتا -ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىگە مۇشۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلىپ تۇرسا،پەرزەنتلەرمۇ ئاتا -ئانىسىنىپ نەسىھەتلىرىنى قۇلىقىدا تۇتۇپ،ئەمەل قىلىپ ماڭسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى -ھە.......
ھەقىقىي ئېسىل ،ئالىجاناب،پەزىلەتلىك   كىشىكەن دادىڭىز...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
abdurahman123 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 11:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاتىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپيىشىنى ئۈمۈد قىلمەن

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:28:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادىڭىز بەك ئىسىل ئادەم ئىكەن . مۇشۇنداق ياخشى دادىڭىز بولغىنىدىن پەخىرلىنىڭ . مەنمۇ شۇنداق پەخىرلىنىمەن . اللە ئۇلارنى ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:31:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:41:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:46:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا-ئانا تەربىيىسى پەرزەنتلەرنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ،لىكىن ئۈسۈپ يىتىلىش شارائىتتىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95965
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 01:55:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق ھىسياتنى بىز ھازىرچە چۈشىنىشكە ئاجىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش