مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2573|ئىنكاس: 15

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى( ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45590
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6522 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 08:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى( ئۇيغۇرچە) تەھرىراتىغا تەكلىپ

  

                  ئىزاھات:

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2012-يىللىق ئاخىرقى سانلىرىدا ژۇرنال تەھرىر ھەيئەتلىرىنىڭ  ئىش تەقسىماتى دائىرىسىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقى، شۇڭا يېڭى يىلدىكى يېڭى سان ژۇرنالدىن باشلاپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ يېڭىچە مەزمۇن، يېڭىچە شەكىللەردە، رەڭدار، نەپىس...نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇلىدىغانلىقى...ھەققىدە خېلى دەبدەبىلىك بايانلارنى مەزكۇر ژۇرنال ۋە باشقا خېلى كۆپ تاراتقۇلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان-جاكارلىغان ئىدى. دەرۋەقە، يېڭى سان ژۇرنالدىن باشلاپ، بۇ گۈلدۈرمامىلارنىڭ بىشارەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.  ئەمما بۇ «يېڭىلىق»لار قانداقتۇر مەزكۇر ژۇرنال ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەكۈنلەپ قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم خاسلىقلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىز بىلەن ياتسىراپراق يۈز كۆرۈشمەكتە!  مانا، «يېڭىچە لاتاپەت»بىلەن بىزگە يۈز ئاچقان 4-ساننىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بۇ ھەقتە مۇنبىرىمىزدىمۇ بەلگىلىك ئىنكاسلار  ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەن ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ ئۆتكەن يىل ئاخىرىدىكى مۇراجىتى بويىچە شۇ ۋاقىتتا يېزىپ-تەييارلاپ، 2012-يىل 26-دېكابىر كۈنى مەزكۇر ژۇرنالغا يوللىغان تۆۋەندىكى تەكلىپ-پىكىرلىرىمنى تولىمۇ كېچىككەن (گەرچە شۇ كەمگىچە ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن ھېچبىر ئىنكاس قايتۇرۇلمىغان) بولسىمۇ، شۇ بويىچە بۇ مۇنبەرگە يوللاپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئاپتورلىرى، ئوقۇرمەنلىرى، شۇنداقلا مۇنبىرىمىز ئەزالىرىدىن ھېسابلىنىدىغان بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولۇۋاتىمەن. مەقسەت شۇكى: «جۇڭگۇدىكى مىللەتلەرنى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك قوش ئايلىق يادرولۇق ژۇرنال» بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى»(ئەسلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى») ژۇرنىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاۋام ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىشىغا دالالەت قىلىش.

باشقىلارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىلمىي نۇقتىدىن، دادىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

                     دوستانە تىلەك، سەمىمىي ئۈمىد

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" _' \# U, m) k$ U! N: B% p

                                          ياسىنجان ئوسمان ئەكزات

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; p  b  |$ M% D# P( L+ x

     ( «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلەر پائالىيىتىگە

               قارىتا كۆڭۈل سۆزلىرىم ۋە تىلەكلىرىم )


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! Q  s; b. {! c4 G! f; D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 n5 Z/ A- `" f8 }4 v4 R! C! Q7 y

  

مەن «جۇڭگۇدىكى مىللەتلەرنى نوپۇزلۇق تەشۋىق قىلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك قوش ئايلىق يادرولۇق ژۇرنال» بولغان «جۇڭگو مىللەتلىرى»(ئەسلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى») ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغان 24  يىلدىن بۇيان، بۇ ژۇرنالنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقىرىلىشى ئۈچۈن  مەزكۇر ژۇرنالنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ ئوقۇپ، ماقالە-ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ ۋە نەچچە ئون قېتىملاپ بۇنداق ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ رەڭدار، جەلىپكار، مەزمۇنلۇق، نوپۇزلۇق ژۇرنال بولۇشىغا  تېگىشلىك ھەسسەمنى قوشۇپ كېلىۋاتقان  ئەڭ قەدىناس دوستى، ئەڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى ۋە دائىمىيلىق ئاپتورلىرىنىڭ بىرىمەن. كىتاب ئىشكاۋىمدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 144 سانىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر يۈز نەچچە سانى دېگۈدەك بار. 2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئېنىقراق ئېيتقاندا 2012-يىل 4-سان ژۇرنالدىن باشلاپ، بۇ ژۇرنال ئۆزىگە خاس كوزېر سەھىپىلىرىنى، جۈملىدىن ئۆزىگە خاس مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىشقا باشلىدى. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ ئالاھىدە بىر مەپتۇنكارى بولغاچقا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ قانداق باشقۇرۇلۇشىغا مەسئىلىيەتچانلىق بىلەن قاراش بۇرچۇم بار. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىلگىرى يارىتىلغان گۈزەل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن دوستانە تىلەك ۋە سەمىمىي ئۈمىدلىرىمنى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:

1. «بىز ھەممىدىن ياخشىسىنى تاللايمىز، ھەممىدىن ياخشىسى بىزنى تاللىسۇن!» دېگەن ژۇرنال شوئارى بويىچە ياخشى چىقىرىلىۋاتقان  ھەم  «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»  «كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس» دېگەن ھېكمەت بويىچە ئىش قىلىشنى بىلىدىغان مەزكۇر ژۇرنال تەھرىراتى ئالدىنقى 10 نەچچە يىل داۋامىدا ئىزچىل دېگۈدەك «ئوقۇرمەنلەر ساداسى» سەھىپىسىنى يولغا قويۇپ ۋە ئۇنى ياخشى باشقۇرۇپ، ژۇرنال سەھىپىلىرىدىكى ماقالە-ئەسەرلەر ھەققىدە ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرگەن ئوقۇرمەنلەر ئىچىدىن «ئىخلاسمەن ئوقۇرمەن» لەرنى تاللاپ چىقىپ، ژۇرنال يۈزدە ئۇلارنىڭ نامىنى، رەسىمنى،تەكلىپ-پىكىرلىرىنىڭ قىممىتىگە ئاساسەن ئېرىشكەن دەرىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ يىللىق توپلاملىرى ۋە ئەسەرلەر توپلاملىرىنى، خاتىرە بويۇملىرىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەم ژۇرنالنىڭ ئالدىنقى سانىدىن كىيىنكى سانلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتسا ھەم ئاپتۇرلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر ژۇرنالغا بولغان قىزىقىشى، مايىللىقى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ خەيرىلىك ياخشى ئىش توختاپ قالدى. مېنىڭچە، بۇنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.

2. «مىللەتلەر باغچىسى»، «ھەزىل سوئال-جاۋابلار»، «بەت ئاستى چىمەنزارى»، «مۇقاۋا 4-بېتى»... قاتارلىق كوزېر سەھىپە ۋە ئۇچۇرلار  مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلىرى ھېسابلىنىدىغان سەر خىل سەھىپە ۋە مەزمۇنلار ئىدى. بۇلار دەۋر تەرەققىياتى ۋە ئوقۇرمەنلەر تەلىپىگە ماس ھالدا تېخىمۇ تەرەققىي قىلماي، ئەكسىچە بارا-بارا ئاساسەن يوقىلىپ كەتتى. شۇڭا، بۇ تەرەپلەرگە يەنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىپ، ئەسلىدىكى سەھىپە-مەزمۇنلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تولۇقلاش ئاساسىدا، 20 نەچچە يىلدا يارىتىلغان ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن ژۇرنال خاسلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى قايتا مۇزاكىرە قىلىنىپ بېقىلسا.

3. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان بارلىققا كېلىپ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن «مىللەت» نامى بىلەن باشلانغان بىر يۈرۈش سەھىپىلىرى بار ئىدى. مەسىلەن: «دۇنيا مىللەتلىرى»، «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ»، «ساپا ھەققىدە پاراڭ»، «مىللەت ۋە مەدەنىيەت»، «مىللەت ۋە ئۆرپ-ئادەت»، «مىللەت ۋە ئەنئەنە»، «مىللەت ۋە مائارىپ»، «مىللەت ۋە ھۈنەر-كەسىپ»، «مىللەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت»، «فېليەتونلار بۇلۇڭى»، «ھاياتلىق ھېكمەتلىرى»... قاتارلىق سەھىپىلەر ئىزچىل ھالدا مەن، مەنلا ئەمەس، بارلىق  ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇيدىغان سەھىپىلەر بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ سەھىپىلەر ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ يوقىلىپ كەتتى. شۇڭا بۇ سەھىپىلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇلۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە بۇ سەھىپىلەر ئارقىلىق ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىلسە.

     4. ئەختەم ئۆمەر، يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق، ئابدۇرەھۇپ پولات تەكلىماكانىي، تۇرغۇن يىلتىز، ئەنۋەر مەتسەيدى، مۇھەممەتجان راشىدىن... قاتارلىق ئەدىبلەرنى مەزكۇر ژۇرنال ئۈچۈن ئىزچىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان، قىلىۋاتقان، ژۇرنالنىڭ ئوقۇرمەنلەر سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئاساس سالغان جان كۆيەر ئاپتورلىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز. مۇشۇ پەخىرلىك ئاپتورلىرىمىزنىڭ (ھايات بارلىرىنىڭ) ياخشى ئەسەرلىرىنى مەزكۇر ژۇرنالقا جەلىپ قىلىش يەنىمۇ چىڭ تۇتۇلسا.

5. مەزكۇر ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدىكى قارىشىم مۇنداق: مەزكۇر ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى مەزمۇن بەدىئىيلىك، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالغاندا،  خېلىلا يوقىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما بەزى سانلاردىكى قىسمەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى تازا يۇقىرى ئەمەس. بولۇپمۇ ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، سانغىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، سۈپەتكە سەل قاراش، ئەسەرلەر بەلگىلىك ساندىكى ئاپتورلارغىلا مەركەشىلىپ قېلىش، بەزى غوللۇق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەقسەتلىك ھالدا ئاللىقانداق نۇقتىلار چىقىش قىلىنىپ، دارتمىلاش، شۇ ماقالە-ئەسەرلەردىكى قىسمەن قاراش ۋە سۆز-جۈملىلىرىگە قارىتا سەلبىڭ قاراشتا بولۇپ، باشقىلارنىڭ شۇ تېما ۋە شۇ مەزمۇندىكى ئەسەرلىرى بەزى ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن مەقسەتلىك سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق بەزى جانلىق، غوللۇق ئاپتورلارنىڭ مۇشۇ ژۇرنالغا بولغان قىزغىنلىقىنى سۇسۇلاشتۇرۇپ قويۇشتەك قىسمەن ئەھۋاللارمۇ ساقلىنىپ قالدى. شۇڭا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئادىل، ھەققىانىي بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا.

6. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىچ بەت ۋە مۇقاۋىسىنىڭ لايىھەلىنىشى جەھەتتىكى  قارىشىم: تۈرلۈك ژانېردىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى  جەمئىيتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، مەزكۇر ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھالدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى ئىزچىل دېگۈدەك روشەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى ژۇرنال مۇقاۋىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى چىقىرىلىپ كېلىگەن ئىدى. بولۇپمۇ، بۇ ژۇرنالنىڭ 4-بېتى ئۆزگىچە  چىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ خاسلىقىنى باشقا ھەرقانداق بىر ژۇرنالدىن تاپقىلى بولمايتتى. يەنى رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن شېئىر ئىزچىل ھالدا روشەن خاسلىق بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى، بۇ ژۇرنالنىڭ بۇرۇنقى مۇقاۋا  4-بېتىدىكى ئىزچىللىق ۋە ئالاھىدىلىك بۇ ژۇرنالنىڭ ئالاھىدە خاسلىقى ئىدى، ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ژۇرنالنىڭ  مۇقاۋا  4-بېتىنى باشقۇرۇش ئەنئەنىسى بۇزۇۋېتىلدى،  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھەرقايسى سان ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا 4-بېتىنى ئېلانلار ئىگىلەپ كېتىپ، ژۇرنال بۇ جەھەتتىمۇ خاسلىقىنى يوقىتىپ، ئۆزىگە ئوخشىماي قالدى...

ئىلگىرىكى يىللاردا، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىچ بەتلىرى ۋە مۇقاۋىنىڭ لايىھەلىنىشىنى ژۇرنال خاراكتېرى ۋە سەھىپىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرلغان ماقالە-ئەسەرلەر مەزمۇنىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىزچىل ھالدا ياخشى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى، شۇڭا مەزكۇر ژۇرنال بۇ ئەنئەنىسى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى يەنىلا ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

7. بۇ ژۇرنال ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە، ئالدىنقى سان ژۇرناللاردىكى ئوقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرغان ئەسەرلەرنى باھالاشتىن ئىبارەت ئوقۇرمەنلەر رايىنى سىناش پائالىيىتى خېلىلا ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم بەرگەن ئىدى. ئەمما نېمە سەۋەبلەردىنكىن-تاڭ،  ياخشى داۋاملىۋاتقان بۇ تۈزۈممۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇڭا ئەل رايى قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلىۋاتقان بۈگۈنكى رىقابەت دەرىدە مېنىڭچە، بۇنى چوقۇم  يولغا قويۇش كېرەك.

8. ئەدەبىي ئىجادىيەت گۈلىستانىدا ئەمدىلا قەدەم باسقان، ئەمما كىتاپخانلار ئارىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ژۇرنالدا ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش  ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىلسە. شۇنداقلا يەنە، ئەدەبىيات ساھەسىدە تەسىرى بار، ئەمما مەزكۇر ژۇرنال گۈلىستانىغا قەدەم باسمايۋاتقان ئۈمىدلىك، ھۆرمەتلىك قەلەم ساھىبلىرىنى «جۇڭگو مىللەتلىرى»نىڭ رەڭدار گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بۇ ئىجاد گۈلشەنىگە تەكلىپ بىلەن باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنى باشقا خۇش ناۋا بۇلبۇللار بىلەن بىللە سايراشقا تەكلىپ قىلىنسا   بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى. شۇ ئارقىلىق ئىجادچان باشقا ياشلارنىڭ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ ئىجاد مۇساپىسىدە دادىل ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يول ئىچىپ بېرىش قەدىمنى تېزلەتكىلى بولاتتى.

9. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام...» دېگەنگە ئوخشاش مانا مۇشۇنداق  مۇكاپاتلىق  تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىش پائالىيىتىنى ھەر ساندا دېگۈدەك يولغا قويۇپ، ئوقۇرمەنلەر ۋە ئاپتورلار ئوتتۇرىغا قويغان پايدىلىق پىكىر-تەكلىپلەرنى ئىجادىي قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ژۇرنالنى مۇھەررىر، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەر بىرلىكتە ئورتاق مەسلىھەت بىلەن باشقۇرۇپ، كىم نېمىنى ياقتۇرسا، شۇنى مەزكۇر ژۇرنال سەھىپىلىرىدىن تاپالايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشقا يەنىمۇ كۈچەپ قويۇلسا.  «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام»، ئۆزۈم باشقۇرىۋاتقان ژۇرنال ئۈچۈن دائىملىق قەلەم تەۋرىتىۋاتقان ئاپتۇرلارنى ئامالىنىڭ بېرىچە، ھېچ بولمىسا 3-5 يىلدا بولسىمۇ بىر قېتىم بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ژۇرنال، مۇھەررىرلەر، ئەسەرلەر، ئاپتۇرلار، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەسەۋۋۇرلار ھەققىدە ئىككى كۈنلۈك بولسىمۇ سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغان، شۇ ئارقىلىق «كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» دېگەن ھېكمەت بويىچە ئىش قىلاتتىم.

10. «جەزبىدار گۈلدەستە، يېڭى ئەسىرگە سوۋغا» نامىدا ئەدەبىي توپلاملار تۈزۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلۇپ تۇرۇلۇش ئارقىلىق ھەم جەۋھەر ئەسەرلىرىمىز توپلام ھالىتىدە ئۆز قىممىتىنى تاپسا ھەم ئاپتۇرلارنىڭ يۈرەك قېنى بەدىلىگە كەلگەن ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن توپلامغا كىرگۈزۈلۈشتەك ئاپتۇرلىرىمىز ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، نېمە سەۋەپتىنكىن-تاڭ ئەھمىيەتلىك بۇ ئىش شۇ چاغدىكى ئىزىدا توختاپلا قالدى، خالاس! «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» مۇشۇنداق توپلاملارنى پات-پات چىقىرىپ، ئېسىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەرنى توپلاپ تۇراتتىم.

11. «ھەزىل سوئال-جاۋابلار» مەزكۇر ژۇرنالنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، سۆيۈپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، جۈملىدىن، بۇ ژۇرنالنى بىلىدىغان، شۇنداقلا مەزكۇر ژۇرنال قولىغا چىققانلىكى ئادەم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان، ئوقۇرمەنلەرنى مۇشۇ ژۇرنالغا رام قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سەھىپە ئىدى. ئەپسۇس، بۇ سەھىپىدىمۇ يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان، بەزىدە بار، بەزىدە يوق ھالغا چۈشۈپ قالدى، 2013-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىلدى!... تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئىلگىرى تۈزۈلگەن توپلاملاردىنمۇ قارىماققا كۈلكىدەكلا كۈرۈنگىنى بىلەن، ماھىيەتتە ھاياتلىق ھېكمەتلىرىنى، جەمئىيتىمىزدىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ خىل سوئال-جاۋابلار ئورۇن ئالالمىدى. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام»  بۇ مەزمۇنلاردىنمۇ تاللاپ توپلامغا كىرگۈزەتتىم.

12. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىدە مەيلى چوڭراق ھەجىمدىكى ماقالە-ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان داڭلىق يازغۇچى- سەنئەتكارلار بولسۇن، مەيلى قولىغا ئەمدىلا قەلەم ئېلىپ، دەسلەپكى ئەجىر مېۋىسىنى ژۇرنال سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا تېنەپ-تەمتىرەش بىلەن بېسىۋاتقان نوتا قەلەمكەشلەرنىڭ ژۇرنال ھەققىدىكى بىر نەچچە جۈملىلىك تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسۇن، ژۇرنال بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇشەررەپ بولالايدىغان بولسىلا، شۇ ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىگە قوشۇلۇپ ئاپتۇرنىڭ مۇبارەك رەسمىمۇ بىللە ژۇرنال بەتلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىپ، شۇ ئاپتۇر ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئىجادىيەت گۈلىستانىغا يېڭىدىن قەدەم باسقان ئۈمىد-غۇنچىلىرىنىڭ پورەكلەپ خۇش ھىدلارنى چېچىشى ئۈچۈن زور مەدەتلەر بېرىلەتتى. نېمە ئۈچۈنكىن بۇ خېل قوللاش، ئىلھاملاندۇرۇشلارمۇ بارا-بارا سۇسلىشىپ قالدى، ھەتتا يوقاپلا كەتتى. مېنىڭچە، بۇ ئالاھىدە كۆپ ئىقتىسادىي مەبلەغ ۋە زور تېخنىكىلىق ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولمىغاچقا، شۇڭا، ژۇرنالنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەك. چۈنكى بۇ ئارقىلىقمۇ ھەم ژۇرنالنىڭ كىتاپخانلار قەلبىدىكى ئوبرازىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى ھەم ژۇرنالنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرى، دائىمىيلىق ئاپتۇرلىرى ۋە ژۇرنال ئۈچۈن پەرۋانە بولغۇچى ئىجاد پەرۋانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

13. «ئەگەر مەن مۇھەررىر بولسام» ژۇرنالنىڭ ئىملا جەھەتتىكى ئۆتكەلنى تېخىمۇ چىڭ تۇتاتتىم. چۈنكى، ئىملا مەلۇم بىر تىلدا ئۆز تۇيغۇلىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھەم بىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ روشەن دەلىلى. بۈيۈك تىل پىشۋايىمىز نەۋائىي ھەزرەتلىرى:« ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى، بال يېمە دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى»دەپ تولىمۇ ئورۇنلۇق كۆرسەتكەنىدى.  ئەگەر ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن، ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ھەر بىر ئېغىز گەپ-سۆزىمىزدىن، يازغان ھەر بىر سۆز-ئىبارىلىرىمىزدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا ئادەتلەنسەك، نېمىدېگەن ياخشى ئىش بولاتتى-ھە! دەرۋەقە، ئانا تىلىمىزنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىنى كاپالەندۈرۈشتە، شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ  سەركەردىلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قەلەمكەش زىيالىيلار، تەھرىر، مۇھەررىرلەر باشلامچى بولمىسا،  بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك بولۇشى تەبىئىي. مەن مەزكۇر ژۇرنالدا ئىملا ئۆتكىلىنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇتۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم.

«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىدا ئېنىق بايانات ئېلان قىلىپ،  ئەگەر ژۇرنالدا ساقلانغان ھەر بىر ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ، ۋاقتىدا مەلۇم قىلغۇچىلارغا قارىتا تەقدىرلەش ئېلىپ بېرىش بەلگىلىمىسىنى چىقىرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنىدى. خېلى نوپۇزلۇق باشقا بىر قىسىم ژۇرناللارمۇ بۇ جەھەتتە دادىل ئىزدىنىپ، تەدرىجىي تاكامۇللاشتى. ئۆز گېپىمگە كەلسەم، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق  قىزغىن، ئىلمىي، قايىل قىلارلىق ھالدىكى تەشەببۇس ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقانلىقىدىن  بۇ ئىشنىڭ چوقۇم نەتىجىلىك يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەندىم ۋە كۆپ خۇرسەن بولدۇم.   مەن تىل-ئەدەبىيات تولۇق كۇرس كەسپىنى پۈتتۈرگەن 20 يىلدىن بۇيان، ئىزچىل دېگۈدەك تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇيغۇر تىلى» ۋە يېزىقچىلىق مەشقى دەرسىنى ئۆتۈپ  ۋە تەكرارىنى قىلىپ كەلدىم.  ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملا قائىدىسى مەسىلىسى ، تىل تەتقىقاتى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىمۇ ياراتتىم، شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ ئىملا نازارەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىمغىمۇ خېلى بولدى. شۇڭا  ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىملاسى ۋە باشقا يازمىلاردىكى ئىملا ھەققىدىلا كۆپ ئىنكاسلارنى يېزىپ يوللىغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر، بەزى مۇھەررىر، ئاپتور ۋە تونۇش-بىلىشلەر مېنى خېلى بۇرۇنلا «ئىملا ساقچىسى»، «تىلشۇناس جاناپ»، «ژۇرنالنىڭ ئېلىپبە مۇئەللىمى»، «ئىملا سەۋدايىسى»... دېگەندەك ھەر خىل، سەر خىل باھا ۋە «ئوردىن، نام-ئاتاق»لار بىلەن ھەم مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇردى ھەم تەنە ئارىلاش سۆزلەر بىلەن قىسقا ئۇچۇرلىرىنى ئايىماي يوللاپمۇ ئۈلگۈردى. ئەمما مەن يەنىلا بۇ«كونا كېسەل»دىن تېخىچە ساقىيالماي ئېغىرلىشىپ قېلىۋاتىمەن. ھەتتا «كېسەل» تۇرۇپمۇ مۇھەررىرلەرگە بۇ ھەقتە يەنە ئاز-تولا   تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئىملانىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىشى ئۈچۈن  ئورتاقلىشىۋېتىپتىمەن.

    دېمىسىمۇ، ژۇرنالنىڭ ئىملاسى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك تەكلىپلەرنىڭ ئىزچىل بېرىلىپ تۇرۇلۇشى ھەم مۇھەررىرلەرمۇ، كوررېكتورلارمۇ بۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشى ھەقىقەتەن تەخىرسىز ئىش. چۈنكى تەۋەرۈك ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، تىلىمىزدا بار-يوقى 32 ھەرپنى بىر كۈندە بىردىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بىر ئايدا تولۇق ساۋادلىق بولىۋېلىپمۇ سۆز-ئىبارىلەرنى توغرا يازغىلى بولاتتى ھەم شۇنداق قىلىش-ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىۋاتقان ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئەقەللىي ساۋات ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ھەم باش تارتىپ بولماس بۇرچ ئىدى! لېكىن  ژۇرنالدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە پات-پات ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئانا تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش-تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئانا تىلىمىزغا بولغان ھەقىقىي ھۆرمىتىمىزنى بارلىق ئاپتورلارمۇ، تېخىمۇ مۇھىمى- ئىملا ئۆتكىلىنى نازارەت قىلغۇچى خادىملارمۇ چىڭ  تۇتۇش ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا  ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن!

مەزكۇر ژۇرنال بۇ ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىنى سۆيۈپ ئوقۇپ، مەزكۇر ژۇرنالنى ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان  يازغۇچى، شائىر ۋە ئاپتورلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يازارمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز تىل-يېزىقىمىزغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭىمۇ، بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ سانى، مەزمۇنى، بەدئىيلىكى، تەربىيەۋىي ئەھمىيتى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولسۇن، ياكى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئىملاسى قاتارلىق جەھەتلەردىن بولمىسۇن، نۆۋەتتە خېلى ئالدىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ژۇرناللارنىڭ بىرى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمما شۇنىمۇ ئېتراپ قىلماي ئەسلا بولمايدۇكى، بۇ ژۇرنال مەملىكەت دەرىجىلىك بىردىن بىر مىللىي تىل-يېزىقىمىزدا چىقىدىغان ژۇرنال بولغىنىغا يارىشا، بەزى نۇقسانلاردىنمۇ خالىي بولالمىدى. مەن بۇ ژۇرنالنىڭ دائىمىيلىق ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنى ۋە ئاپتورى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن بۇ ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن مۇددىئا بىلەن بۇ ژۇرنالنىڭ ئەنە شۇ قىسمەن نۇقسانلىرىدىن پەقەت 2012-يىللىق 4- ۋە 5- ساندىكى ئىملا مەسىلىسىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن (بۇ ژۇرنالنىڭ ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىملا ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدىكى نەزەرىيەۋىي بايانلار ھەققىدە توختىلىشنى ئارتۇقچە كۆرگەچكە، گېپىمنى ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قوياي):

مەزكۇر ژۇرنال كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا كوررېكتورلۇق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ. مەسىلەن:

1) 2012-يىللىق 5-سان 47-بەت 1-ئىستون ئاستىدىن 5-قۇردىكى «...ئاپتورلار ژرۇرنىلىمىزغا ماقالە-ئەسەر ئەۋەتكەندە...»  دېگەن جۈملىدىكى «ژۇرنىلىمىزغا» دەپ يېزىلىشى كېرەك بولغان سۆز خاتا يېزىلىپ قالغان.

2) يەنە شۇ بەت، شۇ ئىستون، ئاستىدىن  2-قۇردىكى «...ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى...» دېگەن ئىبارىدىمۇ «تېلېفون»دەپ توغرا يېزىلىشى كېرەك بولغان سۆز «تېلېفۇن»دەپ خاتا يېزىلىپ قالغان.

3) 2012-يىللىق 5-سان، 64-بەت 2-ئىستون ئاستىدىن 13-قۇردىكى «...ئويلىرى بويىچە بىلەن كۆپ خىل تېمىلاردا....»دېگەن جۈملىدىكى «بىلەن»سۆزى ئارتۇقچە قوشۇلۇپ قالغان.

4) 2012-يىللىق 4-سان، 66-بەت 2-ئىستون ئاستىدىن 5-قۇردىكى «...ئاپتورلارنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىنى يېڭى ئادرېسقا ھەم تەھرىر بۆلۈمىمىز نامىغا ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛» دېگەن جۈملىدىكى «؛» زورلاپ قويۇلۇپ قالغان، ئەسلى بۇ ئورۇنغا پەش قويۇلسىلا بولاتتى. تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا، توغرا قوللىنىلىشىمۇ ماھىيەتتە، ئىملا جەھەتتىكى تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.

5) 2012-يىللىق 4-سان، 70-بەتتىكى «سۇ قەھەتچىلىكىدىن ئاگاھ بولايلى» دېگەن ماقالىدىكى ھەر بىر كىچىك تارماق تۈرلەردىن كېيىن  چېكىت قويۇلماي يېزىلسا توغرا بولاتتى. شۇڭا تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا، توغرا قوللىنىلىشىگىمۇ تولۇق ئەھمىيەت بېرىلسە، ۋاھاكازالار...

يۇقىرىقىلارنى  ئالاھىدە چوڭ خاتالىق-نۇقسان دەپ قاراپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما   تەۋەررۈك ئانا تىلمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئىملاغا چوقۇم تولۇق ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. يۇقىرىدا كۆرسەتكىنىم پەقەتلا  2012-يىللىق 4- ۋە 5- ساندىكى ئىملا خاتالىقلىرىدۇر، خالاس. بۇ ھەقتە باشقا مىساللارنى كەلتۈرۈپ ئولتۇرمىدىم.  شۇنى تولۇقى بىلەن ئىتىراپ قىلماي، ۋاقتىدا تۈزىتىپ توغرىلىماي قەتئىي بولمايدۇكى، رايونىمىزدىكى  بىردىن بىر دۆلەت دەرىجىلىك نوپۇزغا مۇشۇنداق تەۋەرۈك بىرلا ژۇرنالدا بۇنداق نۇقسانلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىشىگە يەنە سۈكۈت قىلىپ ساقلاۋېرىشكە  ئەسلا بولمايدۇ.

گەرچە بۇ ژۇرنالغا ماقالە-ئەسەر يوللايدىغانلارنىڭ ھەممىسى يازغۇچى (شائىر) ئەمەس، ئوخشاشلا، خېلى قاملاشتۇرۇپ يازىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىمۇ بۇ ژۇرنالنىڭ دائىمىيلىق ئاپتورلىرى ئەمەس. ئەمما بۇ ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك قەلەمكەشلەر، مەخسۇس كەسپىي خادىملار، شۇنداق بولغاچقا، چوقۇم «قىرغىزغا چۇشلۇق قالپاق بولۇشى»، يازغۇچى- قەلەمكەشلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان بۇ «سورۇن»- بۇ ژۇرنالدا بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ئۈچۈن خالىس خىزمەتتە بولىۋاتقان بار-يوقى 32 ھەرىپىمىزنى گەرچە ئۆز قول يازمىلىرىمىزدا ھەر خىل بانايى-سەۋەبلەر بىلەن توغرا ئىشلىتەلمەيۋاتقان بولساقمۇ، ھېچ بولمىغاندا، بۇ ژۇرنالنىڭ سەھىپە- بەت يۈزلىرىدە بولسىمۇ، توغرا ئىشلىتىشكە ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ، يەنە بىر قېتىم كۈچەپ قويايلى، قېرىنداشلار! چۈنكى بۇ-ھەممىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، تامامەن ئەرزىيدىغان خاسىيەتلىك ئەمگەك! خۇلاسە كالام شۇكى، بۇ ژۇرنالنىڭ سەھىپە ناملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلاردىكى ئىملا توغرا بولسا، ئاپتورلارمۇ، ئوقۇرمەنلەرمۇ ئۆز  ماقالە-ئەسەرلىرىنى خاتا ئىملادا يوللاشتىن ئەيمىنىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلماي يەنە بولمايدۇكى، باشقا مەتبۇئاتلاردا ئازدۇر- كۆپتۈر ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ بولۇشى بەلكىم  ئانچە چوڭ نۇقسان  ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما دۆلەت دەرىجىلىك نامغا، ئابرويغا، تەسىرگە ئىگە ژۇرنالغا، مۇشۇنداق نوپۇزى بار ژۇرنالنىڭ يازغۇچى- قەلەمكەشلىرى توپلاشقان  مۇشۇنداق نوپۇزلۇق بۇ ژۇرنالدا  ئىملا ۋە باشقا جەھەتتىكى نۇقسانلارغا يول قويۇلۇپ تۇرىۋېرىشىنى يەنە سۈكۈتتە چىدام-غەيرەت بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋېرىشىمىزگە ئەمدى قەتئىي بولمايدۇ! سۇ بېشىدىن لاي كەلسە، دەريا-كۆللەر لايدا تۇنۇپ كېتىشى، سۇ بېشىدىن لاي بولسا،  ئاياغدىكى سۇنىڭمۇ ئۇنچە  سۈزۈك  بولۇپ كېتىشى ناتايىن! سۆزۈمنى بۈيۈك تىلشۇناسىمىز نەۋائىينىڭ مۇنۇ ھېكمىتى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:

ئۆتمەيدۇ بالىغا ئاتىنىڭ سۆزى،

بال يېمە! دېسە گەر يەپ تۇرۇپ ئۆزى!

14. مەزكۇر ژۇرنال ئۆزىنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىنى خېلى بۇرۇنلا  تەھسىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما  ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭىلىنىشى تېز بولماي، يەنىلا «ئاتام ئېيتقان بايىقى» بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ،ژۇرنال تور بېتىنى نۆۋەتتىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە تەلىپىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم كۈچ چىقىرىلىشى كېرەك. چۈنكى ھازىر توردىن پايدىلىنىدىغانلارمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم شەخسىي تور بېكەتلىرى ۋە بىلوگلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشىمۇ ئاجايىپ تېزلىشىپ كەتتى. شۇڭا بۇنداق كۈچلۈك رىقابەت ئالدىدا چوقۇم بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم.

15. ئىلگىرى  مەزكۇر ژۇرنالنىڭ «ئالاقە تورى» بار ئىدى، بۇ ئارقىلىق مەزكۇر ژۇرنالنىڭ جان كۆيەر ئوقۇرمەنلىرى ئىجادىيەت، تۇرمۇش ۋە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشلىرى ھەققىدە ئۆز ئارا پىكىر-تەسەۋۋۇرلىرى ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ تۇرالايتتى. گەرچە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ئىزچىل نىسپىي مۇقىم ھالدىكى ئاپتورلار قوشۇنى بار بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئاپتورلار قوشۇنىدىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھېچ بولمىغاندا، بۇ  «ئالاقە تورى» ھەر تۆت-بەش يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ يېڭىلىنىپ، ھېچ بولمىغاندا، دائىمىيلىق ئاپتورلارغا بولسىمۇ يادىكار سۈپىتىدە ھەر سان ژۇرنال ئەۋەرتىپ بېرىلسە، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ژۇرنال ئۈچۈن خېلىلا ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇنچىلىك ئىش دۆلەت دەرىجىلىك بىر نوپۇزلۇق ژۇرنال ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنچىۋالا كۆپ تەنەرخ چىقارمايمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ ئىشقىمۇ بارا-بارا كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. شۇڭا مۇشۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرمۇ قايتا مۇزاكىرە قىلىپ  بېقىلسا.

                                      2012-يىل 26-دېكابىر


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91586
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 10:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇندىن باشقا ھازىر دۆلەت «پەن مائارپ ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش»،«يېڭىلىق يارىتىش(يەنىي ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىش)  مىللەتنى گۈللەندۈرۈش»ئىستىراتىگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇۋاتىدۇ.مىللىي رايۇنلارنىڭ ئىقتىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. بىز بىر پۈتۈن مىللەت ھەققىدە پاراڭ قىلغان نوقۇل ئۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەدىنىيىتى جۈملىدىن ئەدەبىياتى سەنئېتى ئۈستىدىلا گەپ قىلماستىن ،بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ماددىي مەدەنيىتى،جۈملىدىن ماددى تەرەققىياتنى ئىلگىرىرى سۈرۈدىغان تەبىئى پەندىن ئىبارەت يادرو ۋە ئاچقۇچنىمۇ بىرلىكتە ئويلۇشىشىمىز كېرەك.ھازىر ئۇيغۇر جەميىتىدە چىقىۋاتقان سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىلىۋاتقان ژورنالدىن بىرى بولغان مىللەتلەر ژورنىلىمۇ چوقۇم خەلق تەبىئىي پەن ئېڭىنى ئۆستۈرىدىغان ئېڭىنى ئۆستۈرىشكە ياردىمى تېگىدىغان ۋە ئىلغار پەن مەدەنىيەت ئىگەللەشكە دەۋەت قىلىدىغان نادىر سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىپ تەبىئىي ساھاسىدىكى ۋىجدانلىق ئىستىداتلىق ئالىملار، پەيلاسوپلار(مېنىڭ نەزىرىمدىكى پەيلاسوپ قانداقتۇر  پەيلاسوپتەك  ھىسياتلىق شىېر يازىدىغان ياكى ئادەم روھىنىڭ پاراسەتلىك سوغۇق قان  ئەمەس پەرۋانىدەك ئوتقا ئۇرۇدىغان، ھىسياتچان بولۇپ تاۋلىنشىغا يىتەكلەيدىغان  ئەدىب- شائېرلارنى دېمەكچى ئەمەسمەن.). ھازىر  بۇنداق مەسئۇلىيەتنى باشقا ژورناللار ئادا قىلىشنىمۇ ئويلاشمىغاندەك قىلىدۇ. ئىھتىمال ئۇلارنىڭ ئاپتۇرلار قوشۇنى ياكى تەبىئىي پەنگە ئالاقىدار  ماقالىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا بەرگدەك قەلەم ھەققى يوقمۇ ياكى جۈرئىتى مەسئۇلىيىتى يوقما ؟ىش قىلىپ بۇ بىر بۇش توچقا بولۇپ تۇرماقتا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارىپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-22 10:34 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  |8 |6 o! S0 I2 r3 y, j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: B4 `/ G0 c6 T

تەبىئى پەن ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ئىزدىنىش پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىتىن دېرەك بېرىدۇ. ____ ئارىپ
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:20:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:37:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:45:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ...پېقىر ‹‹جۇڭگۇ مىللەتلىرى›› ژورنىلىنىڭ دايىملىق ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولۇشبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 z: E' ?- Q$ _+ S5 U' y7 p# a0 X: N
   سۈپىتىم بىلەن،بۇ ژورنالغا سۇنۇلغان تەكلىپ پىكىرلەرنى قىزغىن قوللايمەن!...يۇقارقىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 }* m( \& I& v6 M' @
   ‹تەكلىپ›لەر مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن،ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىلىپتۇ....

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45590
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6522 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 01:39:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەكلىپلەرگە مەزكۇر ژۇرنال باش مۇھەررىرى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپتۇ. بەلكىم دېگەنلىرىنى ئاستا-ئاستا ئەمىلىلەشتۈرۈشى مۇمكىن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* P' f  _7 X8 f- R- c) _2 Q& _! U, c
  تەپسىلاتى مۇنۇ ئۇلىنىشتا بار:
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, m) e& m9 S! W/ N3 ~7 y( k6 Y, m  }- L4 R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 N) t1 B; O+ Q
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=9973#lastpost

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2812
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16464
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2518 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 10:08:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېستىمىلىق پىكىر ۋە تەلەپ ئورۇنلۇق سادا ئىكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5394
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1315 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:54:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۆمىدىكى كومپىيۇتىردا ‹‹ ئەلكاتىپ يىزىق تەكشۈرۈش ›› سىستىمىسى يوقمىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5112
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8594
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 02:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« جۇڭگو مىللەتلىرى' باشقا ژورناللاردىن پەرقلىق ھالدا تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىننىڭ يېقى ئىسلاھات قىلىدۇق دەپ. بەت يۈزى ياخشىلىنىپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ^) T7 V! T' g9 }  i  ئەمما مېنىڭ دەيدىغىنىم. بەت يۈزىنىڭ رەڭدارلىقمۇ مۇھىم. ئەمما بۇ ھازىر ئۇيغۇرچە ژورناللارنىڭ باھاسى بارغانسىرى ئۆسۈپ كېتىپ بارىدۇ. باھا مەسىلىسى ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئىچىدە بولسا ياخشى بولاتتى. بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى ئارىسىدا... مۇشۇ بىر مەسىلە ئويغۇر كىتاب -ژوربالچىلىقىدا... بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `+ F* C& d4 T8 ?. L$ V
   باشلىقلار، چىقىۋاتقان ئاشۇ ماتىرىياللارنى تۆۋەن كىرىملىكلەر كۆرەلەيدىغان قىلىپ چىقارغان بولسا تولىمۇ، خەلىقچىللىق قىلغانلىق بولاتتى دەپ قارايمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, }( `7 e5 v/ \1 _. B$ j  باشقا جەھەتتىن خەنزۇچە نەشىرىياتچىلىقنى ئالامەت ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ. ئەمما باھا مەسىلىسىدە تازا ئۈلگە قىلالمايۋاتىدۇ ئۇلارنى...

كۆرگۇنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلىگىنىڭ                       ----ئەنۋەر ناسىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7329
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1777 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 11:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەكزات؟

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش